يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ شوپۇر-مەشغۇلاتچىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ شوپۇر-مەشغۇلاتچىلىرىنى باشقۇرۇش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ شوپۇر-مەشغۇلاتچىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى شوپۇر، مەشغۇلاتچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، يېزا ئىگىلىكنى ماشىنلاشتۇرۇش ئىشلىرى ۋە يېزا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن. 


ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ شوپۇر-مەشغۇلاتچىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区农业机械驾驶员的操作人员管理办法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب  ئومۇمىي پىرىنسىپ

1 -ماددا بۇ چارە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى شوپۇر، مەشغۇلاتچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، يېزا ئىگىلىكنى ماشىنلاشتۇرۇش ئىشلىرى ۋە يېزا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە،«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى»ۋە ئالاقىدار قانۇن، نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ئەملىيتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا  بۇ چارىدە ئېيتىلغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى شوپۇر، مەشغۇلاتچىلىرى تېرىقچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق، ۋە ئېتىز-ئېرىق سۇ قۇرلىشىدا ئىشلىتىلدىغان تىراكتۇرلار، يېزا ئىگلىك ترانسىپورت ئاپتوموبىلىرى،باشقا ئۆزى يۈرەر ئىنىرگىيە ماشىنىلىرى ۋە قۇۋۋىتى 8.88كىلوۋاتتىن يۇقىرى تۇرغۇن ماشىنلارنى ھەيدەيدىغان، مەشغۇلات قىلىدىغان خادىملارنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا  ئاپتۇنۇم رايۇنمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇنلانغۇچىلار ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ شوپۇر، مەشغۇلاتچىلىرى شۇنىڭدەك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى  بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇن ھەم شەخسىلەر بۇ چارىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

4-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ شوپۇر، مەشغۇلاتچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش پونكىتى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ. ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى مەسئۇل بۇلۇپ يولغا قۇيدۇ.

5-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ شوپۇر، مەشغۇلاتچىلىرى « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى» نىڭ 3-بابىدىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەررگە رىئايە قىلغاندىن سىرىت، يەنە تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەررگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

1. شوپۇرلۇق ۋە مەشغۇلات كىنىشكىسىنى ئارىيەت بىرىشكە، ئۆزگەرتىشكە، يالغاندىن ياسىۋېلىشقا بولمايدۇ.

2. بىخەتەرلىك ئەسلەھەلىرى تۇلۇق بولمىغان ياكى دىتال كاردىن چىققان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ھەيدەشكە ۋە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ.

3. يۈك قاچىلاش بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ھەيدەشكە ۋە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ.

4. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ھەيدىگەن ۋە مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا، كابىنكا ئىشىكى ۋە كۇزىپنى ياخشى ياپماي تۇرۇپ قوزغىلىشقا بولمايدۇ.

5. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ساپما ئاياق كىيىپ ھەيدەشكە ۋە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ.

6. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ھەيدىگەن ۋە مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا تاماكا چىكىشكە، يىمەكلىكلەرنى يىيىشكە، پاراڭ سېلىشقا، ماشىنا سايمانلاردىن سەكرەپ چۈشۈپ-چىقىشقا ياكى بىخەتەرلىككە دەخلى قىلىدىغان ھەرىكەت بىلەن شۇغۇنلىنىشقا، شۇنىڭدەك مەشغۇلات رايۇنىدا ئۇخلاشقا بولمايدۇ.

7. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ھەيدىگەن ۋە مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا بەك كەڭرى كىيىم كىيىشكە بولمايدۇ،كەيگەن كىيىملىرنىڭ تۈگمىسىنى ياخشى ئىتىش،ئاياللار بېشىغا خىزمەت شەپكىسى كىيىش،چاچلىرنى سىرىتقا چىقارماسلىقى كېرەك.

8. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ھەيدەپ ئېتىز-ئېرىق مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغاندا 12ياشقا توشمىغان كىچىك بالىلارنى بىللە ئېلىپ يۈرمەسلىكى كېرەك.

9. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى ئۇيۇشتۇرغان بىخەتەرلىك ئۈگىنىش كۈنى ۋە باشقا پائالىيەتلەرگە ۋاقتىدا قاتنىشىشى كېرەك. 

10. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىغا ئەگىشىپ بىللە مەشغۇلات قىلىدىغان خادىملار،زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك ئۆگىنىشىگە قاتنىششى كېرەك.

2-باب  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ شوپۇر، مەشغۇلاتچىلىرىنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى

6 -ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنا شوپۇرى ئۆگىنىش شوپۇرى ۋە رەسمىي شوپۇر دەپ ئايرىلدۇ. يېزا ئىگىلىك ماشىنا مەشغۇلاتچىسى ئۆگىنىش مەشغۇلاتچىسى ۋە رەسمىي مەشغۇلاتچىسى دەپ ئايرىلدۇ.

7-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى شوپۇر،مەشغۇلاتچىلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەر.

1. يېشى: 18ياشتىن يۇقىرى، 60ياشتىن تۈۋەن بۇلىشى كېرەك؛

2. مەدەنىيەت سەۋىيىسى: تۇلۇقسىز ئوتتۇرىدىن يۇقىرى ياكى شۇنىڭغا مۇناسىپ كېلىدىغان سەۋىيىگە ئىگە بولۇشى؛

3. تەن سالامەتلىك ئەھۋالى:

(1) بوينىڭ ئىگىزلىكى: چوڭ-ئوتتۇرا تىپتىكى تراكتور، يېزا ئىگىلىك ترانسىپورت ئاپتوموبىلى ۋە باشقا ئۆزى يۈرەر ماشىنىلىرىنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى 155 سانتىمېتىردىن تۆۋەن بولماسلىقى، كىچىك تىپتىكى تراكتور، ئۈچ چاقلىق يېزا ئىگىلىك ئاپتوموبىلى ۋە باشقا تىپتىكى ماشىنىلارنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ  بوي ئېگىزلىكى  150 سانتىمېتىردىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك؛

(2) كۆرۈش قوۋۋىتى:ئىككى كۆزنىڭ كۆرۈش قوۋۋىتى ئۆلچەملىك كۆرۈش قوۋۋىتى جەدۋىلدىكى 0.7 دىن ياكى لوگارىفمىلىق كۆرۈش قوۋۋىتى جەدۋىلدىكى 4.9دىن (تۈزىتىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ)تۈۋەن بولماسلىقى كېرەك؛

(3) رەڭ پەرىقلەندۈرۈش ئىقتىدارى:قىزىل، يېشىل رەڭ قارىغۇسى بولماسلىقى كېرەك؛

(4) ئاڭلاش ئىقتىدارى: ئىككى قۇلاق ئايرىم-ئايرىم ھالدا 50سانتىمېتىر يىراقلىقتىكى كامېرتوندىن چىققان ئاۋازنىڭ كېلش يۆلنىشنى پەرىق ئىتەلىشى كېرەك؛

(5) يۈرەك، ئۆپكە، قان بېسمى نورمال بۇلشى كېرەك؛

(6) پۇت-قول، گەۋدە، بۇيۇن قىسىملىرنىڭ ھەركەت ئىقتىدارى نورمال بۇلشى كېرەك؛

(7) يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىخەتەر ھەيدەشكە دەخلى قىلىدىغان فىزىئولوگىيىلىك نوقسان ۋە ياكى باشقا كېسەللىكلىرى بولماسلىقى كېرەك.

4. سىياسىي ھوقۇقىدىن مەرھۇم قىلىنغان، جازا ھۈكۈم قىلىنغان ياكى ئەمگەك بىلەن تەربىيەلىنىش مۇددىتى توشمىغان،شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئەمەلدىن قالدۇرلۇپ ئىككى يىلغا توشمىغانلار ۋە باشقا شوپۇرلۇق خىزمىتىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنا شوپۇرلىقىغا ئىمتاھان بىرىشگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

8-ماددا  ئۈزى يۈرەر يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ھەيدەشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا،ئۆگىنىش شوپۇرلۇق كىنىشكىسى،رەسمىي شوپۇرلۇق كىنىشكىسى تارقىتىپ بىرىشى ۋە بىجىرىپ بىرىشى، تۇرغۇن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىدا مەشغۇلات قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا ئۆگىنىش مەشغۇلات كىنىشكىسى،رەسمىي مەشغۇلات كىنىشكىسى تارقىتىپ بىرىشى ۋە بىجىرىپ بىرىلشى كېرەك.

9-ماددا  ئۆگىنىش شوپۇرلۇق، مەشغۇلات كىنىشكىسىنى بىجرىش.  

1. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ  ئۆگىنىش شوپۇرلۇق ۋە مەشغۇلاتچىلىق كىنىشكىسىنى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار، مەيلى ئۇنىڭ قانداق ماشىنا بولشىدىن قەتئىينەزەر ئۆز جايىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى  نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛

2. ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆزنىڭ كىملىكى، ئورۇن ياكى يېزا (بازار)لىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تۇنۇشتۇرشى (ۋاقىتلىق ئولتۇراقلاشقىنىغا بىر يىلدىن ئاشقانلار، ۋاقىتلىق ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسى، ئالىي-ئوتتۇرا دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىي مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن دىپلومى) ۋە يېقىندا چۈشكەن بىر سوڭلۇق رەسىمدىن تۆت پارچىنى ئېلىپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق ناھىيە (شەھەر)لىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا بېرىپ « يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ شوپۇر مەشغۇلاتچىلىرنى تىزىملاش جەدۋىلى» (تۆۋەندە قىسقاتىلىپ «تىزىملاش جەدۋىلى »دېيىلىدۇ، قۇشۇمچە 2گە قاراڭ)نى ئېلىپ تولدۇرىشى، شۇنداقلا كۆرسىتىپ بەرگەن يېزا (بازار)دىن يۇقىرى (يېزا، بازارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دوختۇرخانىغا بېرىپ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتىشى كېرەك؛

3. ۋىلايەت  ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى مۇناسىۋەتلىك گۇۋاھنامە  ۋە ماتىرىياللارنى تەكشۈرۈپ، كېنىشكا بېجىرىشكە مۇۋاپىق كەلگەنلەرنىڭ ئارخىبىنى تۇرغۇزۇپ ھەم كومپىيوتېرغا كىرگۈزۈپ كىنىشكىسىنى ياساپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرنىڭ ئۆگىنىش شوپۇرلۇق كىنىشكىسى» (قىسقارتىلىپ  ئۆگىنىش شوپۇرلۇق كىنىشكىسى دېيىلىدۇ) نى تارقىتىپ بىرىدۇ. ئۆگىنىش شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى ئىككى يىل بولىدۇ؛

4. ئىچىدىن يانىدىغان دېۋىگاتىل، دان ئايرىش ماشىنىسى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ماشىنىسى ۋە باشقا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشنى ئۆگىنىدىغانلار  يېزا (بازار)لىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت پونكىتىغا بېرىپ «تىزىملاش جەدۋىلى»نى ئېلىپ تولدۇرشى ھەمدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان قىسقا مۇددەتلىك كۇرسىدا تەربىيلىنىشى لازىم. ناھىيە (شەھەر)لىك  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپراتلىرنىڭ تەكشۈرشىدە لاياقاتلىك بولغاندىن كىيىن،«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئۆگىنىش مەشغۇلاتچىلىق كىنىشكىسى»(تۆۋەندە قىسقاتىلىپ ئۆگىنىش مەشغۇلاتچىلىق كىنىشكىسى دېيىلىدۇ، قۇشۇمچە 3گە قاراڭ) تارقىتىپ بېرىلىدۇ. ئۆگنىش مەشغۇلاتچىلىق كىنىشكىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى ئىككى يىل بولىدۇ؛

5. قولىدا ئۆگنىش شوپۇرلىق مەشغۇلاتچىلىق كىنىشكىسى بارلار ئۆگنىش شوپۇرى، مەشغۇلاتچىلىرى بۇلۇپ ھېىسابلىنىدۇ. ئۆگنىش شوپۇرى، مەشغۇلاتچىلىرىغا بىر خىل ماشىنا تىپىنى ئۆگىنىشكىلا رۇخسەت قىلىنىدۇ؛

6. ئۆگنىش شوپۇرى ۋە مەشغۇلاتچىلىرى ئۆگنىش مەزگىلىدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى يالغۇز ھەيدەشكە ھەم مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ، پەقەت پىراكتىكا ئۇقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەچىلىكىدە، بەلگىلەنگەن ۋاقىت، لىنيىدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ھەيدەش ۋە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشنى ئۆگىنىشى كېرەك،ماشىنىدا پىراكتىكا ئۇقۇتقۇچىسىدىن باشقا مۇناسىۋەتسىز خادىملارنىڭ ئولتۇرشىغا بولمايدۇ، ئۆگىنىش شوپۇرىنىڭ بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلمىشى كۆرۈلسە ياكى يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسىسى سادىر قىلسا، پىراكتىكا ئوقۇتقۇچىسى بىر قىسىم ياكى تۇلۇق جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛

7. ئۆگنىش شوپۇرى بىلەن پىراكتىكا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ قولىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى تارقىتىپ بەرگەن ئۆگنىش شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ۋە  پىراكتىكا ئوقۇتقۇچىلىق كىنىشكىسى بولۇشى، شۇنىڭدەك مەشىق ماشىنىسى دېگەن نومۇر تاختىسنى ئېسىشى كېرەك.

