خەن گائىن

خەن گائىن (Han Ga In)كورىيەنىڭ سىئول شەھرىدە تۇغۇلغان .  ئەسلى ئىسمى كىم  خيۈنجۇ  (KimHyunJu)  . كورىيەنىڭ ئايال ئارتىسى ، كيۇڭ خى ئۇنىۋېرسىتىتى(Kyung Hee University)نى پۈتتۈرگەن .كورىيەلىكلەرنىڭ  «تۇنجى ئاشىقى»دەپ تەرىپلىنىدۇ .

خەن گائېن بىزنىڭ ياقتۇرۇشىمىزغا ئېرىشكەن «مۇھەببەت شەرتلىرى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى «يىنبو» ئوبرازى بىلەن ياخشى كۆرىشىمىزگە ئېرىشىپ ،   دۆلىتىمىز كۆرۈرمەنلەرنىڭ  كۆرۈش دائىرىسىگە كىرگەن ھەم كىشىلەرگە تونۇلغان .


ئۇيغۇرچە ئىسمى خەن گائىن
باشقا نامى 金贤珠、김현주كىم خيۈنجۇ (KimHyunJu)
يۇرتى كورىيە سىئول شەھرى
بوي ئېگىزلىكى 167
كەسپى ئارتىس ، ئاكتىيور
خەنزۇچە ئاتىلىشى 韩佳人한가인、Han Ga In
دۆلەت تەۋەلىكى كورىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1982.2.25
بەدەن ئېغىرلىقى 50
پۈتتۈرگەن مەكتىپى كيۇڭ خى ئۇنىۋېرسىتىتى(Kyung Hee University)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كەسپى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان خەن گائىن بۇ ساھەدە 3 يىل ئىزدىنىپلا، كورېيەنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ئايال چولپانغا ئايلاندى. ئەسلىدە، ئۇنىڭ ئىستىقبالى ئىنتايىن پارلاق ئىدى، بىراق 2005-يىلى ئۇ ياتلىق بولۇشنى قارار قىلدى. بەلكىم كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۇنىڭ يولدىشىنىڭمۇ ئارتىس ئىكەنلىكىنى، ئىككەيلەننىڭ يەنە تېخى «سېرىق قولياغلىق» (黄手帕) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغانلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا خەن گائىن رېئاللىقتىكى يولدىشى يېئون جۇڭخۇن بىلەن مۇرادىغا يېتەلمەيدىغان مەشۇقسىز ئاشىقنىڭ رولىنى ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەينى يىلى خەن گائىن توي قىلغاندا، نۇرغۇنلىغان ئەر چولپانلار بۇنىڭ ئۈچۈن ئازابلانغان، Super Juniorنىڭ ئەسلىدىكى ئەزاسى كىم كىبۇم (Kim KiBum金起范)ئۇنىڭ توي قىلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن كەيپىياتى ئىنتايىن چۈشكۈنلەشكەن، TVXQنىڭ ئەزاسى tvxqمۇ قاتتىق ئازابلىنىپ ھۆر-ھۆر يىغلىغان.

ياتلىق بولغاندىن كېيىن، خەن گائىننىڭ كەسپىمۇ توختاپ قالدى، دېيىشكە بولىدۇ. گەرچە بىر قانچە ئەسەرلەرنى ئىشلەپ، بىر قىسىم خىزمەتلەرنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئەينى يىللاردىكى داڭق قازانغان ۋاقىتىغا سېلىشتۇرغاندا، بەكلا ئازلاپ كەتتى. ئۇ ئاساسلىقى كۆپىنچە ۋاقىتىنى ئائىلىسىگە قاراتقانىدى.

2002-يىلى بىر ئېلان بىلەن سەنئەت ساھەسىگە قەدەم باسقان ، بۇ ساھەدىكى چوڭلار بىلەن ئوخشاش ئىسىم  بولۇپ قالسا  ھۆرمەتسىزلىك  بولۇپ قېلىشتىن  ساقلىنىش ئۈچۈن ئىسمىنى خەن گائىنغا ئۆزگەرتكەن .

2003-يىلى  يېئون جۇڭخۇن بىلەن «سېرىق قولياغلىق» (黄手帕) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغان . فىلىمدە بىر ئارتىس بولۇشنى  ئارزۇ قىلىدىغان قىزنىڭ رولىنى ئالغان .

2004-يىلى1-ئايدا «1978-يىلى مەكتەپتە ئۆتكەن ئىشلار (1978年高校往事)» فىلىمىدە رول ئالغان ھەم «بىك ساڭ سەنئەت مۇكاپاتى (百想艺术大赏)نىڭ كىنو بۆلىمىنىڭ ئەڭ ئالقىىشلانغانلار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .  مۇشۇ يىلى 3-ئايدا جى سۇڭ (Ji Sung池晟) بىلەن «مۇھەببەت شەرتلىرى »فىلىمىدە «يىنبو» ئوبرازى بىلەن ياخشى كۆرىشىمىزگە ئېرىشىپ ،  دۆلىتىمىز كۆرۈرمەنلەرنىڭ  كۆرۈش دائىرىسىگە كىرگەن ھەم كىشىلەرگە تونۇلغان . بۇ فىلىم 2004-يىلى ھەم كورىيەنىڭ ئەڭ ئالقىشلانغان فىلىمى بولۇپ كۆرۈلۈش چىمپىيونى بولغان .

  

2005-يىلى « يېڭى خىزمەتچى (新进职员)»فىلىمىدە ئادىلسىزلىققا ئۇچرىغان يېڭى خىزمەتچى رولىنى ئالغان . 


2006-يىلى «لۈكچەك دوختۇر  (流氓医生)»فىلىمىدە دوختۇر رولىنى ئالغان . 

2007-يىلى «قاتتىق قول يوخى (魔女幼熙)»فىلىمىدە ئۇتۇق قازانغاندىن كېيىن سەنئەت ساھەسىدىن ۋاقىتلىق چېكىنىپ ،  پۈتۈن  زېھنىنى  تۇرمۇشقا قاراتقان . 

2010-يىلى «ئەسكى ئەر (坏男人)»فىلىمى بىلەن يەنە كۆرۈرمەنلەرنىڭ نەزىرىگە قايتىپ كەلگەن . 

2012-يىلى «قۇياشقا قۇچاق ئاچقان ئاي (拥抱太阳的月亮)»فىلىمى بىلەن يېڭى كۆرۈش رىكوتى  يارىتىپلا قالماي نۇرغۇن  مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن .3-ئايدا 

 « بىناكارلىق ئىلمى ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە(建筑学概论)»  ناملىق  فىلىمى بىلەن كورىيەلىكلەرنىڭ «تۇنجى ئاشىقى»غا ئايلانغان.

فىلىم سۈرەتلىرى

2005-يىلى «سېرىق قولياغلىق» (黄手帕) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا بىللە ئاشىق-مەشۇق رولىنى ئالغان  يېئون جۇڭخۇن بىلەن توي قىلىدۇ.

2014-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى ، شىركىتى خەن گائىننىڭ ھامىلدار بولغانلىق خەۋىرىنى تارقىدۇ ، لېكىن ئىككى ھەپتىدىن كېيىن بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ . 

2015-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى ، خەن گائىن تۇرۇشلۇق شىركەت خەن گائىننىڭ ھامىلدار بولغىنىغا 19ھەپتە بولغانلىقىنى ئاشكارلايدۇ . 

2016-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى ، ئۇلار بىز قىز پەرزەتلىك بولىدۇ .

توي قىلغان دىن كېيىن


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#