قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى

مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساسلىقلارنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئادەم ئىشلىتىش مىخاينىزىمى ۋە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا پايدىلىق مۇھىت يارتىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى
ھۆججەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ ش ئە ئۇ (2006)16-نۇمۇرلۇق ھۆججىتى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区基层法律服务工作者流动管理暂行办法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» نى بېسىپ تارقاتقانلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ ش ئە ئۇ (2006)16-نۇمۇرلۇق ھۆججىتى

ئىلى قازاق ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق ئەدلىيە ئىدارىسىگە، ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىگە:

رايۇنىمىزنىڭ ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇشۇننىڭ نىسپى مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئەدلىيە نازارىتى ھەر قايسى تەرەپلەردىن قايتا -قايتا پىكىر ئېلىش ئاساسىيدا قوشنا ئۆلكە رايۇنلارنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، رايۇنىمىزنىڭ ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەت تەجرىبىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» نى تۈزۈپ چىقىپ سىلەرگە تارقاتتۇق، ئەستايدىل ئىجرا قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ئىجرا قىلىش جەريانىدكى ئۇسۇل، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئۆز ۋاقتىدا ئەدلىيە نازارىتى ئاساسىي قاتلام باشقارمىسىغا يوللاپ بىرىشىڭىزلارنى سۇرايمىز.

ئالاقېلىشىش تېلىفۇن نومۇرى: 23560510 

2006-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى

1-ماددا ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساسلىقلارنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئادەم ئىشلىتىش مىخاينىزىمى ۋە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا پايدىلىق مۇھىت يارتىش ئۈچۈن، «ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى» (ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ 60-نۇمۇرلۇق بۇيرۇقى) دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلمىلەرگە ئاساسەن، رايۇنىمىزنىڭ ئەملىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ بۇ چارە تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا بۇ چارىدە ئېيتىلغان ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ يۆتكىلىشى دېگىنىمىز: بىر ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت ئورنىنىڭ ئىچىدىكى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت كىنىشكىسىگە ئىگە بولغان ھەمدە ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن يەنە بىر ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت ئورنىغا بېرىپ كەسىپ بېجىرىشنى تەلەپ قىلغان ياكى ئۆزى يېڭىدىن ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت ئورنى قۇرۇپ ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت كەسپىي بىلەن شۇغۇللانغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ يۆتكىلىدىغان ۋاقىتتا، چۇقۇم تۆۋەندىكى رەسمىيەتلەرنى بېجخرىشى لازىم:

(1) ئەسلىدىكى كەسىپ بېجىرگەن قانۇن مۇلازىمەت ئورنىگە يازمىچە ئىلتىماس تاپشۇرۇش؛

(2) ئەسلىدىكى كەسىپ بېجىرگەن قانۇن مۇلازىمەت ئورنى چىقىرىپ بەرگەن، شۇ ئورۇننىڭ مودىرى ئىمزا قويغان ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ بارلىق ھەقدارلىق-قەرزدارلىقنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقى ۋە بارلىق بېجىرگەن دېلولارنى تاماملىغانلىقى ھەققىدكى ئىسپات؛

(3) ئەسلىدىكى كەسىپ بېجىرگەن قانۇن مۇلازىمەت ئورنى چىقىرپ بەرگەن يۆتكىلىشكە قۇشۇلغانلىق ئىسپاتى؛

(4) يوتكىلىپ كىرمەكچى بولغان ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت ئورنىنىڭ قۇبۇل قىلىش ئالاقىسى؛

(5)ئەسلىدىكى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىسىنىڭ كەسىپ بېجرىش كىنىشكىسىنى شۇ ئورۇن قاراشلىق ئەدلىيە مەمۇرى ئورگىنىغا قايتۇرۇپ بىرىش؛

(6) ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى ئاساسىي قاتلام باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈش پىكىرى.

4-ماددا ئىچكىرىگە يۆتكىلىدىغان ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىسى چۇقۇم 4-ماددىدا بەلگىلەنگەن رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن يەنە يوتكىلىپ كىرمەكچى بولغان ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت ئورنى تۇرۇشلۇق ئۆلكە ( رايۇن، شەھەر )لىك ئەدلىيە نازارىتى (ئىدارىسى) ئاساسىي قاتلام خىزمەت باشقارمىسى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدلىيە نازارىتى ئاساسىي قاتلام خىزمەت باشقارمىسىغا ئارخىپ يۆتكەش ئالاقىسى ئىبەرتىدۇ.