ھەيدەش ۋە مەشغۇلات قىلىش مەشىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پېراكتىكا ئوقۇتقۇچىلىقىنى، ئۈچ يىلدىن يۇقىرى بىخەتەر ھەيدىگەن ۋە مەشغۇلات ئېلىپ بارغان خادىملار ئۈستىگە ئېلىش كېرەك. پىراكتىكا ئوقۇتقۇچىلىرى مەشىق ماشىنىسىنىڭ تىپى، ئۇلارنىڭ كىنىشكىسىدىكى ھەيدەش (مەشغۇلات قىلىش)قا رۇخسەت قىلىنغان ماشىنا تىپى بىلەن ئوخشاش بۇلۇشى لازىم.

شوپۇرلۇق، مەشغۇلاتچىلقىنى ئۆگنىش ۋاقتى (قۇشۇمچە 4 قاراڭ) توشقاندىن كېيىن، ئىمتىھانغا قاتناشسا بولىدۇ.

10-ماددا  تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلسە، يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئۆگنىش شوپۇرلۇق ۋە مەشغۇلاتچىلىق كىنىشكىسى بېجرىلمەيدۇ.

1. بىخەتەر ھەيدەش ۋە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشقا دەخلى قىلىدىغان كىسەللىكى ھەمدە فىزىئولوگىيىلىك نۇقسانى بارلار؛

2. شوپۇرلۇق، مەشغۇلاتچىلىق كىنىشكىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغىنىغا ئىككى يىل توشمىغانلار؛ 

3.شوپۇرلۇق، مەشغۇلاتچىلىق كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قالغان مەزگىلدىكىلەر؛

4. دەسلەپكى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئالغىنىغا بىر يىل توشمىغانلار.

11-ماددا  ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىش قائىدىسى.

ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان ماشىنا تىپىنىڭ شەرتلىك بەلگىسىدە ئىپادىلەنگەن ماشىنا ۋە ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان باشقا ماشىنىلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. شەرتلىك بەلگسى يوق ماشىنا تىپلىرى خەنزۇچە خەت بىلەن ئىپادىلنىدۇ:

ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان ماشىنا تىپىنىڭ شەرتلىك بەلگىسى ئىپادىلىگەن ماشىنا تىپى ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان باشقا ماشىنا تىپى ياكى شەرتلىك بەلگە

G        چوڭ تىپتىكى چاقلىق تراكتور                              H   

H        كىچىك تىپتىكى چاقلىق تراكتور        

K        قول تراكتور تۇتقۇچلۇق ئۇرۇش-يىغىش

L        ئۈچ چاقلىق يېزا ئىگىلىك ترانسىپورت ئاپتوموبىلى        

J        باشقا يېزا ئىگىلىك ترانسىپورت ئاپتوموبىلى        

N        چوڭ تىپتىكى زەنجىر تاپانلىق تراكتور        كىچىك تىپتىكى زەنجىر تاپانلىق تراكتور

                    M                                         M

        چوڭ تىپتىكى ئۆزى يۈرەر كومبايىن             كىچىك تىپتىكى روللۇق كومبايىن

        چوڭ تىپتىكى يۈك قاچىلاش ماشىنىسى          كىچىك تىپتىكى يۈك قاچىلاش ماشىنىسى

        چوڭ تىپتىكى كولاش ماشىنىسى                كىچىك تىپتىكى كولاش ماشىنىسى 


12-ماددا  شوپۇرلۇق، مەشغۇلاتچىلىق كىنىشكىسىنى تارقىتىش.

1. ئۆگنىش شوپۇرى ۋە مەشغۇلاتچىلىرىنىڭ ئۆگىنىش ۋاقتى توشقاندىن كىيىن، قولىدا ئىناۋەتلىك ئۆگنىش شوپۇرلۇق، مەشغۇلاتچىلىق كىنىشكىسى بارلار ئۆز جايىدىكى يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى تەربىيىلەش ئاپپراتى ياكى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا بېرىپ ئۆگەنگەن ماشىنا تىپىدىن ئىمتىھان  ئېلىشتىن بۇرۇنقى تەربىيلەشكە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلىشى، كۇرۇسنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ناھىيە(شەھەر)لىك  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپراتلىرىغا بېرىپ ئىمتاھان بىرىشكە تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى ئۆتىشى كېرەك.ۋىلايەت، ئوبلاستلىق يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپراتلىرى تەكشۈرۈپ قۇشۇلغاندىن كىيىن، تارقىتىپ بەرگەن ئىمتاھانغا قاتنىششى كىنىشكىسىدىكى بەلگىلەنگەن ۋاقىتى، ئورۇنى، دەرس تۈرى بۇيىچە ئىمتاھانغا قاتنىشىشى لازىم . ئىمتىھان ئېلىشقا تىگىشلىك بارلىق دەرىس تۈرلىرىدىن لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، كومپىيوتېرغا كىرگۈزۈپ  كىنىشكىنى ياساپ،  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى دېيىلىدۇ) ياكى «شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئۆگىنىش مەشغۇلاتچىلىق كىنىشكىسى» »(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ مەشغۇلاتچىلىق كىنىشكىسى دېيىلىدۇ، قۇشۇمچە 5گە قاراڭ) تارقىتىپ بىرىلىپ شوپۇر ياكى مەشغۇلاتچىغا ئايلىندۇ؛

2. ۋىلايەت، ئوبلاستلىق يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنىڭ شوپۇر ۋە مەشغۇلاتچىلىرنى تارماق (ئومۇمىي) تىزىملاش دەپتىرىگە(قۇشۇمچە 6گە قاراڭ) ئايرىم-ئايرىم ھالدا خاتىرلىنىدۇ.ھەمدە كومپىيۇتېرغا كىرگۈزۈپ ساقلىندۇ؛

3. شوپۇرلۇق، مەشغۇلاتچىلىق كىنىشكىسىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى ئالتە يىل بولىدۇ. دەسلەپتە ئالغان شوپۇر ۋە مەشغۇلاتچىلق كىنىشكىسىنىڭ بىرىنچى يىلى پىراكتىكا ۋاقتى بولىدۇ.ئىناۋەتلىك ۋاقتى تۇشۇشتىن بۇرۇنقى ئۈچ ئاي كىنىشكىنى ئالماشتۇرۇپ ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى بولىدۇ.

13-ماددا  كۆپەيتىپ ھەيدەشنى ئىلتىماس قىلىش.

1. يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنىڭ شوپۇرلىرى ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان ماشىنا تىپىدىن باشقا ماشىنىنى ھەيدەشنى ئىلتىماس قىلغاندا ناھىيە (شەھەر)لىك  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپراتلىرىغا بېرىپ  «شوپۇرلارنىڭ كۆپەيتىپ ھەيدەش ئىلتىماسىنى تىزىملاش جەدىۋىلى»(قۇشۇمچە 7گە قاراڭ)نى ئېلىپ تولدۇرىدۇ. ۋىلايەت، ئوبلاستلىق يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپراتى تەكشۈرۈپ لاياقەتلىك بولغاندىن كىيىن، ئەسلىدىكى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ قۇشۇمچە كىنىشكىسىگە كۆپەيتىپ ھەيدەيدىغان ماشىنا تىپىنىڭ تامغىسى بېسىلىدۇ؛ كۆپەيتىپ ھەيدەش ئۆگىنىش شوپۇرلىرى كۆپەيتىپ ھەيدەيدىغان ماشىنا تىپىنى ئۆگىنىدۇ؛

2. كۆپەيتىپ ھەيدەش شوپۇرلىرى ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، كۆپەيتىپ ھەيدەيدىغان ماشىنا تىپى ئىمزالانغان شوپۇرلۇق كىنىشكىسى تارقىتىپ بىرىلىپ، ئەسلىدىكى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى يىغىۋېلنىدۇ؛

3. پىراكتىكا مەزگىلىدە كۆپەيتىپ ھەيدەشنى بېجىرىشكە بولمايدۇ؛

4. كۆپەيتىپ ھەيدەش ئۆگىنىش شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى ئىككى يىل بولىدۇ.

14-ماددا  يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش سىستىمىسىدىكى يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنى ھەيدەش ۋە مەشغۇلات قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار، ئۆز تەۋەسىدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلىق يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپراتىغا بېرىپ كېنىشكا بېجىرىش رەسمىيەتلىرنى ئۆتەش كېرەك.

3-باب  ئىمتىھان ئېلىش

15-ماددا  يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى شوپۇرلىرىدىن ئېلىنىدىغان ئىمتھان دەسلەپكى ئىمتىھان ،كۆپەيتىپ ئېلنىدىغان ئىمتىھان ، تەكرار ئىمتىھان دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىلدۇ.

1. دەسلەپكى ئىمتھان:ئۆگىنىش شوپۇرلىرىنىڭ ئۆگىنىش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن دەرس تۈرلىرى بۇيىچە  ئالىدىغان ئىمتھان.

2. كۆپەيتىپ ئېلنىدىغان ئىمتھان: كۆپەيتىپ ھەيدەيدىغان شوپۇرلارنىڭ ئۆگىنىش ۋاقتى توشقاندىن كىيىن، بەلگىلەنگەن دەرس تۈرلىرى (قۇشۇمچە 8گە قاراڭ) بۇيىچە ئالىدىغان ئىمتىھان.

3. تەكرار ئىمتھان: يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپراتىنىڭ شوپۇرلاردىن مەلۇم سەۋەب تۈپەيلىدىن ئالىدىغان يەنە بىر قېتىملق ئىمتھانى.

تۆۋەندىكى ئەۋھاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەر، تەكرار ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇلىدۇ،ئىمتىھان ئېلىنىدىغان دەرىس تۈرلىرى:

(1) كىنىشكىسى بىر ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ قېلىنغانلاردىن قاتناش قائىدىسى بىخەتەرلىك ساۋادى ۋە يولدا ھەيدەش تەكرار ئىمتھانى ئېلنىدۇ؛

(2) بىر يىلدىن يۇقىرى يىللىق تەكشۈرۈشكە قاتناشمىغانلاردىن قاتناش قائىدىسى ۋە يولدا ھەيدەش تەكرار ئىمتھانى ئېلنىدۇ؛

(3) ھەربىيلىكتىن كەسىپ ئالمىشىپ يەرلىك شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالىدىغانلاردىن يولدا ھەيدەش تەكرار ئىمتھانى ئېلنىدۇ؛

(4) ھەيدەش تېخنىكىسدا مەسلە كۆرۈلگەنلەدىن يولدا ھەيدەش تەكرار ئىمتھانى ئېلنىدۇ.

تەكرار ئىمتىھان بىرىدىغان شوپۇرلار، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى بەلگىلگەن ۋاقىت، ئۇرۇن، دەرىس تۈرلىرى بۇيىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېرەك.تەكرار ئىمتىھاننىڭ تۈرلىرى ۋە قېتىم سانى ئىككى قېتىم بىلەن چەكلىنىدۇ.

تەكرار ئىمتىھان تۈرلىرىدە ئەڭ يۇقىرى ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان ماشىنا تىپىنى تاللاپ تەكرار ئىمتىھان بىرىشكىمۇ بۇلىدۇ. ئەمما لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئوخشاش تۈردىكى ماشىنا تىپىدە تەكرار ئىمتىھان ئېلىنغان ماشىنا تىپىدىن يۇقىرى بولغان ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان خاتىرسى ئۆچۈرىۋېتىلىشى لازىم. تەكرار ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغانلىرى ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ، ھەمدە تەكرار ئىمتىھان نەتىجىسى ئارخىپقا سېلىنىپ ساقلىنىدۇ.

