بېيجىڭ بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتى

بېيجىڭ بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتى (Beijing University of Civil and Architecture ) بېيجىڭ شەھىرى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىكى ئورتاق قۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ، بېيجىڭ رايونىدىكى  بىردىن بىر قۇرۇلۇش تۈرىدىكى ئالىي مەكتەپ .

ئۇيغۇرچە نامى بېيجىڭ بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتى
بۇرۇنقى نامى بېيجىڭ بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1936
ئايرىمىسى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت
مەكتەپ تۈرى تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى تۈرىدىكى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 北京建筑大学
قىسقاتىلغان نامى 北建大
مەسئۇل تارماق بېيجىڭ شەھىرى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىكى
داڭلىق مەكتەپداشلار 李瑞环,李昶
مەكتەپ تەلىمى 团结、勤奋、求实、创新

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بېيجىڭ بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتى (Beijing University of Civil and Architecture ) بېيجىڭ شەھىرى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىكىئورتاق قۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ، بېيجىڭ رايونىدىكى  بىردىن بىر قۇرۇلۇش تۈرىدىكى ئالىي مەكتەپ .بېيجىڭ بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتى 1936 - يىلى قۇرۇلغان بۇلۇپ ، بېيپىڭ شەھەرلىك ئالىي دەرىجىلىك سانائەت كەسپىي مەكتىپى قۇرۇلۇش بۆلۈمى ، ئالىي ئىنژېنېر قۇرۇلۇش مەخسۇس ، ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئالىي مەكتەپ ئۈچ تەرەققىيات

 باسقۇچىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن.

 1982 - يىلى دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى  باكلاۋىرلىق ئۇنۋانى بېرىش ئالىي مەكتەپ قىلىپ بېكىتىلدى . 1986 - يىلى ماگىستىر ئۇنۋانى بېرىش ئورنى قىلىپ تەستىقلانغان  . 2011 - يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ « كۆزگە كۆرۈنگەن ئىنژېنېرلار مائارىپ تەربىيىلەش پىلانى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ئالىي مەكتەپ » قىلىپ بېكىتىلدى . 2012-يىلې دۆلەتنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئىختىساسلىقلار دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكۈچڭلەرنې  تەربىيىلەش تۈرى تەستىقلاندى ، 2013 -يىلې 4-ئايدا ئەسلىدىكىدى مەكتەپ نامې

 (北京建筑工程学院) ھازىرقى بېيجىڭ بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتى (北京建筑大学) غا ئۆزگەرتىلگەن .ھازىرغا قەدەر مەكتەپنىڭ ئىككى مەكتەپ  رايونى (西城校区,大兴校区) بار .  غەربىي شەھەر مەكتەپ رايونى كۆلىمى 123 مىڭ كۋادرات مېتىر ، مەكتەپ ياتاق بىناسى قۇرۇلۇش كۆلىمى 202 مىڭ كۋادرات مېتىر ؛ داشىڭ مەكتەپ رايونى كۆلىمى 501 مىڭ كىۋادرات مېتىر ، 1 _ قارارلىق قۇرۇلۇشى 164 مىڭ كۋادرات مېتىر بۇلۇپ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى ، كۇتۇپخانىدا  ساقلانغان قەغەز كىتاب 1 مىليون پارچىدىن ئارتۇق . بۇ مەكتەپنىڭ 11 ئىنستىتۇتى ۋە 3 ئۇل ئوقۇتۇش ئورۇنلىرى تەسىس قىلىنغان ، 34 تولۇق كۇرس كەسپى ؛ بىر دۆلەتنىڭ ئالاھىدە 

 ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئىختىساسلىقلار دوكتورلۇق نۇقتىسى ، 12 ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بېرىدىغان بىرىنچى دەرىجىلىك  پەن ، تۆت كەسپىي ئۇنۋان بېرىش تۈرى ۋە ئالتە قۇرۇلۇش كەسپىي ئۇنۋان بېرىش ساھەسى بار . مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 696 نەپەر ، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوقۇغۇچىسى 8562 نەپەر  ، بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى 7283 كىشى

 ، ماگىستىر ئاسپىرانت 1212 سى ، چەتئەللىك   ئوقۇغۇچىلار 67 نەپەر [2014-يىلغىچە ] .

بېيجىڭ بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتى 1936 - يىلى قۇرۇلغان .

2013 - يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن نامى بېيجىڭ بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆزگەرتىلگەن .

2015 بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى بىلەن ئورتاق قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى ، مەكتەپ رەسمىي ئۆلكە مىنىستىرلىك ئورتاق قۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ قاتارىغا كىردى

مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي مەكتەپ رايونى كۆلىمى 12.3 گېكتار ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 202 مىڭ كۋادرات مېتىر ، مەكتەپ باشقۇرۇش دائىرىسىنى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ، مەكتەپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش شەكلىنى قوللىنىپ ، ئىجتىمائىي بايلىقتىن پايدىلىنىپ ، غەربىي شەھەر مەكتەپ رايونى ۋە داشىڭ مەكتەپ رايونى قۇرۇپ چىقتى .


3 - نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن مەكتەپ باھالاش باھالاشقا قاتناشقان پەن رەت تەرتىپى 

بىناكارلىق ئىلمى     

ئۆلچەش - سىزىش ئىلمى ۋە تېخنىكىسى   9

مەنزىرە باغۋەنچىلىك ئىلمى 15  

شەھەر - يېزا پىلانلاش ئىلمى 12 

قۇرۇلۇش تېخنىلوگىيىسى 31 

باشقۇرۇش ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش 70

2014 - يىلىنىڭ ، بۇ مەكتەپنىڭ جەمئىي مەخسۇس ئوقۇتقۇچى  696 نەپەر . مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە ئاسپىرانتلىق ئۇنۋانى ئىگە ئوقۇتقۇچى 603 ، دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە ئوقۇتقۇچى 300 ، ئالىي كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان 380 نەپەر  ، بۇنىڭ ئىچىدە پروفېسسور 104 كە يەتتى . ئىككى ئاكادېمىيە ئاكادېمىكلىرىنىڭ لى دېرېن پروفېسسورى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى <李圭白> پروفېسسور ۋە بىر تۈركۈم دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەسىرى بار مۇتەخەسسىسلەر ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچى خادىملار ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك كارخانا باشقۇرغۇچىلار تەكلىپ بۇيچە  ئىنستىتۇتىنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى ۋە تەكلىپلىك  پىروفېسسور بۇلۇپ ئىشلىمەكتە . 

بىناكارلىق ئىلمى ، ئۆلچەش - سىزىش ئىلمى ۋە تېخنىكىسى ، مەنزىرە باغۋەنچىلىك ئىلمى   شەھەر - يېزا پىلانلاش ئىلمى ،

 قۇرۇلۇش  تېخنىلوگىيىسى ، باشقۇرۇش ئىلمى 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#