ئېيىق
ئېيىق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ـــــ گۆشخورلار ئەترىتى ـــــ ئېيىق ئائىلىسىدىكى ھايۋان. كىچىك ھايۋانلار، مېۋىلەر، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر ۋە ھەسەل قاتارلىقلارنى يېمەكلىك قىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئېيىق
ئىنگلىزچە نامى Bear
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى گۆشخورلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ھورۇن ئېيىق ئۇرۇقدىشى، كۆزەينەكلىك ئېيىق ئۇرۇقدىشى، ئېيىق ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى ئەمگۈچىلەر سىنىپى
ئائىلىسى ئېيىق ئائىلىسى
تۈرى 8 خىل

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېيىقئېيىقنىڭ بەدىنى سېمىز ، بېشى يۇغان ، تۇمشۇقى ئۇزۇن ، پۇت- قولى توم ، قۇيرۇقى قىسقا بولىدۇ . پۇراش ۋە ئاڭلاش سېزىمى ناھايىتى سەزگۈر ، كۆرۈش ئىقتىدارى ناھايىتى ناچار بولىدۇ .

ئېيىقنىڭ بەستى قاۋۇل ، يوغان ، بەدەن تۈكلىرى ھەم ئۇزۇن ھەم قويۇق ، بېشى چوڭ ، تۇمشۇقى ئۇزۇن ، كۆزى ۋە قۇلىقى بىر قەدەر كىچىك ، ئېزىق چىشى چوڭ ھەم تەرەققىي قىلغان ، چايناش ئىقتىدارى كۈچلۈك . تۆت پۇتى مەزمۇت ، كۈچلۈك ، پۇتىدا ئۇزۇن 5 دانە ئۆتكۈر تىرنىقى بار ، مېۋە ۋە يېمەكلىك ئىزدەپ دەرەخكە چىقالايدۇ . قۇيرۇقى قىسقا . ئېيىق ئادەتتە تاپىنى بىلەن ئاستا - ئاستا ماڭىدۇ. ئەمما ئوۋ قوغلاپ كەلگەندە ، ئۇ ناھايىتى تېز يۈگۈرەيدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارقا پۇتى بىلەن ئۆرە بولىدۇ . 

كۆپ ئۇچرايدىغان ئالاھىدىلىكى قىسقا قۇيرۇقلۇق ، ئىنتايىن ياخشى بولغان پۇراش سېزىمى بار، بەش قىسقىرىش تىرنىقى بولمايدۇ ، شۇنىڭدەك ئۇزۇن ،  يىرىك يۇڭى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ چىشى ھۇجۇمدىن مۇداپىئە كۆرۈشكە ۋە قورال قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ . 

ئېيىقئېيىق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ـــــ گۆشخورلار ئەترىتى ـــــ ئېيىق ئائىلىسىدىكى ھايۋان. كىچىك ھايۋانلار، مېۋىلەر، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر ۋە ھەسەل قاتارلىقلارنى يېمەكلىك قىلىدۇ. ئېيىقنىڭ ھەرىكىتى ناھايىتى ئاستا، لېكىن دەرەخكە يامىشىشقا ماھىر ھەم سۇ ئۈزەلەيدۇ. ئېيىق ھەممە نەرسىنى يەيدۇ. چۈمۈلە ئۇۋىسىنى يالاشقا ئامراق، ھەسەل ئوغرىلاشقا ماھىر بولۇپ، تويماس جانۋار. 

قىشتا ئېيىق ئۆڭكۈردە قىشلىق ئۇيقۇغا كىرىدۇ. ھاۋا ئىللىپ گۈللەر ئېچىلىپ ،يېمەكلىك يېتەرلىك بولغاندا، ئاندىن سىرىتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. 

ئېيىق بولسا ياۋروپا ، ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە شىمالىي ئامرىكا قىتئەسىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى قاتارلىق جايلارنى ماكانلىشىش ئورنى قىلغان .   [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#