16-ماددا  1. ئىمتھان تۈرى ۋە مەزمۇنىنى بەلگىلەش

(1) نەزىرىيە دەرىسلىرى ئىككى خىل بولىدۇ؛

قاتناش قائىدىسى ۋە بىخەتەر ھەيدەش ساۋادى (قىسقارتىلىپ قاتناش قائىدىسى دېيىلىدۇ) : ئاساسىي مەزمۇنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتنىشىنى باشقۇرۇش نىزامى» ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى» نى ئاسا قىلىپ، «نىزام» ۋە «تەپسىلى قائىدىسى» دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرر ھەر خىل مۇرەككەپ يوللار، نورمالسىز ھاۋا كىلمات شارائىتى ۋە ئالاھىدە ئەھۋاللاردا بىخەتەر ھەيدەش بىلىملىرىنى ئىگەللەش، ھادىسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلمىلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش، شوپۇرلۇق، مەشغۇلاتچىلىق كىنىشكىسى توغرىسىدىكى بەلگىلمىلەرنى چۈشىنشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

(2) ماشىنىسازلىق ساۋادى ۋە مەشغۇلات قائىدىسى (قىسقارتىلىپ ماشىنسازلىق ساۋادى دېيىلىدۇ) : ئاساسىي مەزمۇنى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئاساسىي تۈزۈلۈشى، ئادەتتىكى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش ۋە ئاسراش ساۋادى ھەمدە مەشغۇلات قائىدىلىرىنى ئۆگخنىش ئاساس قىلىنىدۇ. كورسانتلار ھەيدەشنى ئۆگىنىۋاتقان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئۇمۇمىي تۈزۈلۈشى، ئاساسىي قۇرۇلمىسى ۋە مېخانىزملىرىنىڭ رولىنى تولۇق چۈشۈنىشى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ كۈندۈلۈك تەكشۈرۈش، ئاسراش، ئىشلىتىش بىلىملىرى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان كاشىلىلارغا ھۆككۈم قىلىش ئۇسۇللىرى، جىددى ئەھۋاللاردە بىر تەرەپ قىلىش ۋە خەتەرگە يۇلۇققاندا ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ساۋاتلىرىنى ئىگىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

(3) ئىمتھان سۇئالى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يېزا ئىگلىك ماشىنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى  نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش پونكىتى تۈزگەن ئوقۇتۇش ماتېريالى ئاساس قىلىنىدۇ.

2. تېخنىكا دەرىسلىكى تۆت خىل بولىدۇ:

(1) مەيداندا ھەيدەش (قىسقارتىلىپ مەيدان ئىمتىھانى دېيىلىدۇ) : مەيدان ئىچىگە قۇزۇق ئۇرۇنلاشتۇرۇش ۋە سىزىق سىزىشتىن شەكىللەنگەن مەيدان ئىچىدە ھەيدەش سىخمىسى بۇلۇپ،شوپۇرلاردىن بەلگىلەنگەن سىزىق شەكلى بۇيىچە ھەيدەش (مەشغۇلات قىلىش) تەلەپ قىلىنىدۇ.بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئۆگىنىش شوپۇرلىرىنىڭ ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇش، قوزغاش، ئالدىغا ماڭغۇزۇش، كەينىگە ياندۇرۇش، بۇرۇلۇش، تورمۇزلاش، توختىتىش قاتارلىق ئاساسىي ماھارەتلىرىنىڭ پىششىقلىق دەرىجىسى ۋە تۇسالغۇ بار جايلاردىكى ھەيدەش، مەشغۇلاات ئېلىپ بېرىش، تىزگىنلەش ئىقتىدارلىرى سىنىلىدۇ.

(2) دېھقانچىلىق سايمانلىرنى چېتىش (قىسقارتىلىپ چېتىش ئىمتىھانى دېيىلىدۇ) : دېھقانچىلىق سايمانلىرنى چاتقاندا، ھەقىقىي دېھقانچىلىق  سايمانلىرنى چاتسىمۇ،تەقلىدىي دېھقانچىلىق سايمانلىرنى چاتسىمۇ بولىدۇ.ئەمەلىي نەرسە ياكى چېتىش نوقتىسىنى تەسىس قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئۆگىنىش شوپۇرلىرىنىڭ ئېتىز ئېرىق مەشغۇلاتى جەريانىدىكى دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى چېتىش، ئېتىز بېشىدا بۇرۇلۇش، ئېتىز بېشىدا دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى كۆتۈرۈش-چۈشۈرۈش ۋە ئېتىزدا تۈز سىزىق بۇيچە يۈرۈشتىكى ئاساسىي تېخنىكىلىق ماھارەتلىرىنىڭ پىششىقلىق دەرىجىسى ھەمدە كۆز بىلەن مۆلچەرلەپ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارلىرى سىنىلىدۇ.

(3) ئېتىز-ئېرىق مەشغۇلاتى (قىسقارتىلىپ ئېتىز ئىمتىھانى دېيىلىدۇ) : ئېتىز-ئېرىق ياكى بەلگىلەنگەن مەيداندا ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇنداقلا نەق مەيدان ياكى تەقلىدى ئۇسۇل ئارقىلىق، ئۆگىنىش شوپۇرلىرىنىڭ دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى سۆرەپ ياكى ئېسىپ ئېتىز-ئېرىق مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغاندىكى مەشغۇلات سۈپىتىنىڭ دېھقانچىلىق تېخنىكا تەلىپىگە يەتكەن -يەتمىگەنلىك ئىقتىدارى سىنىلىدۇ.

(4) يولدا ھەيدەش (قىسقارتىلىپ يول ئىمتىھانى دېيىلىدۇ) : ۋەكىللىك خارەكتېرىگە ئىگە يوللاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇنىڭدەك تەقلىدى قىلىنغان يول ئەسلىھەلىرى بار مەشق مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلسىمۇ بۇلىدۇ.ھەر خىل تراكتورلارنى پرىتىسېپ چېتىپ ھەيدەش لازىم.

ئۆگىنىش شوپۇرلىرىنىڭ يولدا ماشىنىنى توغرا باشقۇرۇش ئىقتىدارى، قاتناش قائىدىسىنى ئىگەللەش دەرىجىسى ۋە ھۆكۈم قىلىش، ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ماسلىشىش ئىقتىدارى قاتارلىقلار ئۇنىۋېرسال سىنىلىدۇ.

17-ماددا  يېزا ئىگلىك ماشىنا مەشغۇلاتچىلىرىدىن پەقەت ماشىنسازلىق ساۋادى ۋە مەشغۇلات قائىدىسىدىن ئىمتھان ئېلىنىدۇ.ئالى، ئوتتۇر دەرىجىلىك يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى كەسپىىي مەكتەپلىرىنى پۇتتۈرگەنلەردىن ماشىنسازلىق ساۋادىدىن ئىمتھان ئېلىنمايدۇ.

18-ماددا  ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى تراكتۇر ھەيدەپ ئېتىز-ئېرىق مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىنىشتا، يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى ئاپپراتلىرىنىڭ ئىمتھانغا قاتنىشىپ كىنىشكا ئېلشى كېرەك. ئۇلاردىن پەقەت قاتناش قائىدىسى بىلەن بىخەتەر ھەيدەش ساۋادىدىن ئىمتىھان ئېلىنمىغاندىن باشقا، قالغان تۈرلەدىن ئىمتىھان ئېلىنىدۇ.

19-ماددا ئىمتىھان بىرىدىغان ماشىنا، مەيدان، يول بەلگىلمىسى

1. ئىمتىھان ماشىنىسى:

(1) ئىمتىھان ماشىنىسىنىڭ بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى تۇلۇق ئۈنۈملۈك بولۇشى،شۇنىڭدەك يىللىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن ماشىنا بولۇشى كېرەك؛

(2) ئىمتىھان ئالغاندا ئىمتىھان ماشىنىسى دېگەن نومۇر تاختىنى ئېسىپ قۇيۇش كېرەك.

2. ئىمتىھان مەيدانى (مەيدان ئىمتىھانى، چېتىش ئىمتىھانى، ئېتىز ئىمتىھانىدىكى تەقلىدىي ئىمتىھان مەيدانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ):

(1) مەيداننىڭ يۈزى تەكشى، يانتۇلۇق دەرىجىسى %1تىن كىچىك بولۇشى كېرەك، يېپىشىش كوېئىففىتسېنتتى 0.40تىن چوڭ بۇلۇشى كېرەك؛

(2) قۇزۇق ئورنى، بەلگە سىزىقىنىڭ ئۆلچىمى توغرا بۇلشى كېرەك.

3. ئىمتھان ئېلىنىدىغان يول بۈلىكى: ئايلانما يول،  يانتۇ يول، كۆۋرۈك، تونىل، ئۆتۈشمە يول ئېغىزى ۋە سىگنال چىراغ بەلگىسى، بەلگە سىزىقى قاتارلىق شارائىتلار ھازىرلانغان بولشى كېرەك.

20-ماددا  ئىمتىھان تۈرلىرى ۋە تەرتىپى   

شوپۇرلۇققا ئىمتىھان بىرىشكە تىزىملاتقانلارنىڭ ئىمتىھان بىرىدىغان دەرىسلىرى، تىزىملاتقان ماشىنا تىپىغا ئاساسەن بەلگىلنىدۇ؛ بۇنىڭغا دائىر بەلگىلمىلەر قۇشۇمچە 9گە قارالسۇن.

ئىمتىھان ئالدى بىلەن نەزىرىيە دەرسلىرى، ئاندىن تېخنىكا دەرىسلىرىنىڭ تەرتىپى بويىچە بىر بىرلەپ ئېلىپ بېرىلىدۇ.يەنى قاتناش قائىدىسى، ماشىنسازلىق ساۋاتى، مەيدان ئىمتىھانى، چېتىش ئىمتىھانى ،ئېتىز ئىمتىھانى، يول ئىمتھانى تەرتىپى بويىچە ئېلىنىدۇ.  

21-ماددا  ئىمتىھان تەلىپى:

1. نەزىريە دەرىسلىرى بىردەك يېزىقچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ھەر بىر دەرىسنىڭ ئىمتىھان ۋاقتى 60مىنۇت بولىدۇ؛

2. مەيدان ئىمتىھانى ۋە چېتىش ئىمتىھانى پرىتسېپ چاتماي ئېلىنىدۇ (قول تراكتور بۇنىڭ سىرتىدا)؛

3. چېتىش ئىمتىھانى ھەقىقىي نەرسىنى چېتىپمۇ، چېتىش نوقتىسىنى تەسىس قىلىنىپمۇ ئېلىپ بېرىلىدۇ.چىڭ چېتىپ مەيداندا ئىمتھان ئېلىنسىمۇ، يالغۇز ئورۇنلاشتۇرۇلسىمۇ بولىدۇ؛

4. ئېتىز ئىمتىھانى دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى سۆرىتىپ ۋە ئېسىپ نەق مەيداندا مەشغۇلات قىلدۇرۇپ ئېلنىدىغان ئىمتىھان، شۇنىڭدەك ئىز چىقارغۇچنى ئېسىپ ئېلنىدىغان تەقلىدىي ئىمتىھان؛

5. يول ئىمتىھانى پرىتسىېپ چاتماي (تراكتورلارغا پرىتىسېپ چېتىلىدۇ) ئېلنىشى، ئىمتىھان ۋاقتى 20مىنۇتتىن كەم بولماسلىقى، ئىمتىھان ئېلىنغاندا يول يۈرۈىش مۇساپىسى 3كىلومىتېردىن كەم بولماسلىقى كېرەك. بارلىق مۇساپىدە بۇرۇلۇش، كەينىگە بۇرۇلۇش، يېرىم يانتۇلۇقتا قوزغاش قاتارلىق سىناش مەزمۇنى بولۇشى لازىم؛

6. مەيدان، چېتىش، ئېتىز ئىمتىھانلىرىنى ئىككى قېتىم ئېلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ، ئىككىلا قېتىمدا ئۆتەلمىگەنلەردىن تۇلۇقلاش ئىمتىھانى ئېلنىدۇ؛

7. تۇلۇقلاش ئىمتھانى، كۆپەيتىپ ئېلنىدىغان ئىمتىھانى، يەككە تۈرلەردىكى نەتىجىسى لاياقەتسىز بولغانلاردىن  تۇلۇقلاش ئىمتىھانى ئېلنىدۇ، باشقا نەتىجىسى ساقلىنىپ قېلنىدۇ. تۇلۇقلاش ئىمتىھانى، كۆپەيتىپ ئېلنىدىغان ئىمتىھانلىرىنى ئۆگىنىش كىنىشكىسىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى ئىچىدە ئىككى قېتىم تۇلۇقلاپ ئېلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ، ئەمما ئىمتىھان ئارلىقى 10كۈندىن كەم بولماسلىقى لازىم. تۇلۇقلاش ئىمتىھانىدىن يەنىلا ئۆتەلمىگەنلەرنىڭ لاياقەتلىك نەتىجىلىرى ساقلاپ قېلىنمايدۇ، شۇنداقلا بارلىق دەرىسلەردىن ئىمتىھان بىرىشكە قايتىدىن تىزىمغا ئالدۇرۇش كېرەك؛

8. ئىمتىھان ئالغۇچىلارنىڭ  ئەڭ يۇقىرى ئىمتىھان ئېلىشقا رۇخسەت قىلىنغان ماشىنا تىپى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسىدىكى ئەڭ يۇقىرى ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان ماشىنا تىپى بىلەن ئۆز-ئارا مۇناسىپ بۇلشى كېرەك ، ئۇنداق بولمايدىكەن ئالغان ئىمتىھانى ئىناۋەتسىز بولىدۇ.

