يالاڭ تورنىك

يالاڭ تورنىك

يالاڭ تورنىك تورنىكنىڭ بىر تۈرى، بەدەن قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە بوشلۇقتا موللاق ئېتىپ يەنە قايتا تورنىكنى تۇتۇۋېلىشتەك ھەرىكەتلەر بار.


ئۇيغۇرچە نامى يالاڭ تورنىك
خەنزۇچە نامى 单杠

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يالاڭ تورنىكيالاڭ تورنىك ھەرىكىتىنىڭ تارىخى1 مىليون يىل ئىلگىرىكى ئىپتىدائىي ئادەملەر دەۋرىگە تۇتىشىدۇ. ئەينى چاغدىكى ئىنسانلار مايمۇنسىمان ئادەم چېغىدىكى دەرەخ شاخلىرىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ پۇلاڭلاش ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالغان.

دۇنيادىكى تۇنجى يالاڭ تورنىك 1812-يىلى غەربىي ياۋروپانىڭ سېرك ئويۇنى تەسىرىدىن بارلىققا كەلگەن. ئۇ چاغلاردىكى تورنىك ھەرىكىتى ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، تورنىك ھەرىكىتىنىڭ ياخشى-يامانلىقى پەقەت قانچە قېتىم پىرقىرىيالايدىغانلىقى بىلەن باھالانغان. كېيىن ھەر خىل تورنىكقا چىقىش ھەرىكەتلىرى بىلەن بەدەن بۇراش، رادىئۇسى ئۆزگىرىدىغان ئايلىنىش ۋە ھەر خىل ئۆرلەپ چىقىش، بوشلۇقتا موللاق ئېتىپ بەدەن بۇراشقا ئوخشاش ھەرىكەتلەر بارلىققا كەلگەن.

يالاڭ تورنىكيېقىنقى زامان گىمناستىكىسىدا ئەڭ تېز تەرەققىي قىلغىنى يالاڭ تورنىك بولۇپ، ھازىر يالاڭ تورنىك ھەرىكەتلىرى تەرەققىي قىلىپ مىڭ نەچچە خىلغا يەتتى. پەقەت يالغۇز بىلەكتە ئايلىنىش ھەرىكىتىدىلا ئوڭ تۇتۇش، تەتۈر تۇتۇش، بىلەكنى تولغاپ تۇتۇشتەك كۆپ خىل ھەرىكەتلەر ھەمدە بىر تەرەپتىن بەدەن بۇراپ، بىر تەرەپتىن بەدەن قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە بوشلۇقتا موللاق ئېتىپ يەنە قايتا تورنىكنى تۇتۇۋېلىشتەك ھەرىكەتلەر بار. ھازىرقى زامان يالاڭ تورنىكىدا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تولۇق، ئورنى يۇقىرى، بوشلۇقى كەڭتاشا بولۇشتەك ئەۋزەل شارائىت بولغاچقا، تورنىكتىن چۈشۈش ھەرىكىتىگىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان بولدى.

يالاڭ تورنىكجۇڭگونىڭ يالاڭ تورنىك ھەرىكىتى ھەرىكەت دائىرىسى چوڭ، قىيىن، يېڭى، كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرارلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن دۇنيانىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. تۇڭ فېي23-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ يالاڭ تورنىك تۈرىدە چېمپىيون بولغان. 1989-يىل10-ئايدىكى25-نۆۋەتلىك دۇنيا گىمناستىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە جۇڭگونىڭ يېڭى ماھىرى لى چۈنياڭ چېمپىيون بولغان. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#