مەجۇنى بەرشىشا
مەجۇنى بەرشىشا ئاغرىق توختۇتۇش، تىنچلاندۇرۇش،ئۇخلۇتۇش، يۆتەل توختۇتىش تەسىرىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ دورا جىگەر رەڭلىك مەجۇنات بولۇپ، تەمى ئىنتايىن ئاچچىق.
يۇقۇرىقى 9 خىل دورىدىن خەشخاش پوستىغا سۇ قوشۇپ،ھەر قېتىمدا 1 سائەتتىن جەمى 3 قېتىم قاينىتىپ، قاينىتىلغان ئېرىتمىلەرنى قوشۇپ،سۈزۈپ،سۈزۈلگەن ئېرىتمىنىنىسپىيزىچلىقى1.32~1.36(℃50) بولغانغا قەدەر قۇيۇلدۇرۇپ قۇيۇق مەلھەم تەييارلىنىدۇ. قالغان قارىمۇچ قاتارلىق 8 خىل دورىنى يۇمشاق تالقانلاپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، يۇقۇرىدا تەييارلانغان مەلھەم ۋە مۇۋاپىق مىقداردىكى چەكىلەنگەن ھەسەل بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ 1000g مەجۇنات تەييارلىنىدۇ.
ئاغرىق توختۇتۇش، تىنچلاندۇرۇش،ئۇخلۇتۇش، يۆتەل توختۇتىش تەسىرىگە ئىگە.
زۇكام، نەزلە،باش قېيىش، كۆز قاراڭغۇلىشىش،قۇلاق غۇڭىلداش، نېرۋا ئاجىزلىق، تۇتقاقلىق، پەي ۋە مۇسكۇللار بوشۇشۇش، ھەر خىل ئاغرىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ دورا مەجۇن ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دورا ئۆلچىمى ئۇيغۇر تىبابەت دورا قىسمى،قوشۇمچە I)
گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.
بۇ دورىدىنg 20 ئېلىپ،مۇۋاپىق مىقداردىكى دىئاتومىدنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، 40ml سۇسىز ئېتانول قوشۇپ ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا 30 مىنۇت بىر تەرەپ قىلىپ، سۈزۈپ، 1ml قالغۇچە قۇيۇلدۇرۇپ سىناق ئېرىتمىسى قىلىنىدۇ.قارىمۇچ ئىشقارى سېلىشتۇرما دورىسىدىن قۇڭۇر رەڭلىك ئۈلچەش قۇتىسىغا مۇۋاپىق ئېلىپ، سۇسىز ئېتانول قوشۇپ ھەر 1ml سۇيۇقلۇقتا 4mg دورا تۇتقان سېلىشتۇرما ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى جوڭگو دورا قامۇسى بىرىنچى بۆلۈم 2010-يىل (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى بويۇچە يۇقۇرقى ئىككى خىل سىناق ئېرىتمىسىدىنµl4 شۈمۈرۈپ ئېلىپ، نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل G لىق تاختا ئۈستىگە ئايرىم-ئايرىم نوختا تېمىتىپ(7∶2∶1)بېنزول-ئېتىل ئاتسىتات-پروپان كىتوننى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرتۇپ، ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر چىرىغى (365nm) ئاستىدا كۈزۈتىلىدۇ. سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىردا، سېلىشتۇرۇلغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىردىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك يالتىراق داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ. تاختا ئۈستىگە %10 لىك سۇلفات كېسلاتا ئېتانول ئېرىتمىسى پۈركۈپ، داغ توچكىلىرىنىڭ رەڭگى ئېنىق كۈرۈنگۈچە ℃105 لىق ھارارەتتە قاقلىنىدۇ. سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىردا، سېلىشتۇرۇلغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىردىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.
تەنھەرىكەتچىلەر،بالىلار ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىش كېرەك،ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.