22-ماددا  نومۇر قويۇش ئۆلچىمى 

1. قاتناش قائىدىسى ۋە بىخەتەرلىك ساۋادى : 100نومۇر تۇلۇق نومۇر بۇلۇپ، 90نۇمۇر ئالسا لاياقەتلىك بولىدۇ؛

2. ماشىنسازلىق ساۋادى ۋە مەشغۇلات قائىدىسى : 100 نومۇر تۇلۇق نومۇر بۇلۇپ، 70نۇمۇر ئالسا لاياقەتلىك بولىدۇ؛

3. مەيدان ئىمتىھانى، ئېتىز ئىمتىھانى، چېتىش ئىمتىھانلىرىدا لاياقەتلىك ۋە لاياقەتسىزدەپ نومۇر قۇيۇلىدۇ،كونكرېتنى نۇمۇر قۇيۇش ئۆلچىمى قۇشۇمچە 1-،2-گە قارالسۇن؛

4. يول ئىمتىھانىدا 100نومۇر تۇلۇق نومۇر بۇلۇپ، 70نۇمۇر ئالسا لاياقەتلىك بولىدۇ،كونكرېتنى نۇمۇر قۇيۇش ئۆلچىمى قۇشۇمچە 3-گە قارالسۇن.

23-ماددا يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتچىلىرىدىن ئېلنىدىغان ماشىنسازلىق ساۋادى ۋە بىخەتەرلىك مەشغۇلات ساۋادى ئىمتىھانىدا 100نومۇر تۇلۇق نومۇر بۇلۇپ، 70نۇمۇر ئالسا لاياقەتلىك بولىدۇ. تەڭشەش ۋە مەشغۇلات دەرسىدىن ئېلىنغان ئىمتىھاندا بەلگىلمىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلسە لاياقەتلىك بولىدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن لاياقەتسىز بولىدۇ.

24-ماددا  ئىمتىھان مەيدان تۈزۈمى

1. نەزىرىيە دەرسلەر ئىمتىھانى  

(1) ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بەلگىلەنگەن ۋاقىت بويىچە، «ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى »گە ئاساسەن مەيدانغا كىرىپ، بەلگىلەنگەن ئۇرۇندا ئولتۇرۇپ ئىمتىھان بىرىدۇ، ھەمدە «ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى»نى ئىمتىھان ئۈستىلنىڭ ئوڭ يۇقىرى تەرىپىگە قۇيۇپ قۇيىلىدۇ؛

(2) ئىمتىھان ئالغۇچىلار ئىمتىھان مەيدانى تۈزۈمىنى ئېلان قىلىدۇ؛

(3) ئىمتىھان ئالغاندا شۇ مەيداندىكى ئاساسىي، قۇشۇمچە ئىمتىھان نازارەتچىسى ۋە ئىھتىھان بەرگۈچىلەردىن باشقا، مۇناسىۋەتسىز خادىملارنىڭ ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىشگە بولمايدۇ؛

(4) ئىمتىھان مەيدانىنىڭ تېنىچلىقىنى  ساقلىشى لازىم، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن پاراڭلىشىشىغا، يىمەكلىك يېيىشىگە، تاماكا چېكىشىگە، ئورنىدىن قوزغىلىشقا بولمايدۇ؛

(5) كىتاب، ماتېرىياللارنى ئىمتىھان مەيدانغا ئېلىپ كىرىشكە بولمايدۇ. ئىمتىھان قەغىزىدىكى خەتىلىرى ئوچۇق بولمىغان سۇئالدىن باشقا، ئىمتىھان سۇئالغا مۇناسىۋەتلىك مەسىللەرنى سوراشقا بولمايدۇ.

2. تېخنىكا دەرسلىرى ئىمتىھانى

ئىمتىھان مەيدانىدا ماشىنا ھەيدەپ مەشق قىلىش مەنئىي قىلىنىدۇ، ماشىنلار بەلگىلەنگەن ئورۇن بويىچە بىردەك توختىپ قۇيۇلۇشى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان ئالغۇچىلارنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشى لازىم، ئىمتىھان ئېلنىۋاتقاندا باشقىلارنىڭ ئۈندىشىگە، قول ئىشارىتى قىلىشغا بولمايدۇ.

3. ئىمتىھان ئالغۇچىلار ئىمتىھاندىن بەش مىنۇت بۇرۇن ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ئىمتىھان مەيدانى تۈزۈمىنى ئېلان قىلىشى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىمتىھان مەيدانىنى قامال قىلىشى كېرەك، 15 مىنۇتتىن يۇقىرى كېچكىپ كەلگەنلەرنىڭ ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ ھەم بۇ دەرس بىر قېتىم لاياقەتىسىز بۇلۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

4. ئىمتىھان جەريانىدا ئىمتىھان مەيدانى تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىش ياكى بىخەتەرلىككە زىيانلىق قىلمىشى ۋە باشقىلارنىڭ ئورنىدا ئىمتىھان بېرىش، پۇرسەتپەرەسلىك قىلىشتەك ئەھۋاللار سېزىلسە، ئەھۋالنىڭ ئېغىر -يېنىكلىكىگە قاراپ تەنقىدىي تەربىيە بېرىش، ئاگاھلاندۇرۇش، ئىمتىھان قەغىزىنى ئىناۋەتسىز قىلىش ۋە ئىمتىھان بېرىش سالاھىتىنى ئېلىپ تاشلاش قاتارلىق چارە كۆرۈش كېرەك.

5. ئىمتىھان جەريانىدا ھادىسە سادىر قىلسا، ئۆگىنىش كىنىشكىسى يىغىۋېلىنىپ، ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ، تۇغدۇرغان ھادىسىسى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

6. يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئىمتىھان ئالغۇچىلىرى ئىمتىھان  ئۆلچىمى ۋە بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، پاك-دىيانەتلىك بۇلىشى ، شەخسىي مەنپەئەتكە بېرىلمەسلىكى، ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

25-ماددا  ئىمتىھان ئاخىرلاشقاندا، ئىمتىھان ئالغۇچىلارنىڭ ھەرقايسى دەرىسلەرنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنى رويخەت تۈزۈپ تىزىملاپ، تاختىغا چىقىرىپ ئېلان قىلىشى، تۇلۇقلاش ئىمتىھانىنىڭ ۋاقىتىنى ئوقتۇرۇشى كېرەك بارلىق دەرىسلەردىن ئۆتكەنلەرنىڭ ئىمتىھان قەغىزىنى ئارخىپقا سېلىشى لازىم.

26-ماددا  ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش پونكىتى يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى شوپۇر مەشغۇلاتچىلىرىدىن ئىمتىھان ئېلىشىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىيىتى بولسا:

1. مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش بەلگىلەنگەن ئىمتىھان ئېلىش تېزىسى بويىچە ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئىمتىھان ئۆلچىمى، ئىمتىھان ئېلىشتىكى ئۆگىنىش ماتېرىيالى، نەزىرىيە دەرىسلىكى ۋە ئىمتىھان قەغىزىنى تۈزۈپ بېسىپ تارقىتىش؛

2. ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى ئىمتىھان ئالغۇچىلىرىنى تەربىيىلەش «يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى ئىمتىھان ئېلىش كىنىشكىسى»نى تارقىتىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بۇلۇش:

3. ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ شوپۇر، مەشغۇلاتچىلاردىن ئىمتىھان ئېلىش خىزمىتىگە نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، يېتەكچىلىك قىلىش؛

27-ماددا  ۋىلايەت، ئوبلاستلىق يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى ئۆزىگە تەۋە رايۇن دائىرىسىدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى شوپۇرلىرىدىن ئىمتىھان ئالىدىغان ئاساسلىق ئاپپارات بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىيىتى تۆۋەندىكىچە:

1. ئۆزىگە تەۋە رايۇندىكى يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى شوپۇر، مەشغۇلاتچىلىرىدىن ئىمتىھان ئېلىش خىزمىتىگە، يەنى ئىمتىھانغا نازارەت قىلىش، نومۇر قويۇش ۋە رەسمىي شوپۇرلۇق كىنىشكىسى تارقىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بۇلۇش:

2. ئۆزىگە تەۋە رايۇنىدىكى يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى ئىمتىھان ئالغۇچىلىرىنى تاللاش، كۆرسىتىش شونىڭدەك كۈندۈلۈك باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛

3. ئۆز تەۋەلىكىدىكى ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى شوپۇر، مەشغۇلاتچىلىرىدىن ئىمتىھان ئېلىش  خىزمىتىگە نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش؛

4. پىراكتكا ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكشۈرۈپ، كىنىشكا تارقىتىش.

28-ماددا  ناھىيە (شەھەر)لىك يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى ئۆز تەۋەلىكىدىكى يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى شوپۇرلىرىنى ئىمتىھان بېرىشكە ئويۇشتۇرىدىغان ۋە يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتچىلىرىدىن ئىمتىھان ئالدىغان ئاساسلىق ئاپپارات بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى تۆۋەندىكىچە:

1. يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى شوپۇرلىرىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھانى، كۆپەيتىپ ئېلىنىدىغان ئىمتىھانى، تەكرار ئىمتىھانلىرىنى تەكشۈرۈپ تىزىملاش رەسمىيتىنى بىجىرىش ۋە تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش؛

2. ئۆز تەۋەلىكىدىكى يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتچىلىرىدىن ئىمىتھان ئېلىش، كىنىشكا تارقىتىشقا مەسئۇل بۇلۇش؛

3. تەكشۈرۈش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشقا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، ھەر بىر قارارلىق يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتچىلىرىدىن ئىمىتىھان ئېلىشتىن بەش كۈن بۇرۇن، ۋىلايەت (ئوبلاست)لىق يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ئىمتىھاننىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

29-ماددا  يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى شوپۇر، مەشغۇلاتچىلىرىنىڭ ئىمتىھانى ئاپتۇنۇم رايۇن بىر تۇتاش بەلگىلىگەن دەرس، ئۆلچەم ۋە تەلەپلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، يۇقىرى دەرىجىلىك يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى ئۆزلىرىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى ئۇيۇشتۇرغان ئىمتىھاندا بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىلەررگە ئېغىر خىلاپلىق قىلمىشى سېزىلسە، شۇ قېتىملىق ئىمتىھاننى توختىتىشقا ياكى ئىمتىھاننى ئىناۋەتسىز دەپ ئېلان قىلىشقا ھۇقۇلۇق، شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ۋە جاۋابكارلارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

30-ماددا  يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى شوپۇر، مەشغۇلاتچىلىرىدىن ئىمتىھان ئالغۇچى خادىملاردا، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش پونكىتى تارقاتقان «يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى ئىمتىھانى ئېلىش كىنىشكىسى» بۇلۇش كېرەك.

