تورموس

تورموس بولسا پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك تورموسنىڭ قۇرۇتۇلغان، پىششىق ئاق رەڭلىك ئۇرۇقىدىن ئىبارەت بولۇپ، «تورموس» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. توسالغۇلارنى ئېچىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى تورموس
تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
خەنزۇچە نامى 羽扇豆

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تورموستورمۇس بولسا پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك تورموسنىڭ قۇرۇتۇلغان، پىششىق ئاق رەڭلىك ئۇرۇقىدىن ئىبارەت بولۇپ، «تورموس» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. كۈزە پىشقاندا يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ ئۇرۇقى ئايرىپ ئېلىنىدۇ رەڭگى ئاق بولىدۇ. رۇمىنىيە، جەنۇبىي ياۋروپا، مىسىر قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.

خۇسۇسيىتى

ئۈچەي قۇرتلىرىنى ئۆلتۈرۈش، ئىششىق قايتۇرۇش، قان تازىلاش، ھەيز ۋە سۈيدۈك ماڭدۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەكىس تەسىرى

كۆپ يېسە، رەڭگىنى سارغايتىۋېتىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى

تورموس1. تورمۇسنىڭ قاينىتىلمىسى ياكى سىقىپ ئېلىنغان سۈيى ياكى چىقارغان لوئابىنى سىركىگە چىلاپ ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىچسە، مەددىنى چۈشۈرىدۇ. 2. سۇزاپ بەرگى، پىلپىل، تورموس قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ بىرلەشتۈرۈپ، تالقانلاپ ئىچىپ بەرسە ھەيزنى ماڭدۇرىدۇ ھەم تال ئىششىقىنى ياندۇرىدۇ، جىگەردىكى توسالغۇلارنى ئاچىدۇ. 3. ھەسەل بىلەن تورموسنى قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلسە، كونا يۆتەل، زىققە قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ.

مىقدارى

 4 ~ 6  گرام .

تۈزەتكۈچىسى

رەۋغىنى بادام. 

ئورۇنباسارى

 ئەفسەنتىن.

ئىترىفىل دىيدان.

ئۈچەي قۇرتلىرى، يانپاش ئاغرىقى، ناسۇر، بويۇن بەز سىلى، مۇپاسىل، بۇۋاسىر، كونا باش ئاغرىقى، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ھەيز توسۇلۇش ۋە ھەر خىل تېرە كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=427

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=427

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#