تېرە مۈڭگۈزلىشىش

تېرە مۈڭگۈزلىشىش
تېرە مۈڭگۈزلىشىش كېسىلى بولسا تېرىنىڭ زىيادە مۈڭگۈزلىشىپ كېتىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى ئىپادىلەيدىغان تېرە كېسىلى. قىسمەن تېرەنىڭ مۈڭگۈز ماددىسىنىڭ كۆپىيىشى، تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىشى، كېپەكلىشىشى، يېرىلىشىدا ئىپادىلىنىدۇ، ئادەتتە ئانچە بىلىنمەيدۇ، بەزىدە قېتىشىشى ياكى ئاغرىشى مۇمكىن، دائىم قىش پەسلىدە ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى تېرە مۈڭگۈزلىشىش
كېسەللىك سەۋەبى ئىرسىيەت ئامىلى ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، غەيرىي تەبىئىي سەۋدا ۋە سەپرانىڭ قانغا تەسىر قىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
تەۋە بۆلۈم تېرە بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى بەدەننىڭ قىسمەن جايلىرىدا
ئاساسلىق ئالامىتى تېرە قۇرغاقلىشىش، قۇرۇپ قىچىشىش، خۇددى چېتى ئاجرالغان بېلىق تەڭگىچىلىرىگە ئوخشاش قاسراقسىمان كېپەكلىشىش
خەنزۇچە نامى 皮肤角化症
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تېرە مۈڭگۈزلىشىش بۇنداق كېسەللىك كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ قوزغىلىشى كۆپ ھاللاردا ئىرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، بەزىلىرىنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ئېنىق ئەمەس. كېسەللىك كۆپ ھاللاردا ئاستا خاراكتېرلىك بولۇپ، داۋالاش بىر قەدەر قىيىن، كۆپ ھاللاردا كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئىرسىيەت ئامىلى ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، غەيرىي تەبىئىي سەۋدا ۋە سەپرانىڭ قانغا تەسىر قىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: تېرە قۇرغاقلىشىش، قۇرۇپ قىچىشىش، خۇددى چېتى ئاجرالغان بېلىق تەڭگىچىلىرىگە ئوخشاش قاسراقسىمان كېپەكلىشىش، بۇ خىل ئەھۋال قىش پەسلىدە ئېغىرلىشىش، ئاخىرىدا مۈڭگۈز ماددىلىق تەڭگىچىلەر پەيدا بولۇپ، تېرە كەسلەنچۈك تېرىسىدەك بولۇپ قېلىش ۋە قېلىنلىشىپ قېلىش ئالامىتى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: قارا ھېلىلە، سېرىق ھېلىلە پوستى، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، بەلىلە پوستى، ئامىلە پوستى 15 گىرامدىن، شاھتەررە، گۈلى بىنەپشە 20 گىرامدىن، سانا 12 گىرام، نېلۇپەر، ئارپىبەدىيان ئۇرۇقى، كاسىنە ئۇرۇقى، كەرەپشە ئۇرۇقى، بىستىپايەج، ئۈستقۇددۇس ھىندى، پىننە ئالتە گىرامدىن، سوقا چىلان 20 گىرام، كۆك كاسىنە يوپۇرمىقى 60 گىرام، تەرەنجىبىن 90 گىرام، پۇنۇس، تەمرى ھىندى 45 گىرامدىن، ئەينۇلا 30 گىرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇغا بىر سوتكا چىلاپ، ئەتىسى قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ مەتبۇخ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا تەييارلانغان دورىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

تېرە مۈڭگۈزلىشىشتەركىبى: سېرىق ھېلىلە پوستى 30 گىرام، تەمرى ھىندى 60 گىرام، ئەينۇلا 30 گىرام، سەرپىستان، بىنەپشە، سېرىق ئوت ئۇرۇقى، كاسىنە ئۇرۇقى 15 گىرامدىن، پۇنۇس 75 گىرام، تەرەنجىبىن 60 گىرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇغا بىر سوتكا چىلاپ قويۇپ، ئەتىسى قاينىتىپ تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، مەتبۇخ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: تازىلانغان گۈڭگۈرت، چۆپچىنى، نۆشۈدۈر، ئاقىرقەرھا تۆت گىرامدىن، سەمغى ئەرەبى ئىككى گىرام، شېكەر 10 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، لىمون سۈيى بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا ھەب تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم 4 ~ 8 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#