31-ماددا  يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى ئىمتىھان ئالغۇچىلىرى ۋە يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى شوپۇر، مەشغۇلاتچىلىرىنىڭ  تۈرلۈك رەسمىيەتلىرىنى بىجىرگۈچى خادىملار قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى كېرەك، شەخسىي مەنپەئەتىگە بېرىلىپ، كۆز بۇيامچىلىق قېلىشقا پارا تەلەپ قىلىشقا، پارا ئېلىشقا، قانۇنسىز ھۈكۈم قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا مەمۇرىي جازا بېرىلىپ، ئىمتىھان ئېلىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

32-ماددا  يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى ئىمتىھان ئالغۇچىلىرى ئىمتىھان نەتىجىسىنى ھۈكۈم قىلىشىتىن باشقا، بۇ چارىگە خىلاپلىق قىلغان ئىمىتھان بەرگۈچىنىڭ ئىمتىھان بېرىشىنى توختىتىش، ئىمتىھان قەغىزىنى يىغىۋېلىش ، ھەتتا ئىمىتىھان مەيدانىدىن قوغلاپ چىقىرىش ھۇقۇقىغا ئىگە.

4-باب  شوپۇرلۇق ۋە مەشغۇلات كىنشكىسى

33-ماددا  يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى شوپۇرلۇق كىنشكىسى ئۆگىنىش شوپۇرلۇق كىنشكىسى ۋە شوپۇرلۇق كىنىشىكىسى دەپ ئايرىلىدۇ؛ يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلات كىنشكىسى ئۆگىنىش مەشغۇلات كنىشكىسى ۋە مەشغۇلات كىنشكىسى دەپ ئايرىلىدۇ. 

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئۈگۈنۈش شۇپۇرلۇق كىنىشكىسى، شۇپۇرلۇق كىنىشكىسى دۈلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك كىنىشكە ياساش  ئۈلچىمى بۇيىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

34-ماددا  شۇپۇلۇق ۋە مەشغۇلات كىنىشكىسىگە كىملىك نومۇرى، ئىسمى، جىنسى، تۇغۇلغان ۋاقتى، ئادرېسى، دۈلەت تەۋەلىكى، ھەيدەش ( ئۈگۈنۈش)كە رۇخسەت قىلىنغان  ماشىنا تىپىنىڭ شەرىتلىك بەلگىسى، دەسلەپكى كىنىشكىنى ئالغان ۋاقىتى، ئىناۋەتلىك ۋاقتى ۋە باشقۇرۇش قاتارلىقلار خاتىرلىنىدۇ. شۇنىڭدەك كىنىشكە تارقاتقان ئاپپاراتنىڭ تامغىسى، ئارخىپى، نومۇرى ۋە كىنىشكا ئىگىسىنىڭ يېقىندا چۈشكەن رەسىمى بۇلۇش كېرەك.

35-ماددا  شۇپۇرلۇق ۋە مەشغۇلات كىنىشكىسىنىڭ خەت ئۇرۇلۇپ ياسىلىىشى

1. شۇپۇرلۇق ۋە مەشغۇلات كىنىشكىسىگە خەت ئۇرۇپ ياساش كومپيۇتېر ئارقىلىق ئىلىپ بىرىلىشى، مەزمۇنى ئىنىق، قىلىپلاشقان بۇلۇشى كېرەك؛

2. دەسلەپكى كىنىشكىنى ئالغان ۋاقتى دىگەن كاتەكچىسىگە بىرىنجى قىتىم شۇپۇرلۇق، مەشغۇلات كىنىشكىسى ئالغان ۋاقىتى ئۇرۇلىدۇ. تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتكەن ياكى ھەربىلىكتىن يەرلىككە كەسىپ ئالماشتۇرغان شۇپۇرلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئالغان ۋاقتى ئۇرۇلىدۇ، شۇپۇلۇق مەشغۇلات كىنىشكىسى ئىناۋەتسىز قىلىنغان، تىزىملىكتىن ئۆچۈرۋېتىلگەندىن كېيىن، قايتىدىن ئىلتىماس قىلىپ  ئالغان شۇپۇرلۇق، مەشغۇلات كىنىشكىسىنىڭ قايتىدىن ئالغان ۋاقتى ئۇرۇلىدۇ؛

3. ئوخشاش تۈردىكى ماشىنا تىپىدە، پەقەت ئەڭ يۇقىرى ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان ماشىنا تىپىنىڭ شەرتلىك بەلگىسى ئۇرلىدۇ، ماشىنا تىپىنىڭ شەرتلىك بەلگىسى بولمىسا، خەنزۇچە خەت ئۇرۇلىدۇ. ئۆزى يۈرەر كومبايىن، كولاش ماشىنىسى، يۈك قاچىلاش ماشىنىسى شۇپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ رەسمىي كىنىشكىسىگە ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان شەرتلىك بەلگىسى «M» بىردەك ئۇرۇلىدۇ. قۇشۇمچە كىنىشكىسىگە چوڭ تىپتىكى ياكى كىچىك تىپتىكى، چاقىلىق ياكى زەنجىر تاپانلىق دەپ ئەسكەرتىلىپ قۇيلىدۇ.مەسلەن:چوڭ تىپلىق چاقىلىق كولاش ماشىنىسى ياكى كىچىك تىپتىكى چاقىلىق كولاش ماشىنىسى، چوڭ تىپتىكى زەنجىر تاپانلىق كولاش ماشىنىسى ياكى كىچىك تىپتىكى زەنجىر تاپانلىق كولاش ماشىنىسى؛

4. شۇپۇرلۇق، مەشغۇلات كىنىشكىسىنىڭ رەسمىي كىنىشكىسىگە كىملىك نومۇرى، قۇشۇمچە كىنىشكسىگە ئارخىپ نومۇرى ئۇرۇلىدۇ؛

5. رەسىمى كىنىشكا ئىگىسىنىڭ يېقىنىدا يالاڭباش چۈشكەن بىر سۇڭلۇق رەسىمى بۇلۇشى، تەلەپتىكى ئۆلچەم بۇيىچە تەكشى كېسىلىپ، بەلگىلەنگەن ئۇرۇنغا چاپلىنىشى، رەسىم ئۈستىگە پۇلات تامغا بېسىلىپ پېچەتلىنىشى كېرەك؛

6. ئۇرۇلغان مەزمۇنلار تۇغرا، خاتاسىز بولۇشى كېرەك؛

7. كۆپەيتىپ ھەيدىگەن ماشىنا تىپىنىڭ ئەسلىدىكى كىنىشكا نومۇرى بۇيىچە قايتىدىن ئۇرۇلىدۇ؛

8. شوپۇرلۇق، مەشغۇلات كىنىشكا نۇمۇرىنى تارقاتقاندا، ئاۋۋال ئۆزگىرىش، ئۆچۈرۈۋېتىش قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئارلىقتا قېپقالغان بوش نۇمۇرلار تولدۇرۇلۇشى كېرەك؛

9. سۇلياۋ قاپلىما بىلەن ھىملانغاندا،  سۇلياۋ قاپلىما بىلەن كىنىشكا كارتىسى تۇغرىلىنىشى، تۆت تەرىپى ھىم بولۇشى، ئېچىلىپ كېتىش ئەھۋاللىرى بولماسلىقى كېرەك.

36-ماددا  شۇپۇرلۇق، مەشغۇلات كىنىشكىسىنى تۇلۇقلاش ۋە ئالماشتۇرۇپ تارقىتىش

1. شۇپۇرلۇق، مەشغۇلات كىنىشكىسى يۈتۈپ كەتكەن، يىرتىلىپ كارغا كەلمىگەن، ئۇپراپ بۇزۇلغاندا (ئۇنىڭ قېپقالغان قىسمىدا ئىسىم ياكى كىنىشكا نومۇرىنى پەرىق ئەتكىلى بولۇش كېرەك)، گېزىتتە ئېلان قىلىشى ياكى يىرتىلىپ ئۇپراپ كەتكەن كىنىشكىنى ئېلىپ كىنىشكا تارقاتقان ئاپپاراتقا بېرىپ « يۈتكەن ۋە ئۇپراپ بۇزۇلغان نومۇر تاختا -كىنىشكىلارنى تولۇقلاش جەدۋىلى » ( قۇشۇمچە 9غا قاراڭ )نى ئېلىپ تولدۇرۇپ، كىنىشكىنى تولۇقلاپ ئالماشتۇرۇش رەسمىيىتىنى ئۆتەش كېرەك.

يېزا ئىگىلىك ماشنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرغاندىن كىيىن يىرتىلىپ ئۇپراپ كەتكەن كىنىشكىنى يىغىۋېلىپ، ئەسلىدىكى كىنىشكە نومۇرى بىلەن ئوخشاش بولغان شۇپۇرلۇق، مەشغۇلات كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ تارقىتىپ بېرىشى، شۇنىڭدەك گېزىتتە ئېلان قىلىنغان قىسمىنى كېسىپ ئىلىپ «يۈتكەن ۋە ئۇپراپ بۇزۇلغان نومۇر تاختا -كىنىشكىلەرنى تولۇقلاش جەدۋىلى» دىكى بەلگىلەنگەن ئۇرۇنغا چاپلاش قويۇش كېرەك.

2. شۇپۇرلۇق، مەشغۇلات كىنىشكىسىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى توشۇشتىن  بۇرۇنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە، كىنىشكىنىڭ ئىگىسى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا بېرىپ كىنىشكىنى ئالماشتۇرۇش رەسمىيىتىنى ئۆتىشى كېرەك.

ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن ئۆز قەرەلىدە كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرالمىغانلار، ئىشتىن ئاۋۋال كىنىشكىسىنى بالدۇر ياكى كېچىتۈرۈپ ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشى لازىم. ئىشتىن ئاۋۋال ئىلتىماس قىلمىغان ياكى ئىلتىماس قىلغان كىنىشكىنى كېچىكتۇرۇپ ئالماشتۇرۇش، ئىناۋەتلىك ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتكەنلەر، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرر بۇيىچە جازالىنىپ بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ كىنىشكىسى ئالماشتۇرلۇپ بېرىلسە بولىدۇ.

3. ھەربىلىكتىن كەسىپ ئالماشتۇرۇپ، يەرلىكتىن شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرۇپ ئالىدىغانلار، كىملىكى، ھەربىي سەپتىن چېكىنىش ئىسپاتى، ھەربى ماشىنىسىنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېلىپ، يېزا ئىگىلىك ماشنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا بېرىپ «تىزىملاش جەدۋىلى » نى ئېلىپ تۇلدۇرۇشى،شۇنداقلا كۆرسىتىپ بىرىلگەن يېزا (بازارلىق)دىن يۇقىرى دوختۇرخانىلارغا بېرىپ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈشى ۋە بەلگىلەنگەن دەرسلەر تەكرار ئىمتىھانىغا قاتنىشىشى كېرەك. تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئەسلىدىكى كىنىشكىسى ۋە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئىسپاتىنىڭ كۆپەيىتىلگەن نۇسخىسى ئارخىپقا سېلىنىپ، يېڭى كىنىشكا تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

37-ماددا  شوپۇرلۇق، مەشغۇلات كىنىشكىسى دەپتەردىن ئۆچۈرىۋېتىش

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى شوپۇر، مەشغۇلاتچىلىرىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، يەرلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى دەپتەردىن ئۆچۈرىۋېتىش ھەمدە شوپۇرلۇق مەشغۇلات كىنىشكىسىنى يېغىۋىلىپ، ئارخىپىنى بەلگىلىمە بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. يېزا ئىگىلىك ماشنىلىرى شوپۇر، مەشغۇلاتچىلىرىنىڭ باش دەپتىرى ۋە تەپسىلى باش دەپتىرىدىكى «ئەسكەرتىش خاتىرىسى»دېگەن  كاتەكچىسىگە «دەپتەردىن ئۆچۈرىۋېتىلدى» دەپ يېزىلىدۇ. شۇنىڭدەك ئورنى ياكى يېزا (بازار)لىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت پونكىتىغا ئۇقتۇرۇلىدۇ. ھەمدە ۋىلايەت ( ئوبلاست)لىق يېزا ئگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا يوللىنىپ ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ؛

1. كىنىشكا ئىگىسى ئۆلگەنلەر؛

2. سالامەتلىكىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ھەيدەش، مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشقا مۇناسىپ كەلمىگەنلەر؛

3. كىنىشكا ئالماشتۇرۇش قەرەلىنى ئۆتكۈزىۋەتكىنىگە بىر يىلدىن يۇقىرى بولغانلار؛

4. شوپۇرلۇق، مەشغۇلات كىنىشكىسى ئۆزگەرتكەن، كۆز بويامچىلىق قىلىپ ئالغانلار؛

5. ئورۇنسىز سەۋەپ بىلەن قائىدىگە خىلاپ قىلمىشى ياكى ھادىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلنىشىنى ئۈچ ئايغىچە قۇبۇل قىلمىغانلار؛

6. شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئىككىدىن يۇقىرى بولغانلار؛

7. يېشى 60تىن ئىشىپ كەتكەنلەر؛

8. تىزىملىكىكتىن چىقىرىۋېتىش ئىلتىماسىنى سۇنغانلار؛

9. شوپۇرلۇق، مەشغۇلات كىنىشكىسىنى ئىناۋەتسىز قىلىش جازاسى بېرىلگەنلەر؛

10. تەكرار ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلەر؛

11. ئىككى يىلدىن يۇقىرى يىللىق تەكشۈرۈشكە قاتناشمىغانلار.