5-ماددا ناھيىدىن تۆۋەن ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىسىنىڭ چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەرگە يۆتكىلىشى قاتتىق كونترول قىلنىدۇ. ناۋادا نۇپۇسىنى يۆتكىگەن بولسا، يېڭى نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ ئىجازەت ئۆلچىمى ۋە شەرتىگە ئاساسەن بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتنىشىدۇ. 

6-ماددا يۆتكەلمەكچى بولغان ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىسى چۇقۇم ھەر يىلى يىللىق تەكشۈرۈشتىن 3 ئاي ئىلگىرى مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلمە بويىچە يۆتكىلىش رەسمىيتىنى ئىلتىماس قىلىپ بېجىرىدۇ. يىللىق تەكشۈرۈش ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن چۇقۇم بىر ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت ئورنىدا ئۇدا ئىككى يىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك. ئالاھيىدە ئەھۋالدا يۆتكەلمەكچى بولغانلار چۇقۇم يازمىچە ئىلتىماس تاپشۇرشى كېرەك، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدلىيەنازارىتى تەستىقلىغاندىن كېيىن يۆتكىلىشكە بولىدۇ.

7-ماددا يۆتكىلىدىغان ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىسى ئەسلىدىكى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت ئورنىنىڭ مۇدىرى ياكى شىرىكلەشكۈچىسى بولسا، ئالدى بىلەن ۋەزىپىدىن ئايرىلىش مۇپەتتىشىدىن ئۆتىشى ھەمدە ئالاقىدار بەلگىلمىگە ئاساسەن ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تىزىملاتقاندىن كېيىن يۆتكىلىش رەسمىيتىنى بېجىرسە بولىدۇ.

8-ماددا ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى ئاساسىي قاتلام باشقۇرۇش تارماقلىرى مەسئۇل بولۇپ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدلىيە نازارىتى ئاساسىي قاتلام باشقارمىسىغا بېرىپ شۇ رايۇندىكى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىسىنىڭ يۆتكىلىش رەسمىيتىنى بىر تۇتاش بېجىرىدۇ.

9-ماددا ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىسىنىڭ كەسىپ بېجىرىش ئارخىۋىنى كەسىپ بېجرىش ئارخىۋىنى باشقۇرۇش ھۇقۇق چەكلىمىسىگە ئاساسەن، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىسىنىڭ يۆتكىلكىش يۈنىلىشى بۇيىچە، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت ئورنىگە ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىش لازىم.

10-ماددا يۆتكەلگەن خادىم جازالانغان ياكى ئەرز شىكايەت قىلىنغان بولسا، ئەسلىدىكى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت ئورنى قۇبۇل قىلماقچى بولغان ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت ئورنىگە ئىنكاس قىلىدۇ،قۇبۇل قىلماقچى بولغان ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت ئورنى ئالدى بىلەن ئاساسلىق باشقۇرىدىغان ئەدلىيە مەمۇرى ئورگىنىغا دوكلات قىلىدۇ، تەستىقلاشتىن ئۆتكەندىن كېيىن يۆتكىلىش رەسمىيتىنى بېجىرسە بولىدۇ. جازاغا ئۇچرىغان ياكى كۆپ قېتىم ئەرز شىكايەت قىلىنغان، ئىچىكى باشقۇرۇشى ناچار بولغان ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت ئورنى يۆتكىلىدىغان خادىمنى قۇبۇل قىلىشقا بولمايدۇ.

11-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنىڭ يۆتكىلىشى چەكلىنىدۇ.

(1) بىر قانۇن مۇلازىمەت ئورنىدا كەسىپ بېجردىغان قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىسىى ئىچىدىكى 3 ئادەمنىڭ بىرى بولسا (3 ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛

(2) ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ (2003) 16-نۇمۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ رۇھىغا ئاساسەن، ئالاھيىدە ئىجازەت ئارقىلىق بىكتىلگەن ئورۇندا كەسىپ بېجرگۈچى؛

(3) قانۇن، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغنالىقتىن تەكشۈرۈشنى قۇبۇل قىلىۋاتقان ياكى جازا مۇددىتى توشمىغانلار؛

(4) ئەرز شىكايەت قىلىنغان، ماجرا ئىشلىرى ئاخىرلاشمىغان، مالىيە مۇناسىۋىتى ئۈزۈلمىگەنلەر؛

(5) يۆتكىلىشتە لازىملىق بولغان ماتېرياللار تۇلۇق بولمىغان ياكى ساختا ماتېريال بىلەن تەمىنلىگەنلەر؛

(6) يۆتكىلىشكە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان باشقا ئەھۋال بولغانلار.  

ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى 

ئاساسىي قاتلام قانۇن خىزمەتچىلىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى 

12-ماددا بۇ چارە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويىلىدۇ.

13-ماددا بۇ چارىنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدلىيە نازارىتى چۈشەندۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#