خرومىت كېنى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شىنجاڭ دا بايقالغان خرومىت كانلىرىنىڭ ھەممىسى قەۋەتسىز ماگمىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە پەيدا بولغان كان ياتمىلىرىدۇر. ئاساسەن تولى ناھىيەسىنىڭ سارتوقاي دېگەن جايىدىن چىقىدۇ. قارامايدىن شىمالغا تەخمىنەن 50 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. 20–ئەسىرنىڭ 50–يىللىرى بايقىلىپ، چارلاش خىزمىتى 80–يىللاردا ئاخىرلاشقان. ئۇ ئۇلترا ئاساسلىق جىنىسى گەۋدىسى ئىچىدە ھاسىل بولغان، كانلىق تاغ جىنىسلىرى كلىنوپروكسىنلىق گاببرو بولۇپ، 500 دىن كۆپرەك كان گەۋدىسى تېپىلغان. كان گەۋدىلىرى لىنزىسىمان ،يېسىمۇقسىمان ھالەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ. كان گەۋدىسىنىڭ يانتۇلۇقى بىلەن تاغ جىنىس گەۋدىسىنىڭ يېتىشى ئاساسەن بىردەك،ئادەتتىكى كان گەۋدىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 8 ~ 70 مېتىرغىچە، قېلىنلىقى 1 ~ 8 مېتىرغىچە، چوڭقۇرلۇقى 3 ~ 45 مېتىرغىچە كېلىدۇ. رۇدىسى ئۆز شەكىللىك، يېرىم ئۆز شەكىللىك رۇدىنى ئاساس قىلىدۇ، ئادەتتە يىرىك دانچىك، ئوتتۇرا–يىرىك دانچىك، ئۇيۇل كېلىدۇ. كاللەكسىمان–قويۇق كۈنجۈتسىمانلىرىنىڭ مىنرالى پىكوتىتنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىرقى زاپىسى 1 مىليون 680 مىڭ مىڭ توننا بولۇپ، يوقىرى ئاليۇمىنلىق، تۆۋەن خروملۇق كان ياتمىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئېچىلغىنىغا كۆپ يىللار بولغان. تولىنىڭ ساشۆنوخەي، كۆكتوقاينىڭ چىڭشۈي، چارقىلىقنىڭ يۇلغۇنلۇق جىلغىسى ھەم پىچاننىڭ كاۋا بۇلاق تېغى قاتارلىق جايلاردىنمۇ خرومىت كانلىرى تېپىلغان. شىنجاڭنىڭ خرومىت زاپىسى مەملىكەت بويىچە 2–ئورۇندا تۇرىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.