5-باب  يىللىق تەكشۈرۈش 

38-ماددا  تەكشۈرۈش شوپۇر، مەشغۇلاتچىلارغا قارىتا تېخنىكىلىق يېتەكچىلىك قىلىش، بىخەتەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشتىكى مۇھىم بىر تەدبىر، شۇنداقلا شوپۇر مەشغۇلاتچىلارنىڭ سالاھيىتى ۋە سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ، شۇپۇر، مەشغۇلاتچىلار قوشۇنىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئۇلارنىڭ تېخنىكىلىق باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئۆنۈملۈك تەدبىر.

39-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى شوپۇر، مەشغۇلاتچىلىرى ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىردىن بۇرۇن، شوپۇرلۇق مەشغۇلات كىنىشكىسىنى ئالغان بولسا، يىللىق تەكشۈرۈشكە قاتنىشىش كېرەك. ئۆگىنىش شوپۇرى مەشغۇلاتچىلىرى ياكى تەكشۈرۈش يىلى ئىچىدە شوپۇرلۇق، مەشغۇلات كىنىشكىسىنى بېجىرگەن شوپۇر، مەشغۇلاتچىلار تەكشۈرۈش پائالىيىتىگىلا قاتنىشىدۇ، تەكشۈرۈش رەسمىيىتىنى ئۆتىمەيدۇ.

40-ماددا  يىللىق تەكشۈرۈش دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدىن ئايرىلغان ھالدا، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا پايدىلىق بولۇش، دېھقانلارغا قولايلىق بولۇش پرىنسىپى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. كونكىرېتنى ۋاقتى، ئورنىنى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى ئۆز جايىنىڭ ئەملىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

41-ماددا  تەكشۈرۈشكە قاتناشقان شوپۇر ،مەشغۇلاتچىلار ئۆز جايىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بەلگىلىگەن ۋاقىت، ئورۇن بويىچە، «يىللىق تەكشۈرۈش باھالاش جەدۋىلى» ( قۇشۇمچە 11گە قاراڭ) نى تولدۇرىدۇ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلەرنىڭ شوپۇرلۇق ،مەشغۇلات كىنىشكىسىنىڭ قوشۇمچە كىنىشكىسىنى ۋە «تىزىملاش جەدىۋىلى»نىڭ تەكشۈرۈش كاتەكچىسىگە يىللىق تەكشۈش تامغىسى بېسىلدۇ. تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەن ياكى تەكشۈرۈشكە قاتناشمىغانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى داۋاملىق ھەيدىشگە، مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

42-ماددا  تەكشۈرۈش مەزمۇنى:

1. شوپۇر مەشغۇلاتچىلارنىڭ شۇ يىل ئىچىدىكى بىخەتەر ھەيدەش، مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش  ۋە قائىدە -تۈزۈمگە رىئايە قىلىش، ھادىسە ساۋاقلىرى قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ خىزمەت خۇلاسىسى، خىزمەت ئورنى ياكى يېزا (بازار)لىق  ئاساسىي قاتلام بىخەتەرلىك تەشكىلىنىڭ باھالىشى بولۇش.

2. شوپۇرلۇق مەشغۇلات كىنىشكىسىدە ئۆزگەرتىلىش، يالغاندىن ياسىۋېلىش، يىرتىلىپ ئۇپراش قاتارلىق ئەھۋاللار  بار -يوقلىقى، رەسىم بىلەن شۇ ئادەمنىڭ ئوخشايدىغان -ئوخشىمايدىغانلىقى، قائىدىگە خىلاپ ھالدا ھادىسە تۇغدۇرۇپ، بىر تەرەپ قىلىنمىغان دېلوسىنىڭ بار -يوقلىقىنى تەكشۈرۈش.

3. سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ بىخەتەر ھەيدەش، مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشقا توسالغۇ بۇلىدىغان -بولمايدىغانلىقىنى تەكشۈرۈش.

4. شوپۇر مەشغۇلاتچىلارغا بىخەتەر ھەيدەش، قائىدە -تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىش تەربىيىسى ۋە ھەيدەش، مەشغۇلات قىلىش، نەزىرىيىسى، مەشغۇلات تېخنىكىسى ئۆگىنىشنى ئېلىپ بېرىش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈش.

5. تاق سانلىق يىلدىكى قاتناش قائىدىسىدىن ئېلىنغان ئىمتىھان نەتىجىسى، جۇپ سانلىق  يىلدىكى سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈش.

43-ماددا  تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىنچە تەكشۈرۈلمەيدۇ، دېلو ئاياغلاشقان، جازالاش مۇددىتى توشقان، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن تۇلۇقلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ:

1. ھادىسە سادىر قىلىپ دېلونى بىر تەرەپ قىلىش تېخى ئاياغلاشمىغانلار؛

2. كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قېلىش جازاسى بېرىلىپ تېخى مۇددىتى توشمىغانلار؛

3. سالامەتلىكىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلۈپ، دوختۇرخانىنىڭ تەكشۈرشى ئارقىلىق بىر يىلدىن يۇقىرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلمەيدىغانلار.

44-ماددا  شوپۇر مەشغۇلاتچىلار مەلۇم سەۋەپ تۈپەيلىدىن يىللىق تەكشۈرۈشكە قاتنىشالمىسا، ئىش ئورنى ياكى يېزا (بازار)لىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ ئىسپاتى، كېچىكتۈرۈپ تەكشۈرتۈش چۈشەندۈرۈشىنى ئېلىپ، ئۆزى قاراشلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا بېرىپ كېچىكتۈرۈپ تەكشۈرتۈشنى ئالدىن ئىلتىماس قىلىشى ھەمدە تەستىقنامىدىكى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە تولۇقلاپ تەكشۈرتۈشى كېرەك. كېچىكتۈرۈپ تەكشۈرۈش ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئۈچ ئايدىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ.

45-ماددا  شوپۇر مەشغۇلاتچىلار يىللىق تەكشۈرۈشكە سەۋەپسىز قاتناشمىسا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ھەيدىشگە، مەشغۇلات ئېلىپ بىرىشقا بىردەك رۇخسەت قىلىنمايدۇ.  يىللىق تەكشۈرۈشكە سەۋەپسىز قاتناشمىغان ياكى كېچىكتۈرۈپ تەكشۈرۈش ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتكەنلەردىن، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى  نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى ئەھۋالىغا قاراپ تەكرار ئىمتىھان ئالىدۇ ھەمدە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرر بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

46-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى شوپۇر، مەشغۇلاتچىلىرى بەلگىلىمە بويىچە بىخەتەرلىك تەربىيە پائالىيىتىگە قاتنىشىشى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىخەتەرلىك خادىملىرى بىخەتەرلىك تەربىيىسى پائالىيىتىنى خاتىرىلەش كارتوچكىسىغا ئىمزالىق تامغا بېسىشى كېرەك.

6-باب   يۆتكىلىشنى تىزىملاش

47-ماددا  شوپۇر، مەشغۇلاتچىلارنىڭ خىزمىتى يۆتكەلگەن ياكى شوپۇرلۇق، مەشغۇلات كىنىشكىسىنىڭ خاتىرىسىدە ئۆزگىرىش بولغاندا، ئۆتىگەن رەسمىيىتى يۆتكىلىشنى تىزىملاش دېيىلىدۇ. شوپۇر، مەشغۇلاتچىلارنىڭ يۆتكىلىشنى تىزىملاش تەۋەلىكى ئۆزگىرىشنى تىزىملاش بىلەن ئۆزگىرىشنى تىزىملاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

48-ماددا  شوپۇر، مەشغۇلاتچىلار ئۆزىنىڭ نازارەت قىلىش تەۋەلىكى (شوپۇر، مەشغۇلاتچىلارنىڭ باشقا ئۆلكە ياكى ئۆز ئۈلكىسىدىكى ئا ۋە ب دىن ئىبارەت ئىككى تەۋەلىك رايۇنىغا يۆتكىلىشى)دىن يۆتكىلىشى شوپۇر، مەشغۇلاتچىلارنىڭ تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىشى (تەۋەلىكى ئۆزگىرىشنى تىزىملاش) دېيىلىدۇ.

1. يۆتكىلىپ كېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش

شوپۇر ،مەشغۇلاتچىلار ئەسلىدىكى نازارەت قىلىش تەۋەلىكىدىن يۆتكىلىپ كەلگەندە، يۆتكىلىپ چىققان ئورۇن ياكى يېزا (بازار)لىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ تونۇشتۇرشى ۋە شۇ يىللىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن شوپۇرلۇق، مەشغۇلات كىنىشكىسىنى ئېلىپ، ئەسلىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا بېرىپ يۆتكىلىپ كېتىش رەسمىيىتىنى ئۆتىشى كېرەك.  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى شوپۇرلۇق، مەشغۇلات كىنىشكىسىنىڭ قوشۇمچە كىنىشكىسى ۋە «تىزىملاش جەدىۋىلى»دىكى يۆتكىلىشنى خاتىرىلەش كاتەكچىسىگە  «X ئۆلكە (رايۇن) X ۋىلايەت (ئوبلاست) X ناھىيە (شەھەر)» گە يۆتكەلدى دەپ ئەسكەرتىشى ھەمدە  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى  نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ تامغىسىنى بېسىپ، ۋاقىتىنى ئەسكەرتىشى، «يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ياكى شوپۇر، مەشغۇلاتچىلارنىڭ يۆتكىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسى» (قۇشۇمچە 11 قاراڭ)نى  تولدۇرۇپ، ئارخىپقا سېلىپ پېچەتلىشى كېرەك. ئارخىپنى ئۆزىنىڭ ئېلىپ كېتىشىگە بەرسىمۇ ياكى پوچتا ئارقىلىق يېڭى تەۋەلىك يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ئەۋەتىپ بەرسىمۇ بولىدۇ.

شوپۇر، مەشغۇلاتچىنىڭ تىزىملىكى تىزىملاش دەپتىرى ۋە كومپيۇتېردىن ئۆچۈرۋېتىلىدۇ.

2. يۆتكىلىپ كىرىش رەسمىيتى بېجىرىش

يۆتكىلىپ كىرگەن شوپۇر، مەشغۇلاتچىلاردىن يۆتكىلىپ كىرگەن ئورۇن ياكى يېزا (بازار)لىق يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئەسلىدىكى ئارخىپى ۋە ئەسلىدىكى شوپۇرلۇق، مەشغۇلات كنىشكىسىنى ئېلىپ يېڭى تەۋەلىك يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا بېرىپ يۆتكىلىپ كىرىش رەسمىيتىنى ئۆتەيدۇ، يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرۇپ خاتالىق بولمىسا «تىزىملاش جەدىۋىلى»گە يېڭى كنىشكا نومۇرىنى تولدۇرۇپ ، كىنىشكا ئالماشتۇرغان ۋاقتىنى ئەسكەرتىپ ، يېڭى كىنىشكا تارقىتىپ بېرىدۇ ، ئەسلىدىكى شوپۇرلۇق، مەشغۇلات كىنىشكىسىنى يېغىۋېلىپ ئارخىپلاشتۇردۇ. شۇنىڭدەك يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى شوپۇر، مەشغۇلاتچىلىرىنىڭ تەپسىلىي ۋە باش تىزىملىك دەپتىرىگە ھەم كومپيۇتېرغا مۇناسىپ ھالدا خاتىرىلەپ قويىدۇ.

