توققۇزاق بازىرى

توققۇزاق بازىرى

توققۇزاق بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كونا شەھەر ناھىيەسىگە قاراشلىق بازار بۇلۇپ، قەشقەر شەھىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 18 كىلومېتىر كېلىدۇ. قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەلىك پارتكومى، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جاي.

ئۇيغۇرچە نامى توققۇزاق بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
نوپۇسى 30 مىڭ ئادەم
خەنزۇچە ئاتىلىشى 托克扎克镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
يەر مەيدانى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 13 مىڭ مو
جۇغراپىيەلىك ئورنى قەشقەر شەھىرىدىن 18 كىلومېتىر يىراقتا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

توققۇزاق بازىرىتوققۇزاق بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كونا شەھەر ناھىيەسىگە قاراشلىق بازار بۇلۇپ، قەشقەر شەھىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 18 كىلومېتىر كېلىدۇ. قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەلىك پارتكومى، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جاي.

ناھىيەگە قاراشلىق 5 مەمۇرىي كەنت، 5 مەھەللە بار. ئۇمۇمىي نوپۇس 30 مىڭ ئادەم، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 13 مىڭ مو، يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق ۋە 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال تەرەققىياتى بولغان بازار. 

توققۇزاق بازىرىغا قاراشلىق 5 مەمۇرىي كەنت، 5 مەھەللە بۇلۇپ، ئۇلار : ئاۋات مەھەللىسى، يېڭى رايون مەھەللىسى، نۇرباغ مەھەللىسى، گۈلباغ مەھەللىسى، سايباغ مەھەللىسى، پىلال كەنتى، شوغۇز كەنتى، ئىشلەمچى كەنتى، ئاياغ شياۋگۇ كەنتى، يۇقارقى مەنگەن كەنتى قاتارلىقلار.

توققۇزاق بازىرىتوققۇزاق بازىرى بازارنى يېتەكچى قىلىپ، شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ماددىي ۋە مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى چىقىش نوقتىسى قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، شەھەر-بازارلاردىكى ئاشلىق، كۆكتات، گۆش، سۈت قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەشلە  كاپالەتلىك قىلىپ، يېمەك-ئىچمەك، تاماشا، مەھەللە مۇلازىمىتى ۋە بىناكارلىق، قاتناش-ترانسپورت قاتارلىق 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ تەرەققياتى سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئىشلىرى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان. 2003-يىلى پۈتۈن بازاردىكى ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى 18 مىليون 97 مىڭ يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 1367 يۈەن بولغان. 3850 توننا ئاشلىق، يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان چارۋا 33400 تۇياق (دانە)؛ ئالاھىدە كەسىپ ۋە 2-، 3-كەسىپ دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە كۆكتات پارنىكى بار.

توققۇزاق بازىرى شەھەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، شەھەر-يېزا ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ «كۆكتات ۋە قوشۇمچە يېمەكلىكلەر» ئىشلەپچىقرىشى، شەھەر-بازار ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، شەھەر-بازار مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، شەھەر-بازارلاردىكى 2-، 3-كەسىپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىشى، زامانىۋىلاشقان يېڭى تىپتىكى مۇھىت ئاسرايدىغان شەھەر قەدىمىنى تېزلەتتى. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#