كەڭساي ساياھەت مەنزىرە رايونى

كەڭساي ساياھەت مەنزىرە رايونى

كەڭساي تەلكە داۋىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ قەدىمكى شىمالىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك جاي.  ھازىر بۇ جاي ئۈرۈمچى - غولجا تاشيولىنىڭ مۇھىم بۆلىكى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى كەڭساي ساياھەت مەنزىرە رايونى
جۇغراپىيىلىك ئورنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسىدە
داڭلىق مەنزىرە نۇقتىسى كەڭساي قوش مۇنارلىق يانتۇ تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈك، سۇڭشۇتۇ، تەيۋەن بوغۇزى
قاراشلىق شەھەر ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسى
خەنزۇچە نامى 果子沟旅游风景区
كىلىماتى قۇرۇقلۇق كىلىماتى
قاراشلىق دۆلەت جۇڭگو

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كەڭساي ساياھەت مەنزىرە رايونىكەڭساي تەلكە داۋىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ قەدىمكى شىمالىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك جاي. جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى چىڭگىزخاننىڭ 2 - ئوغلى چاغاتاي تۇمەن - مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇنىنى باشلاپ، 13 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىلىغا بارىدىغان مۇھىم يول __ كەڭساينى ئاچقان. ھازىر بۇ جاي ئۈرۈمچى - غولجا تاشيولىنىڭ مۇھىم بۆلىكى ھېسابلىنىدۇ. كەڭساينىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 28 كىلومېتىر بولۇپ، قورغاس ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 40 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان. كەڭساينى ياۋا مېۋىزارلىق ۋە شەكلى ھەرخىل گۈل - گىياھ، دەل - دەرەخلەر قاپلىغان. كۆكلەمدە پۈتكۈل كەڭساي ياۋا مېۋە دەرەخلىرىنىڭ خۇش ھىدى بىلەن تولىدۇ، ئېچىلغان ئاق چېچەكلەر خۇددى زىمىستان قىشتىكى قاردەك ھەممە يەرنى قاپلاپ كېتىدۇ؛ يازدا تاغ شامىلى سوقۇپ تۇرىدىغان بۇ جاي كىشىگە سالقىنلىق ۋە راھەت بېغىشلايدۇ؛ كۈز كەلگەندە قىزىل، سېرىق، كۆك، ئاق، سۆسۈن رەڭلىك يوپۇرماقلار كۆزنى قاماشتۇرۇۋېتىدۇ؛ قىشتا پۈتكۈل دەل - دەرەخ ئاپپاق قارغا كۆمۈلىدۇ. ماشىنىلىق سەپەر قىلىپ، قارىغايلىق دوڭلەرگە چىقسىڭىز، تەڭرىتاغدىكى 1 - چوڭ كۆل __ سايرام كۆلى خۇددى يېشىل ياقۇتتەك كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. تەڭرى كەڭساينىڭ تاغ مەنزىرىسى بىلەن سايرامنىڭ كۆل مەنزىرىسىنى شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ياراتقان.

كەڭساي ئۇزۇنلۇقى 28 كىلومېتىر، ئاساسىي يۆنىلىشى ئۈرۈمچى - ئىلى تاشيولىنى بويلىغان. شىنجاڭنىڭ قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ شىمالىي يولى. 

ساياھەت بايلىقى 

كەڭساي ساياھەت مەنزىرە رايونىكەڭساي تەبىئەت ئاتا قىلغان تەبىئىي خەزىنىسى، ياۋا مېۋە كەڭ تارقالغان ھەم داڭلىق، دورا ماتېرىياللىرى بايلىقى ئىنتايىن مول. كەڭساي تاغلىق شەرقىي شىمالىي ئېگىز، غەربىي جەنۇب پەس، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى800 مېتىردىن 300 مېتىرغىچە  ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 600 مىللىمېتىر ئەتراپىدا، ئېقىن سۇ مىقدارى مول، ئۇ ياۋرۇپا ۋە قۇرغاق رايون ئىچىدىكى بىر قەدەر نەم كىلىماتقا تەۋە. 

راۋاجلىنىش ئەھۋالى

 باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان « بىر بەلباغ ، بىر يول » ئۇلۇغ تەسەۋۋۇرىنىڭ قوللىشى بىلەن ، ئىلى رايونىنىڭ دەرۋازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، شىنجاڭ قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ شىمالىي يولى، كەڭ ساي مەنزىرە رايونى مۇقەررەر ھالدا كەڭ بازار ۋە غايەت زور تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ2011-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى كەڭساي چوڭ كۆۋرۈكىدە رەسمىي قاتناش باشلاندى بۇ كەڭساي مەنزىرە رايونى ئۈچۈن قاتناش جەھەتتىكى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىنتايىن زور قۇلايلىق يارىتىپ بەردى. 

ماشىنا ھەيدەپ ، ئۈرۈمچى - ئىلى تاشيولىنى بويلاپ كەڭسايغا ئالغا ئىلگىرلىگەندە   شەرقى غەربى داڭلىق سايرام كۆلى، يەنە بىر نەچچە كېلومىتىر تاغ تونېلى ئارقىلىق ماڭغاندا كەڭسايغا يېتىپ بارىدۇ. ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا نۆۋەتچى ماكغان ماشىنىلار كەڭسايدا بىر قېتىم توختاپ ئاندىن ماڭىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#