49-ماددا  تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرىنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىش رەسمىيتى بېجىرىلمەيدۇ:

1. قائىدىگە خىلاپ ھادىسە سادىر قىلىپ دېلونىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى ئاياقلاشمىغانلار؛

2. يىللق تەكشۈرۈشكە قاتناشمىغان ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەنلەر؛

3. شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قېلىش جازاسى بېرىلىپ مۇددىتى توشمىغانلار؛

4. ئۆگىنىش شوپۇرلۇق، مەشغۇلات كىنىشكىسى بارلار؛

5. شوپۇرلۇق، مەشغۇلات كىنىشكىسىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنلەر.

50-ماددا  ئۆزگىرىشنى تىزىملاش

1. شوپۇر، مەشغۇلاتچىلارنىڭ ئۆز تەۋەلىك رايۇنى ئىچىدە خىزمىتى يۆتكەلگەندە، يۆتكىلىپ كىرگەن ئورۇننىڭ ئىسپاتىغا ئاساسەن، شوپۇرلۇق، مەشغۇلات كىنىشكىسىنى ئېلىپ يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا بېرىپ ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى ئۆتەيدۇ.

2. شوپۇر، مەشغۇلاتچىلارنىڭ ئۆز نازارەت قىلىش تەۋەلىكى رايۇنى ئىچىدە ئولتۇرۇشلۇق ئورنى ياكى ئىدارىسىنىڭ نامى، ئادرېسى ھەمدە شوپۇرلۇق، مەشغۇلات كىنىشكىسىنىىڭ مۇناسىۋەتلىك خاتىرىسىدە ئۆزگىرىش بولغاندا، ئىش ئورنى ياكى يېزا (بازار)لىق يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشى ۋە يىللىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن شوپۇرلۇق، مەشغۇلات كىنىشكىسىنى ئېلىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا بېرىپ ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى ئۆتەيدۇ.

3. يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى شوپۇرلۇق، مەشغۇلات كىنىشكىسىنىڭ قوشۇمچە كىنىشكىسى ۋە «تىزىملاش جەدەۋىلى»دىكى يۆتكىلىشنى تىزىملاش كاتەكچىسىگە ئۆزگىرىش مەزمۇنى ۋە ۋاقتىنى تولدۇرۇپ، يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ تامغىسىنى باسىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تىزىملاش دەپتىرگە ۋە كومپىيۇتېرغا مۇناسىپ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارىدۇ.

4. ئۆزگەرتىش رەسمىيتىنى بېجىرگەندە، «يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى شوپۇر، مەشغۇلاتچىلىرىنىڭ يۆتكىلشىنى تىزىملاش جەدەۋىلى» (قۇشۇمچە 12گە قاراڭ)نى تولدۇرىدۇ، ئورۇننىڭ تامغىسىنى باسقاندىن كېيىن، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ئۆز ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ بېرىلىپ ئارخىپقا سېلىنىدۇ.

شوپۇر، مەشغۇلاتچىلار تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىش، ئۆزگىرىش رەسمىيەتلىرنى ئۈچ ئاي ئىچىدە ۋاقتىدا بېجىرشى كېرەك، ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋېتىپ بېجىرمىگەنلەر، قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلار قاتىرىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

7-باب  ئارخىپ باشقۇرۇش

51 – ماددا  ماددا ئارخىپ ساقلاش

ۋىلايەت (ئوبلاست)لىق يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى ئۆز تەۋەلىكىدىكى يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى شوپۇرلىرىنىڭ ئارخىپلىرى ۋە ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق، ۋىلايەت  ئوبلاست (شەھەر)لىك دۆلەت ئىگىلىكىدىكى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق، مەيدان (زاۋۇت، كان))لارنىڭ يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى شوپۇرلىرىنىڭ ئارخىپلىرىنى تۇرغۇزۇپ ساقلايدۇ، ناھىيە (شەھەر)لىك يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى ئەھۋالغا قاراپ قوشۇمچە نۇسخىسى ياكى تىزىملاش دەپتىرىنى تۇرغۇزىدۇ؛ ناھىيە (شەھەر)لىك يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى ئۆز تەۋەلىكىدىكى يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتچىلىرىنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ ساقلايدۇ؛يېزا ئىگىلىك ماشىنا ھادىسىسى ئارخىپىنى،ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى تۇرغۇزۇپ ساقلايدۇ.

52-ماددا  ئۆگىنىش شوپۇرى، مەشغۇلاتچىلىرى، رەسمىي شوپۇر، مەشغۇلاتچىلىرىنىڭ تىزىملاش دەپتىرى تورغۇزۇلىدۇ. باش تىزىملاش دەپتىرىگە شوپۇرلۇق، مەشغۇلات كىنىشكىسىنىڭ نومۇرى بويىچە تەرتىپلىك ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدۇ.تەپسىلى تىزىملاش دەپتىرگە يېزا (بازار)لارنى بىرلىك قىلىپ، كىنىشكىنى تارقاتقان ۋاقتى بويىچە تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

53-ماددا  ئارخىپ نومۇرى شوپۇرلۇق، مەشغۇلات كىنىشكىسىنىڭ نومۇرى بىلەن ئوخشاش بولۇش كېرەك.

54-ماددا  شوپۇر، مەشغۇلاتچىلارنىڭ ئارخىپى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1. ئۆگىنىش كىنىشكىسىنى بېجىرگەندىكى ئورۇن ياكى يېزا (بازار)لىق يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ تونۇشتۇرشى ۋە كىملىكى، ۋاقىتلىق ئولتۇرۇش گۇۋانامىسى، ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىپلۇملىرىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىلىرى؛

2. شوپۇر، مەشغۇلاتچىلارنى تىزىملاش جەدىۋېلى؛

3. ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى، ئىمتىھان نەتىجىسى، ئىمتھان قەغىزى؛

4. تولۇقلاپ ئالماشتۇرغان كىنىشكىسى ياكى تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتكەندىكى ئۆگىنىش كىنىشكىسى، شوپۇرلۇق ۋە مەشغۇلات كىنىشكىسى، ھەربىي ماشىنىسىنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن ئىسپاتلىرىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىلىرى؛

5. شوپۇر، مەشغۇلاتچىلارنى يىللىق تەكشۈرۈپ باھالاش جەدۋىلى، شوپۇرلارنى كېچىكتۈرۈپ تەكشۈرۈش جەدۋىلى؛

6. شوپۇرلارنىڭ  كۆپەيتىپ ھەيدەشنى ئىلتىماس قىلىشنى تىزىملاش جەدۋىلى؛

7. يۈتكەن، ئۇپراپ بۇزۇلغان نومۇر تاختا ۋە كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ ئالماشتۇرۇش جەدىۋىلى؛

8. يۆتكىلىشكە مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ياكى يېزا (بازار)لىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت پونكىتلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى؛

9. يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى شوپۇر، مەشغۇلاتچىلىرىنىڭ يۆتكىلىشنى تىزىملاش جەدۋىلى ۋە يۆتكىلىش ئۇقتۇرۇشى.

10. قائىدىگە خىلاپلىق قىلپ تۇغدۇرغان ھادىسىسىنىڭ خاتىرىسى ۋە مۇكاپاتلاش ياكى جازالاش ماتېرياللىرى.

55-ماددا  يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى يېنىك ھادىسىسى، ئادەتتىكى ھادىسىسى، ئېغىر ھادىسىسى، پەۋقۇلئاددە ئېغىر ھادىسىلىرىنىڭ ئارخىپى تۇرغۇزىلىدۇھەمدە ئايرىم -ئايرىم ئارخىپقا سېلىنىدۇ. يېنىك ھادىسە كونكرېتنى ئەھۋالغا ئاساسەن قەرەلى بىكىتىلىپ ئايرىم بىر ئارخىپقا سېلنىدۇ. ساقلاش مۇددىتى 20يىلدىن يۇقىرى بولغان ھادىسە ئارخىپى بىردەك يىپ ئارقىلىق تۈپلىنىدۇ، ھەر بىر بۆلەك ھۆججەتلەرنىڭ ئارلىقىغا بەت ئايرىش قەغىزى ئىشلىتىشى، بەت ئايرىش قەغىزىنىڭ رەڭگى ئاق رەڭدىن پەرىقلىق بولۇشى كېرەك. ساقلاش مۇددىتى 20يىلدىن تۆۋەن بولغانلىرىغا ئادەتتىكى تۈپلەش ئۇسۇلى ئىشلىتىلىدۇ.

56-ماددا  يېزا ئىگلىك ماشىنا ھادىسە دېلو ئارخىپى رەسمىي ئارخىپ ۋە قوشۇمچە ئارخىپ دەپ ئايرىلىدۇ. رەسمىي ئارخىپنىڭ مەزمۇنى قانۇنىي ھۆججەت، تەكشۈرۈش خاتىرىسى، جاۋاپكار ۋە دەۋاگەرلەرنىڭ بايانى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، باھالاپ بېكتىش ماتېريالى، مۇرەسسەلەشتۈرۈش ماتېريالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قوشۇمچە ئارخىپنىڭ مەزمۇنى خىزمەت خاتىرسى، تەستىقلاش جەدۋىلى، يوليۇرۇق سوراش، دۇكلات ۋە باشقا ئىسپاتقا دائىر ماتېرياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزاملار بەلگىلمىسى بويىچە ئەدىليە ئورگانلىرىغا ياكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا يوللىنىپ بىر تەرەپ قىلىنغان دېلو ئارخىپلىرى، شۇنىڭدەك يوللانغان دېلو ئارخىپلىرىنىڭ رەسمىي ئارخىپى، كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ۋە قۇشۇمچە ئارخىپلىرى ئارخىپقا سېلنىدۇ.

57-ماددا  يېزا ئىگلىك ماشىنا ھادىسە ئارخىپىنى ساقلاش مۇددىتى دېلو ئاياقلاشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىپ، دېلو بېجىرگۈچى تولدۇرىدۇ. يېنىك ھادىسىنىڭ ساقلىنىش مۇددىتى ئىككى يىل بولىدۇ، ئادەتتىكى ھادىسىنىڭ ساقلىنىش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ، ئېغىر ھادىسىنىڭ ساقلىنىش مۇددىتى20 يىل بولىدۇ، پەۋقۇلئاددە ئېغىر ھادىسىلەر ئۇزۇن مەزگىل ساقلىنىدۇ. ساقلاش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن كۆيدۈرىۋېتىلىدىغان دېلو ئارخىپلىرىنى قايتا تەكشۈرۈپ چىقىپ ساقلاش قىممىتى بارلىرىنىڭ ساقلىنىش مۇددىتىنى ئۇزارتسا ياكى ئۇزۇن مەزگىل ساقلاشقا ئۆزگەرتسە بولىدۇ.

58-ماددا  يېزا ئىگلىك ماشىنا ھادىسسىنىڭ تۈرلۈك دەرىجىدىكى ئارخىپى مەزمۇنىنىڭ ئاساسىي تەلىپى:

1. يېنىك ھادىسىنىڭ ئارخىپى:

(1)  ئومۇمىي تەرتىپكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرى جاۋاپكار ۋە دەۋاگەرلەرنىڭ بايانى، نەق مەيدان خەرىتىسى، مۇرەسسەنامىسى، زىياننى تۆلەش ئىسپاتى، جازالاش قارارى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛

ئاددىي تەرتىپكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرى يېزا ئىگلىك ماشىنا ھادىسىسى مۇرەسسەنامىسى، نەق مەيداندا جازالاش قارارى ياكى جازالاش قارارنامىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2.  ئادەتتىكى ھادىسىنىڭ ئارخىپى:

(1)  ئومۇمىي تەرتىپكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرى قانۇنىي ھۆججەت، تەكشۈرۈش خاتىرسى، جاۋاپكار ۋە دەۋاگەرلەرنىڭ بايانى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، باھالاپ بېكتىش ماتېرىيالى، مۇرەسسەلەشتۈرۈش ماتېرىيالى، باشقا ماتېرىيال قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛

(2)  ئاددىي تەرتىپكە  ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرى يېزا ئىگلىك ماشىنا ھادىسىسى مۇرەسسەنامىسى، نەق مەيداندا جازالاش قارارنامىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

3. ئېغىر ھادىسە، پەۋقۇلئاددە ئېغىر ھادىسىلەرنىڭ دېلو ئارخىپى: قانۇنىي ھۆججەت، تەكشۈرۈش خاتىرىسى، جاۋاپكار ۋە دەۋاگەرلەرنىڭ بايانى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى،باھالاپ بېكتىش ماتېرىيالى، مۇرەسسەلەشتۈرۈش ماتېرىيالى،باشقا ماتېرىيال قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

59-ماددا  ئارخىپ ھۆججەتلىرى

1.  مۇقاۋىسى ۋە مۇندەرىجىسى

(1)  چىداملىق سېرىق قەغەزلىك مۇقاۋا؛

(2)  يېزا ئىگلىك ماشىنا ھادىسە ئارخىپى مۇندەرىجىسى.

