شىنجاڭ شەھەر قۇرۇلۇش مەكتىپى

شىنجاڭ شەھەر قۇرۇلۇش مەكتىپى 1985-يىلى 5-ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرى شىمالىي بېيجىڭ يولىدا قۇرۇلغان. 1986-يىلى تۇنجى تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. ئوقۇش تۈزۈمى ئىككى يىلدىن تۆت يىلغىچە ئاپتونوم رايونلۇق قۇرۇلۇش نازارىتىگە قارايدىغان مەكتەپ.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ شەھەر قۇرۇلۇش مەكتىپى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1985-يىلى 5-ئاي
مەكتەپ تۈرى كەسپىي مەكتەپ
خەنزۇچە نامى 新疆城建学校
ئايرىمىسى ئوتتۇرا تېخنىكوم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ شەھەر قۇرۇلۇش مەكتىپى 1985-يىلى 5-ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرى شىمالىي بېيجىڭ يولىدا قۇرۇلغان. 1986-يىلى تۇنجى تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. ئوقۇش تۈزۈمى ئىككى يىلدىن تۆت يىلغىچە ئاپتونوم رايونلۇق قۇرۇلۇش نازارىتىگە قارايدىغان مەكتەپ. 1992-، 1993-، 1996-يىللىرى ئۈچ قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تەشكىللىگەن ئوقۇ-ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى باھالاشتىن ئۆتكەن. 1996-يىلى 7-ئايدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم دەپ بېكىتىلگەن. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 64594 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 19245 كۋادرات مېتىر. مەكتەپ شتاتى 147 نەپەر. 1999-يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 81 نەپەر ئالىي ئۇنۋانغا ئېرىشكىنى 23 نەپەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئېرىشكىنى 44 نەپەر، ئوقۇغۇچى سانى 1785 نەپەر.

ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى، شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇشى، باغچا، ئۆي-زېمىن تىجارىتى ۋە باشقۇرۇش، باھانى خامچوت قىلىش، شەھەر لايىھىلەش، سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋە كېرەكسىز سۇنى چىقىرىش، يول ۋە كۆۋرۈك، مۇھىت قۇرۇلۇشى، ئىسسىقلىق ۋە گاز بىلەن تەمىنلەش، ئۆي مۈلۈك باشقۇرۇش، مۇھىت سەنئىتى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان. مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكومنى ئاساس قىلغان. چوڭلار ئالىي تېخنىكومى، تېلېۋىزىيە ئالىي مەكتىپى، سىرتتىن ئوقۇش، ئىش ئورنى بويىچە تەربىيىلەش قاتارلىق كۆپ قاتلملىق كۆپ شەكىللىك ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن. مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدا 38006 پارچە كىتاب ساقلانماقتا. 

مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش شارائىتى ۋە ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېرەكسىز سۇنى باشقۇرۇش باشقارمىسى، يۇقىرى سۈرئەتلك تاشيول باشقۇرۇش باشقارمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تۆتىنچى قۇرۇلۇش شىركىتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن تەجرىبە مەشغۇلات بازىسى قۇرغان. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان 2800 نەپەر ھەر تۈردىكى ئوقۇغۇچى، 3000 دىن ئارتۇق ھەر دەرىجىلىك كادىر تەربىيىلىگەن. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#