جىغان
جىغان بولسا جىگدە ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخكە تەۋە ئۆسۈملۈك.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جىغان دەرىخى ئىسسققا، قۇرغاقچىلىققا، سوغۇققا چىدامچانلىقى يۇقىرى بۇلۇپ، قۇم-شېغىللىق تۇپراقتىمۇ ئۆسەلەيدۇ. ياش ھەم يىتىلگەن دەرىخى كۈن نۇرىنى ياخشى كۆرىدۇ. تۇپراق قاتلىمى چوڭقۇر، چىرىندى ماددا مىقدارى مول ، سۇ چىقىرىۋېتىشى ياخشى بولغان سەل كىسلاتالىق بولغان تۇپراق ياكى قۇمساڭ ئەت تۇپراق ئۆستۈرسە مۇۋاپىق بولىدۇ.
جىغان يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ، ئۇ ئەڭ ئېگىز بولغاندا 10 مېتىر ئەتراپىدا ، كۆپ ھاللاردا 2 - 3 مېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدۇ . مېۋىسى قىزغۇچ سېرىق ، موھىتقا ماسلىشىشچانلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ سۇ تۇپراقنى ساقلاش ، بوراندىن مۇداپىيەلىنىش رولى بار ، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى « تۇپراقنىڭ يېشىل قوغدىغۇچىسى » دەپ تەرىپلىشىدۇ . تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە ، جىغان مېۋىسى تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق 190 خىلدىن ئارتۇق ماددا بار ئىكەن . ئۇ يېنىك سانائەت ، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ئىشلىتىلىدۇ .
دورىلىق قىممىتى
جىغان مېۋىسى ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
خۇسۇسىيىتى: يۆتەل توختىتىش، بەلغەم بوشىتىش، سۈيدۈك راۋانلاشتۇرۇش، ئىششىقلارنى تارقىتىش رلى بار.
ئىشلىتىلىشى: ھەزىم ئاجىزلىقى، ئىشتىھاسىزلىق، جىگەر قېتىشتىن بولغان سۇلۇق ئىششىقلار، كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش ۋە يۆتەلنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: سوغۇق مىزاجلارنىڭ بىشىنى ئاغرىتىدۇ.
خېبىېي ، ئىچكى مۇڭغۇل، شەنشى، سەنشى، چىڭخەي، سىچۈەننىڭ غەربىي قىسىملىرى ۋە شىنجاڭنىڭ ھەممە يەرلىرىدىن، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىن كۆپرەك چىقىدۇ. ئۆسۈملۈك ياز ۋە كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىندۇ.[0]
ئاساسەن دەريا ۋە بوستانلىقلارنىڭ چېتىدىكى بەلۋاغلاردا ئۆسىدۇ ، ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ توشقان دەريا بويىدا 10 مىڭ مو ئەتراپىدا تەبىئىي جىغانلىق بار . يەنە ئاقسۇ تۇرپاننىڭ جىغانغۇل (چىچاڭغۇ ) ۋە قۇمۇل تاغلىرىدا ياۋا ھالەتتە ئۆسىدۇ .ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.