2.  قانۇنىي ھۆججەتلەر

(1)  يېزا ئىگلىك ماشىنا ھادىسە دېلوسىنىڭ يوللانمىسى؛

(2)  يېزا ئىگلىك ماشىنا ھادىسىسى ئىقتىسادىي تۆلەم تەكلىپنامىسى؛

(3)  يېزا ئىگلىك ماشىنا ھادىسىسى قارارنامىسى.

3. تەكشۈرۈش خاتىرىسى

(1)  يېزا ئىگلىك ماشىنا ھادىسىسى دېلوسىنى مەلۇم قىلىش، دېلو تۇرغۇزۇش تىزىملىكى؛

(2)  يېزا ئىگلىك ماشىنا ھادىسىسى نەق مەيدانىنى تەكشۈرۈش خاتىرىسىى؛

(3)  يېزا ئىگلىك ماشىنا ھادىسىسى نەق مەيدان خەرىتىسى؛

(4)  يېزا ئىگلىك ماشىنا ھادىسىسى رەسىملىرى؛

(5)  يېزا ئىگلىك ماشىنا ھادىسسىدىكى جەسەتلەرنى تەكشۈرۈش خاتىرىسى؛

(6)  يېزا ئىگلىك ماشىنا ھادىسسىدىكى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان (نەزەر دائىرىسىدىكى) ماتېرىياللار مۇندەرىجىسى؛

(7)  يېزا ئىگلىك ماشىنا ھادىسسىدىكى  ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىش ئىسپاتى.

4. جاۋاپكار ۋە دەۋاگەرلەرنىڭ بايانى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى

(1)  سوراق قىلىش خاتىرىسى؛

(2)  سۈرۈشتۈرۈش خاتىرىسى؛

(3)  سۆھبەتلىشىش خاتىرىسى.

5. باھالاپ بېكتىش خاتىرىسى

(1)  يېزا ئىگلىك ماشىنا ھادىسىسى مەسئۇلىيىتىنى بېكىتىشنامىسى؛

(2) يېزا ئىگلىك ماشىنا ھادىسىسى مەسئۇلىيىتىنى قايتىدىن بېكىتىش قارارنامىسى؛

(3)  يېزا ئىگلىك ماشىنا ھادىسىسىدىكى مېيىپلىكىنى بېكتىشنامىسى؛

(4) يېزا ئىگلىك ماشىنا ھادىسىسىدىكى مېيىپلىقنى قايتىدىن بېكتىشنامىسى؛  

(5) يېزا ئىگلىك ماشىنا ھادىسىسىدىكى ماشىنا مېخانىزملىرىنى تېخنىكىلىق باھالاپ بېكىتىشنامىسى؛

(6)  باشقا باھالاش ماتېرىياللىرى.

6. مۇرەسسەنامىسى

(1)  يېزا ئىگلىك ماشىنا ھادىسىسى زىيىنى تۆلىمى مۇرەسسەنامىسى؛

(2)  يېزا ئىگلىك ماشىنا مۇرەسسەنامە خاتىرىسى؛

(3)  يېزا ئىگلىك ماشىنا ھادىسىسى ئىقتىسادىي زىيىنى تۆلىمى ئىسپاتى؛

(4) يېزا ئىگلىك ماشىنا ھادىسىسى زىيىنى تۆلىمى مۇرەسسەلەشتۈرۈشنى ئاياغلاشتۇرۇشنامىسى.

7. باشقا ماتېرىياللار

(1)  جەسەتنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇقتۇرۇشى؛

(2)  يېزا ئىگلىك ماشىنا ھادىسسىدىكى خىراجىتىنى ئالدىن تۆلەش ئۇقتۇرۇشى؛

(3)  يېزا ئىگلىك ماشىنا ھادىسسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇقتۇرۇشى؛

(4)  يېزا ئىگلىك ماشىنا ھادىسسىنى بىر تەرەپ قىلىشنى تەستىقلاش جەدۋىلى؛

(5) يېزا ئىگلىك ماشىنا ھادىسسىدىكى قالدۇق ماددىي بۇيۇملارنى ئېنىقلاش تالۇنى؛

(6)  يېزا ئىگلىك ماشىنا  ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە ئېغىر ھادىسسىنى تېز مەلۇم قىلىش دۇكلاتى؛

(7) يېزا ئىگلىك ماشىنا ھادىسسىدىكى ھادىسىسىنى تۇغدۇرغۇچىلارنىڭ جازالىنىشىنى تەستىقلاش جەدۋىلى.

8. ئارخىپ بېتىنى ئايرىش ۋە پېچەتلەش

(1) ئارخىپ بېتىنى ئايرىش قەغىزى؛

(2) مۇقاۋىنىڭ ئاخىرقى بېتى چىداملىق سېرىق قەغەز بولۇش.

60-ماددا  يېزا ئىگلىك ماشىنا ھادىسسىى ئارخىپىغا ھادىسە كۆرۈلۈشىنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىكى بۇيىچە نومۇر قويۇلىدۇ.

61-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بېرى كۆرۈلگەنلەرنىڭ ئارخىپى كۆيدۈرىۋېتىلىدۇ:

(1)  شوپۇر، مەشغۇلاتچىلىرىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىرى؛

(2) سالامەتلىكىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ھەيدەش، مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشقا مۇۋاپىق كەلمىگەنلىرى؛

(3) شوپۇرلۇق، مەشغۇلات كىنىشكىسى كۈچىدىن قالدۇرۇلغانلار؛

(4) شوپۇرلۇق، مەشغۇلات كىنىشكىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلار؛

(5) ئارخىپى بەلگىلمىدىكى ساقلاش مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتكەنلەر.

62-ماددا  كۆيدۈرىۋېتىلگەن ئارخىپ ياكى ماتېرىياللارنى كۆيدۈرۈش تىزىملىك دەپتىرى تۇرغۇزۇلۇپ، ئارخىپنىڭ تۈرى، ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان ماشىنا تىپى، ئارخىپ نومۇرى، شوپۇر، مەشغۇلاتچىلارنىڭ ئىسمى، باشلانغان ۋە ئاخىرلاشقان ۋاقتى، بەت سانى قاتارلىقلار ئېنىق يېزىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى ئارقىلىق، كۆيدۈرۈش تىزىملىكى دەپتىرىگە «كۆيدۈرۈلدى» دېگەن خەت ۋە ۋاقتى ئېنىق ئەسكەرتىلىدۇ، كۆيدۈرۈشكە نازارەت قىلغۇچى ئىمزالىق تامغا باسىدۇ، كۆيدۈرۈش تىزىملىك دەپتىرى ئۇزۇن مۇددەت ساقلىنىدۇ.

63-ماددا  ئارخىپنى تولدۇرۇش خېتى رەتلىك بولۇشى، بەلگىلەنگەن كاتاكچىلەر بىردەك سىيا قەلەم بىلەن ئېنىق تولدۇرۇلۇشى لازىم.تۈرلۈك تىزىملاش ۋاقتىدا بېجىرىلىشى، ئىمتىھان قەغىزى، جەدۋەللەرگە قويۇلغان ئىمزا تولۇق بۇلۇشى، نازارەت قىلىش تامغىسى بېسىلغاندىن كېيىن، تۈرى بۇيىچە ئارخىپقا سېلىنىشى كېرەك.

64-ماددا  ئارخىپنى مەخسۇس ئادەم باشقۇرۇش كېرەك. ئارخىپ باشقۇرۇش خادىملىرى خىزمەتتە ئەستايىدىل بولۇشى، ئارخىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىگە قەتئى رىئايە قىلىشى، ئارخىپنىڭ مۇكەممەل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. ئارخىپلار رەتلىك، خەتلىرى ئېنىق، خاتىرلىنىشى توغرا بولۇشى، تۈر بۇيىچە نومۇر قويۇلۇشى،ئاختۇرۇپ تېپىشقا قۇلايلىق بولۇشى كېرەك.

65-ماددا  ئارخىپلارغا قارىتا قەرەللىك ھالدا ئېنىقلاش، باھالاپ بېكىتىش ئېلىپ بېرىشى ھەمدە ساقلاش مۇددىتى توشقان ياكى ساقلاش قىممىتى قالمىغان ماتېرىياللارنى شاللىۋېتىش كېرەك.

يىللىق تەكشۈرۈش جەدۋىلى، يۈتكەن ۋە ئۇپراپ بۇزۇلغان نومۇر تاختىسى ۋە كىنىشكىلارنى ئالماشتۇرۇپ تارقىتىش جەدۋەللىرىنى ساقلاش مۇددىتى ئۈچ يىل بۇلىدۇ.

66-ماددا  نازارەتچىلەر كەسپىي ئېھتىياج تۈپەيلى ئارخىپتىن پايدىلىنىشقا توغرا كەلگەندە، ئارخىپ باشقۇرۇش خادىملىرىدىن ئېلىپ ئىشلىتىشى، ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ئۆز ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك. باشقا تارماقلار ئارخىپنى كۆرمەكچى بولغاندا، ئورۇننىڭ ئىسپاتىغا ئاساسەن، رەھبەرلىكنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، كۆرسە بۇلىدۇ.

67-ماددا  ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئارخىپ ماتېرىياللارغا سىزىق سىزىشىغا، چەمبىرەك ئۇرۇشىغا، ئۆزگەرتىشىگە، ئارخىپتىكى خاتىرىلەرنى يالغاندىن ياسىشى ياكى ئاشۇرۇپ كېمەيتىشىگە، ئارخىپتىكى جەدۋەل، كىنشكىلار ۋە ماتېرىياللارنى ئالماشتۇرىۋېلىشىغا بولمايدۇ.

68-ماددا  شوپۇر، مەشغۇلاتچىلارنىڭ تەۋەلىك ئۆزگىرىشىنى بېجىرگەندە، ئارخىپ خالتىسى ئېغىزىنى پېچەتلەپ تامغا بېسىشى كېرەك، يەتكۈزۈپ بېرىش ۋاقتى ئىككى ئايدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. يۆتكىلىپ كىرگەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى، رەسمىيىتى تۇلۇق بولمىغان، بېجىرىش بەلگىلمىسىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىرىنى، يۆتكىلىپ چىققان يېزا ئىگخلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا قايتۇرىۋېتىشى كېرەك.

69-ماددا  تەۋەلىكى ئۆزگەرتىلگەن ئارخىپلار، يۆتكىلىپ چىققان ئورۇننىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئارخىپقا سېلىنمايدۇ، بەلكى يۆتكىلىپ كىرگەن ئورۇننىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئارخىپقا سېلىنىدۇ.

70-ماددا  ئارخىپ ئىشخانىسىدا سۇ، ئوت، چاشقان، چاڭ-تۇزان، نەملىكلەردىن ساقلىنىش ئۈسكۈنىلىرى ھازىرلىنىشى كېرەك.ئارخىپ تۈرلىرى بۇيىچە مۇكەممەل ساقلىنىشى لازىم، ئارخىپ ئىشكاۋىغا باشقا ماددى بۇيۇملارنى قويۇشقا بولمايدۇ.

71-ماددا  قەرەللىك تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇپ، ئارخىپلارنىڭ نەملىككە ئۇچرىشى، چېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يىرتىلىپ ئۇپرىغان ياكى سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن ئارخىپلارغا قارىتا ئوڭشاش ياكى كۆپەيتىش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

72-ماددا  ئارخىپ خادىملىرى ئالماشقان ياكى ۋاقىتلىق ئىش ئورنىدىن ئايرىلغاندا، ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە تاپشۇرۇپ ئېلىش رەسمىيىتىنى ئەستايىدىل بېجىرىش كېرەك. 

8-باب  قوشۇمچە پىرىنسىپ

73-ماددا  بۇ چارە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويىلىدۇ. ئىلگىرى ئېلان قىلغان ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بىلەن بۇ چارىنىڭ زىت جايلىرى بولسا، مۇشۇ چارە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

74-ماددا  بۇ چارىنى ئىجرا قىلىش داۋامىدىكى كونكرېتنى مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈشكە ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسى مەسئۇل بولىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#