جوۋ دوڭيۈ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جۇ دوڭيۈ 1992-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى خېبىي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھىرى تۇغۇلغان. بېيجىڭ كىنو ئىنستىتۇتى ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتنى پۈتتۈرگەن، جۇڭگونىڭ ئېچكىرى ئۆلكىلەردىكى كىنو-تېلېۋىزىيە ئارتىسى.
جۇ دوڭيۈ بالىلىق دەۋرىدە گىمناستىكا مەشىق قىلىشنى ئادەتلەندۈرگەن بۇلۇپ، 12 يېشىدا شىجياجۇاڭ شەھىرى گىمناستىكا كوماندىسىغا قەدەم قويغان.
2010–يىلى جۇ دوڭيۈ «دولانا دەرىخىگە مۇھەببەت» كىنوسىنى سۈرەتكە ئالغاندا شۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشالمىغان. 2011-يىل ئۇ جاڭ يىمو رېژىسسورنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن بېيجىڭ كىنو ئىنستىتۇتىنىڭ ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا شەخسىي تىرىشچانلىق تايىنىپ كۆڭۈلدىكىدەك ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن، يەنى بېيجىڭ كىنو ئىنستىتۇتى ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتىنى تولۇق كۇرس سىنىپىغا قۇبۇل قىلىنغان.
53-نۆۋەتلىك تەيۋەن كىنو ئالتۇن تۇلپار مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛
23-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ فىلم باھالاش جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛
8-نۆۋەتلىك ئاۋمېن خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛
15-نۆۋەتلىك خەنزۇ تاراتقۇ مۇكاپاتى يىللىق ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگە ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛
14-نۆۋەتلىك جۇڭگو خۇابياۋ كىنو مۇكاپاتى بويىچە مۇنەۋۋەر يېڭى ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛
56-نۆۋەتلىك ئىسپانىيەنىڭ باللادولىدتىكى خەلقئارا كىنو بايرىمىدا ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.