ئەندىر قەدىمىي شەھىرى خارابىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئەندىر قەدىمىي شەھىرى خارابىسى نىيە ناھىيەسىنىڭ ئەندىر چارۋىچىلىق فېرمىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 27 كىلومېتىر كېلىدىغان قۇملۇقتا بولۇپ، خارابىلىكتىكى بۇددا مۇنارى ۋە ئىبادەتخانىدىن ساپال بۇيۇملار ۋە ئەينەك پارچىلىرى تېپىلغان.
20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەشھۇر ئېكسپېدىتسىيەچى ستەين بۇ خارابىلىكتىن نۇرغۇن تۈبۈتچە، براھمانچە ۋە خەنزۇچە ۋەسىقە (ھۆججەت) ھەم بىر تۈركۈم نەپىس مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئېلىپ كەتكەن. ئەندىر قەدىمىي شەھىرى خارابىسىدە ھازىر ھالقىسىمان شەكىلدىكى شەھەر ئورنى، بۇددا ئىبادەتخانىسى، بۇددا مۇنارى، قەبرىستانلىق بار، ئەندىر دەرياسى ئېقىنىنىڭ سۈيىنىڭ ئازلاپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، ئەندىر قەدىمىي شەھىرى تەدرىجىي تاشلىنىپ قالغان.
بۇ خارابىلىكتە يەنە بىر بۇددا مۇنارىنىڭ قالدۇقى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئېگىزلىكى يەتتە مېتىر، چاسا شەكىلدە ئۈچ قەۋەتلىك، مۇنار گەۋدىسى يۇمىلاق تۈۋرۈك شەكىلدە بولۇپ، خام كېسەك بىلەن قوپۇرۇلغان. بۇ قەدىمىي شەھەر خارابىسىنى 2001 – يىلى گوۋۇيۈەن 5 – تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئورۇن دەپ ئەنگە ئالغان.[1]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.