نورمال تۇغۇلغان بوۋاق

نورمال تۇغۇلغان بوۋاق
ئاي كۈنى توشۇپ تۇغۇلغان بوۋاق 34 ھەپتىلىكتىن چوڭ 42 ھەپتىلىكتىن كىچىك (259-294 كۈن) بولغان بوۋاق نورمال تۇغۇلغان بوۋاق ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇرچە نامى نورمال تۇغۇلغان بوۋاق
خەنزۇچە نامى 正常出生的婴儿

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نورمال تۇغۇلغان بوۋاق نورمال تۇغۇلغان بوۋاقلار تۇغۇلغاندا ھامىلە يېشى 24 ~ 37 ھەپتىگە تولغان، بەدەن ئېغىرلىقى 5.2 ~ 4 كىلوگرامغىچە بولغان، ھېچقانداق غەلىتىلىك ھەم كېسەللىك ئالامەتلىرى بولمىغان ئاي كۈنى تولۇپ تۇغۇلغان بوۋاقلارنى كۆرسىتىدۇ.

نورمال تۇغۇلغان بوۋاقپۇت-قولى ئەگمە شەكىلدە، تېرە رەڭگى قىپقىزىل، تېرە ئاستى مايغا تولغان، چېچى ئاز، چاچ تىلىمچىلىرى ئېنىق، كۆمۈرچىكى ياخشى يېتىلگەن، قۇلاق سۇپۇرىسى تىك شەكىللەنگەن بولىدۇ، ئەمچەك توپچىسى چىقىپ تۇرىدۇ، ئەتراپىدىكى ھالقىسىمان قارا داغ ئېنىق، سۈت بېزىنى باسقاندا تۈگۈنچىلەرنى بىلگىلى بولىدۇ، تىرنىقى بارماق ئۇچىدىن ئېشىپ تۇرىدۇ، پۇت ئاستىدىكى بارلىق سىزىقلار ئېنىق، ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ ئۇرۇقدىنى كۆپىنچىسى ئۇرۇقدان خالتىسىنىڭ تۆۋىنىگە چۈشۈپ تۇرىدۇ، ئۇرۇقدان خالتىسىدىكى قورۇقلار شەكىللەنگەن بولىدۇ، قىز بوۋاقلارنىڭ چوڭ جىنسىي لەۋ يېتىلگەن بولۇپ، كىچىك جىنسىي لەۋنى ياپالايدۇ.

بوۋاققورساق ئايلانمىسى قورساقنى كىندىك (كىچىك بوۋاقلارنىڭ خەنجەرسىمان ئۆسۈكچە بىلەن كىندىك ئارىلىقىدىكى مەركىزىي نۇقتا) بىلەن تەكشى پاراللېل بىر ئايلاندۇرۇپ چىققاندىكى ئۇزۇنلۇق ئىككى ياشتىن ئىلگىرى كۆكرەك ئايلانمىسى بىلەن قورساق ئايلانمىسى تەخمىنەن تەڭ. ئىككى ياشتىن كېيىن قورساق ئايلانمىسى كۆكرەك ئايلانمىسىدىن كىچىك بولىدۇ. قورساق ئايلانمىسىنى توغرا ئۆلچىمەك قىيىن ھەم تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار كۆپرەك، ئەھمىيىتى چوڭ ئەمەس. ئەمما قورساق قىسىم كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولسا مەسىلەن: ئىستىسقا، بوغماق ئۈچەي زىيادە چوڭىيىپ كەتسە ۋاقتىدا ئۆلچەش كېرەك.

بوۋاقيېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ھەم بالىلارنىڭ نەپەسلىنىشى قورساقچە نەپەسلىنىشنى ئاساس قىلغاچقا، نەپەسلىنىش قېتىم سانىنى قورساق تۆۋەن قىسمى (دوۋسۇن) نىڭ كۆتۈرۈلۈپ، چۈشۈشىگە قاراپ ھېسابلىغىلى بولىدۇ. ئەگەر نەپەسلىنىشى بەك تېز بولۇپ ئېنىق كۆرگىلى بولمىسا، بىر ئاز پاختا تالاسىنى بۇرۇن گىرۋىكىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، پاختا تالاسىنىڭ ھەرىكەتلىنىشىگە قاراپ تەكشۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. بالىلارنىڭ تومۇر سوقۇشىنى بىلەك تومۇرىنى تۇتۇپ ئېنىق بىلگىلى بولمايدۇ. شۇڭا بويۇن ئارتېرىيىسى ياكى يوتا ئارتېرىيىسىنىڭ تەۋرىنىشىگە قاراپ ھېسابلايمىز.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقيېڭى تۇغۇلغان بوۋاق تۇغۇلۇپ دەسلەپكى بىر نەچچە كۈندە بەزىدە تۇيۇقسىز پۈتۈن بەدىنىگە قىزىل رەڭلىك دۆڭچە ئەسۋە ئۆرلەپ كېتىدۇ. دۆڭچە ئەسۋەنىڭ ئەتراپى قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ، بەك قورقۇنچلۇق، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە بولۇپ، جىددىيلەشمىسىمۇ بولىدۇ. ئادەتتە بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ. داۋالاش ھاجەتسىز، پىگمېنتلىق داغ ئادەتتە «مەڭ» دېيىلىپ، كۆپىنچىسى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ توققۇزكۆز، كاسا، پاچاقلىرىدا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بۇ بىر خىل فىزىئولوگىيىلىك ئەھۋال بولۇپ، داۋالاش ھاجەت ئەمەس، ئادەتتە بەش كۈندىن ئالتە كۈنگىچە ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى يۇيۇشيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئاسانلا سۈت ياندۇرۇش ياكى قۇسۇشتىن سۈت كىيىم ئىچىگە كىرىپ بويۇن، مەيدە ھەتتا قۇلاق ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ مېتابولىزمى ئىنتايىن جانلانغان بولۇپ، ئاسان تەر چىقىدۇ، چوڭ-كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپ، شۇڭا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرىسى ۋە كىيىمى تېز مەينەت بولىدۇ. يۇيۇش يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرىسىنى پاكىزلاپلا قالماي قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىسى بار ھەمدە ئاتا-ئانىلار بۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ بوۋاقنىڭ پۈتۈن بەدەن تېرىسىنى، كىندىكىنى، پۇت-قولىنىڭ ھەرىكىتى ھەم قىياپىتى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى كۆزىتىپ، ۋاقتىدا مەسىلىلەرنى بايقىشىغا قۇلايلىق. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى سىيلاپ ئۆزئارا ئارىدىكى ھېسسىياتى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان ساغلام بوۋاقلارغا نىسبەتەن شارائىت يار بەرسىلا تۇغۇلۇپ 24 سائەتتىن كېيىن ھەر كۈنى يۇيۇپ تۇرسا، ھەر كۈنى ئەتىگەندە كەچتە بوۋاقنىڭ باش، يۈز، كاسا ھەم تېرىسىنىڭ قورۇق ئارىلىقلىرىنى يۇيۇپ بەرسە، ياز پەسلىدە ئەھۋالغا قاراپ يۇيۇش قېتىم سانىنى كۆپەيتسە بولىدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى بەك يەڭگىل(ئادەتتە ئىككى كىلوگرامدىن تۆۋەن) لەرگە نىسبەتەن، بەدەن ئەھۋالى ناچارراق ياكى كۈندە يۇيۇپ تۇرۇشقا شارائىتى يوق يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ھېچبولمىغاندا كۈندە سۈرتۈپ پاكىزلاش كېرەك.

بىرىنچى ئايدا ھەر ھەپتىدە 110 ~ 200 گرام ئەتراپىغىچە ئاشىدۇ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئالدىنقى ئالتە ئايدا ھەر ئېيىدا 230 ~ 450 گرامغىچە ئاشىدۇ. كېيىنكى ئالتە ئايدا ھەر ئېيىدا 340-450 گرامغىچە ئاشىدۇ، كۆرسىتىشكە تېگىشلىك بولغىنى شۇكى بالىنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى بولغان ئانا بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشىغا ھەددىدىن زىيادە دىققەت قىلىۋالماسلىقى كېرەك، بۇ پەقەت بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئۆلچەم. بالىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىدىن ھەددىدىن زىيادە ئەنسىرىگەندە، سۈتنىڭ نورمال كېلىشىگە تەسىر يېتىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#