شىنجاڭ غەربىي دىيار كەسپىي مەكتىپى

شىنجاڭ غەربىي دىيار كەسپىي مەكتىپى ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان مەكتەپ بۇلۇپ يەنە بىر نامى ئۈرۈمچى مەشئەل مەكتىپى. شىنجاڭ غەربىي دىيار كەسپىي مەكتىپى 1994-يىلى 6-ئايدا قۇرۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ غەربىي دىيار كەسپىي مەكتىپى
خەنزۇچە نامى 新疆西域专业学校
مەكتەپ تۈرى كەسپىي مەكتپ
بۇرۇنقى نامى شىنجاڭ خۇيدا سودا تەربىيىلەش مەركىزى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1994-يىلى 6-ئاي
باشقا نامى ئۈرۈمچى مەشئەل مەكتىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ غەربىي دىيار كەسپىي مەكتىپى ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان مەكتەپ بۇلۇپ يەنە بىر نامى ئۈرۈمچى مەشئەل مەكتىپى. شىنجاڭ غەربىي دىيار كەسپىي مەكتىپى 1994-يىلى 6-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئەسلى نامى شىنجاڭ خۇيدا سودا تەربىيىلەش مەركىزى ئىدى. 1995-يىلى 8-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن شىنجاڭ غەربىي دىيار كەسپىي مەكتىپى بولۇپ قۇرۇلغان. مەكتەپ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ ئورگىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

يەتتە كەسىپ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، مەلۇم كەسپىي بىلىمگە ۋە كەسپىي ماھارەتكە ھەم بىر قەدەر كۈچلۈك پائالىيەتچانلىققا ئىگە، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلغان كەسپىي تېخنىك خادىملارنى تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بەرگەن. 2000-يىلى مەخسۇس ۋە قوشۇمچە ئوقۇتقۇچىلار 55 نەپەرگە(ئۇنىڭ ئىچىدە ئالىي ئۇنۋانى بارلار توققۇز نەپەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋانى بارلار 20 نەپەرگە، تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇنۋانى بارلار 26 نەپەرگە) يەتكەن. ئوقۇتۇش سىنىپى 20 گە، ئوقۇغۇچىلار 600 نەپەرگە يەتكەن. مەكتەپتە مېھمانخانا، ياتاقخانا، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيى، كومپيۇتېر، سىلىسارلىق، ئېلېكترلەشكەن ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش، مالىيە بوغالتىرلىق قاتارلىق سەككىز تەجرىبىخانىسى بار.

 كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتابلار 10 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى جەمئىي 1500 نەپەردىن ئارتۇقم بۇ مەكتەپ مەكتەپنىڭ تېخىمۇ چوڭ تەرەققىياتلرغا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئىزدىنىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقىرى يېڭى تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش رايونى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، شىنجاڭ غەربىي دىيار تېخنىكا مەكتپى بىلەن ئەسلىدىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 45-ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇش، ھۆكۈمەت ياردەم بېرىش خاراكتېردىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم، ئوتتۇرا باشلانغۇچ، بالىلار باغچىسى بىر گەۋدە قىلىنغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەشئەل مەكتىپىنى قۇرۇپ چىقتى. 2000-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى مەشئەل مەكتىپى رەسمىي قۇرۇلدى. مەكتەپنىڭ يەر كۆلىمى 66600 كۋادرات مېتىر. قۇرۇلۇش كۆلىمى 16000 كۋادرات مېتىر. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار 1300 نەپەردىن ئارتۇق. نۆۋەتتە بۇ مەكتەپ ئۈرۈمچى رايونىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسى ۋە ئوقۇتۇش تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرىگە ئىگە.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#