ساقىيقۇش
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ساقىيقۇش، ساقىيقۇش ئۇرۇقدىشىدىكى سەككىز خىل سۇ قۇشىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 150 سانتىمېتىر، پۈتۈن بەدىنى قويۇق ھەم قىسقا پەيلەر بىلەن قاپلانغان، پەيلىرى ئاق، ئاچ قىزىل رەڭ ياكى سۇس كۈلرەڭ قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. بەزى تۈردىكى ساقىيقۇشنىڭ تەن شەكلى بىرقەدەر چوڭ، ئۇنىڭ قانىتىنىڭ ئېچىلغان چاغدىكى كەڭلىكى 3 مېتىر، ئۇزۇنغا ئۇچالايدۇ، ئۇچۇش سۈرئىتى سائىتىگە 40 كىلومېتىر.
تۇمشۇقىنىڭ ئۇزۇنلىقى 30 سانتىمېتىر، تۆۋەنكى ئېغىز پوستى بىلەن تېرىسى تۇتاشقان بولۇپ چوڭ تۇلۇم شەكىللەنگەن. بەدىنى ئەركىن ئۇزىراپ قىسقىرالايدۇ. قۇيرۇق تۈۋى قىسمىدا سېرىق ماي بېزى بار، قۇيرۇقىدا نۇرغۇن ياغ، ماي سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان پەيلەر بار، پەيلىرى سىلىق، يۇمشاق، سۇ ئۆتكۈزمەيدۇ.
پۈتۈن دۇنيادىكى ئىللىق سۇ رايونىغا تارقالغان. چوڭ سۇ قۇشى. بەزىسىنىڭ تۇمشۇقى قىسقا، كېكىردەك خالتىسى تەرەققىي قىلغان، بېلىق تۇتۇشقا ماسلاشقان، لېكىن ساقلىمايدۇ. ئاساسلىقى كۆل، دەريا، دېڭىز ياقىسى ۋە سازلىقلاردا ياشايدۇ. ئادەتتە توپ بولۇپ ياشايدۇ، ئۇچۇشقا ماھىر، سۇ ئۈزۈشكە ماھىر، يەر يۈزىدىمۇ ماڭالايدۇ.
ئۇچقاندا بېشىنى كەينىگە يىغىۋالىدۇ، بوينىنى ئېگىپ دۈمبىسىگە يۆلەپ، پۇتىنى كەينىگە سوزۇپ، ئىككى قانىتىنى ئاستا ھەم كۈچلۈك تەۋرىتىپ، خۇددى بۈركۈتكە ئوخشاش، ئۆرلىگەن ئىسسىق ھاۋا ئېقىمىدىن پايدىلىنىپ ئۇياق-بۇياققا شۇڭغۇپ ئاسماندا پەرۋاز قىلىدۇ، لېكىن ئادەتتە بۈركۈتتەك ئېگىز ئۇچالمايدۇ، سۇ ئۈزگەندە، بوينىنى دائىم ئەگرى « S » شەكلىدە بولۇپ، پات-پات بوغۇق ئاۋاز چىقىرىدۇ. ئاساسەن بېلىق بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، ئوزۇق ئىزدىگەندە يۇقىرى بوشلۇقتىن ئۇدۇل سۇغا شۇڭغۇپ چۈشىدۇ.
ساقىيقۇشنىڭ تېنى يوغان بولۇپ، قۇرامىغا يەتكەن ساقىيقۇش ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1.7 مېتىر ئەتراپىدا، قانىتى ئۈچ مېتىرغا يېتىدۇ، ئۇنىڭ قانىتى كۈچلۈك، چوڭ گەۋدىسىنى ئاسانلا ئاسمانغا ئېلىپ چىقالايدۇ. ئېغىرلىقى 13 كىلوگىرام، ھازىرقى قۇشلارنىڭ ئىچىدە تېنى ئەڭ چوڭ بولغان قۇشنىڭ بىرى. ئاغزى يوغان، تۈز، ئۇزۇن، ئۇزۇنلۇقى 30 سانتىمېتىر، ئۈستۈنكى تۇمشۇقىنىڭ ئۇچى ئاستىغا ئېگىلگەن، ئىلمەكسىمان ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن.
تۆۋەنكى ئېغىزى ئوڭ-سول ئىككى تارماققا بۆلۈنگەن بولۇپ، چوڭ ھەم تارىيىش كېڭىيەلەيدىغان تېرە بوغۇز خالتىسى بار، تۆۋەنكى ئېغىزى پوستى بىلەن تېرىسى تۇتاشقان بولۇپ، ئەركىن ئۇزىراپ قىسقىرالايدۇ. ئۇ يەردە تايتاڭ-تايتاڭ دەلدەڭشىپ ماڭىدۇ. ساقىيقۇش ئاغزىنى چوڭ ئاچالايدۇ بولۇپمۇ ئۇ ئوۋ ئوۋلىغان ۋاقىتتا، چوڭ ئېغىزى ۋە كېكىردەك خالتىسى دېڭىز سۈيى بىلەن تولىدۇ، ئۇنىڭ سۇدىن چىقىشىنى ناھايىتى قىيىنلاشتۇرۇپ قويىدۇ.
بۇرۇن تۆشۈكى كىچىك، تۇمشۇقىنىڭ تۈۋىگە جايلاشقان. كۆز ئالمىسى سىرتىغا چىقىپ تۇرىدۇ. بوينى ئۇزۇن ھەم بىرقەدەر كىچىك بولىدۇ. قانىتى كەڭ، لېكىن شەكلى ئۇزۇن ھەم ئۇچلۇق، قۇيرۇقى قىسقا ھەم چاسا شەكىللىك، ئوشۇق-پەنجىسى قىسقا ھەم ياپىلاق، ئالدىدا تور شەكلىدىكى ئىنچىكە قاسراقلىرى بولىدۇ.
ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى قويۇق ھەم قىسقا پەيلەر بىلەن قاپلانغان، پەيلىرى ئاچ قىزىل ياكى سۇس كۈلرەڭ قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. ساقىيقۇش سۇدىن چىققاندا دائىم قۇيرۇقىنى ئاۋۋال سۇدىن چىقىرىپ ئاندىن بەدىنىنى ۋە چوڭ ئاغزىنى چىقىرىدۇ. ساقىيقۇش ئاغزىدىكى دېڭىز سۈيىنى قۇسۇپ چىقىرۋەتكەندىلا، ئاندىن سۇ يۈزىدىن ئۇچالايدۇ.
ساقىيقۇشپۈتۈن يەر شارىدىكى ئىللىق سۇ دائىرىسى تارقالغان، كۆپ قىسمى ئاسىيا قىتئەسىگە، ياۋرۇپا، ئافرىقا ۋە ئاۋسترالىيە گە جايلاشقان. ساقىيقۇش دېڭىز قىرغىقى ۋە دەريا-كۆل قىرغاقلىرى ۋە دۇنيانىڭ نۇرغۇن رايونلىرىغا تارقالغان. بۇ خىل قۇشلار توپلىشىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئادەتتە بىرلىك قىلىپ، بىر قاتار بولۇپ تىزىلىپ، ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ. كۆپىيىش مەزگىلىدە بولسا، ئادەتتە ئارالدا توپلىشىپ ياشايدۇ. جۇڭگو دىكى ساقىيقۇش جەمئىي 3 خىل، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاق ساقىيقۇش، ئالا تۇمشۇق ساقىيقۇش ۋە بۈدۈر پەيلىك ساقىيقۇش قاتارلىقلار. ئالا تۇمشۇق ساقىيقۇشنىڭ ئېغىزى كۆك رەڭلىك داغلار بىلەن قاپلانغان، بېشى ئۈستىدىكى ھال رەڭ تاجى بار، ئۈستى كۈلرەڭ قوڭۇر، ئاستى ئاق رەڭلىك. ئاق ساقىيقۇش ئاساسلىقى جۇڭگونىڭ شىنجاڭ، فۇجيەن قاتارلىق جايلىرىغا تارقالغان، ئۇلارنىڭ تېنىنىڭ رەڭگى قاردەك ئاپئاق. ھەر ئىككىلىسى جۇڭگونىڭ 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانى.
ئاساسلىقى كۆل، دەريا، دېڭىز بويى ۋە سازلىقلارغا ماكانلاشقان بولۇپ، قاقاس ئارال، لاگۇنا، كۆل ۋە مانگرو ئورمىنى قاتارلىق جايلاردا ياشايدۇ.
ئۇيغۇرچە نامى | لاتىنچە نامى | خەنزۇچە نامى |
ئاق ساقىيقۇش | Pelecanus onocrotalus | 白鹈鹕 |
ھال رەڭ دۈمبە ساقىيقۇش | Pelecanus rufescens | 粉红背鹈鹕 |
ئالا تۇمشۇق ساقىيقۇش | Pelecanus philippensis | 斑嘴鹈鹕 |
بۈدۈر پەيلىك ساقىيقۇش | Pelecanus crispus | 卷羽鹈鹕 |
ئاۋسترالىيە ساقىيقۇش | Pelecanus conspicillatus | 澳洲鹈鹕 |
ئامېرىكا قىتئەسى ساقىيقۇش | Pelecanus erythrorhynchos | 美洲鹈鹕 |
پېرۇ ساقىيقۇش | Pelecanus thagus | 秘鲁鹈鹕 |
قوڭۇر ساقىيقۇش | Pelecanus occidentalis | 褐鹈鹕 |
ھەممىسى «دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى» تەرىپىدىن 2012-يىلى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەر قىزىل تىزىملىك ver 3.1 تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.