كادېش ئۇرۇشى

كادېش ئۇرۇشى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 1312-يىلى يۈز بەرگەن، ئۇ قەدىمكى مىسىر بىلەن غەربىي ئاسىيادىكى كۈچلۈك دۆلەت خىتتىتنىڭ كىچىك ئاسىيا رايونىنى تالىشىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ئاساسلىق ئۇرۇشنىڭ بىرى.

نامى كادېش ئۇرۇشى
باشقا ئاتىلىشى 卡迭石战役
ئورنى كادېش ئەتراپىدىكى ئولېن دەرياسى
نەتىجىسى ئىككى تەرەپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلدى
باش قوماندان رامسېس Ⅱ ( مىسىر ) ، مۇۋاتتال ( خىتتىت )
ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار مىسىر، خىتتى
ۋاقتى مىلادىدىن بۇرۇنقى 1285-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مىسىر قەدىمكى دۆلەت، خىتتىتلارنىڭ دۆلەت قۇرۇشى مىسىردىن كېيىن ئىدى. خىتتىتلار تۆمۈر قورالنى ئەڭ بالدۇر كەشىپ قىلغان ۋە ئىشلەتكەنلىكتىن، تېزدىن قەد كۆتۈرۈپ ھەربىي قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلىنىپ، مىسىرنىڭ كىچىك ئاسىيادىكى ئەنئەنىۋى زومىگەرلىك ئورنىغا تەھدىت سېلىشقا باشلىغان.

كادېش ئۇرۇشىمىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 1317-يىلى مىسىر فىرئەۋىنى رامسېس Ⅱ تەختكە ئولتۇرغان. ئۇ مىسىرنىڭ كىچىك ئاسىيادىكى زومىگەرلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 1312-يىلى ئۆزى بىۋاسىتە 30 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇننى باشلاپ خىتتىتقا جازا يۈرۈشى قىلغان. خىتتىتلار سۈرىيىنىڭ كادېش شەھەر قەلئەسىدە بۆكتۈرمە قويۇپ، مىسىرلىقلار بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنى قارار قىلغان.

كادېش شەھەر قەلئەسى ئورونت دەريا بويىدىكى ئېگىز جايغا جايلاشقان بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپلا غەربىي ئاسىيادىكى مۇھىم قاتناش يولى، شۇنداقلا مىسىر ئارمىيىسى چوقۇم ئۆتىدىغان جاي ئىدى. رامسېس Ⅱ كادېشنى ئۆزىنىڭ ھۇجۇم قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم نىشانى قىلغان، ئەمما خىتتىتلارنىڭ ئىلگىرىلا تەييارلىق كۆرۈپ قويغانلىقىنى بىلەلمىگەن. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 1312-يىل5-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى مىسىر ئارمىيىسى ئورونت دەريا بويىغا يېتىپ بارغان. مىسىر ئەسكەرلىرى چارۋىچى قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئىككى خىتتىت چەۋەندازنى تۇتۇۋالغان، بۇ خىتتىتلار رامسېسقا خىتتىت دۆلىتى پادىشاھىنىڭ مىسىرلىقلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن كادېشتىن چېكىنىپ چىقىپ، ئەسكەر تارتىپ يىراققا كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. رامسېس Ⅱ بۇ خەۋەرگە ئىشىنىپ قېلىپ، پۈتۈن قوشۇننىڭ تولۇق كېلىشىنى كۈتمەستىنلا ئەسكەر تارتىپ دەريادىن ئۆتۈپ، كادېش شەھەر قەلئەسىگە قىستاپ بېرىپ لاگېردا دەم ئالغان. بۇ چاغدا قەلئە ئەتراپىغا يوشۇرۇنۇۋالغان خىتتىتلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ، رامسېس  Ⅱ نى كادېش شەھەر قەلئەسىدە قورشاۋغا ئالغان. بەختكە يارىشا ياردەمچى قوشۇن يېتىپ كەلگەچكە، رامسېس  Ⅱ ئاندىن لەشكەر تارتىپ كادېش قەلئەسىگە يوشۇرۇنۇۋالغان. بۇ جەڭ ئارقىلىق مىسىرنىڭ يىراققا سەپەر قىلىش قوشۇنى ھالسىزلىنىپ كېتىپ، خىتتىتلارنىڭ جەڭنى توختىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى ماقۇل كۆرۈپ، مىسىرغا قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولغان. كادېش ئۇرۇشىدىن كېيىن، مىسىر بىلەن خىتتىت ئوتتۇرىسىدا يەنە كۆپ يىللار ئۇرۇش بولغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 1296-يىلىغا كەلگەندىلا خىتتىت بىلەن مىسىر تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالاپ، ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرغان.

مىسىر جەمئىي تۆت جۈنتۈەن، 20 مىڭ كىشىلىك ئەسكىرىي كۈچ 

خىتتىت تەخمىنەن 3000 مىڭ ئات، 20 مىڭ كىشىلىك ئەسكىرىي كۈچ 

كادېش ئۇرۇشى بۇ تىنچلىق شەرتنامىسى تەخمىنەن ھازىرغىچە بىز بىلگەن ئەڭ بالدۇر تۈزۈلگەن خەلقئارا شەرتنامىدۇر. بۇ شەرتنامىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ساقلانمىغان، لېكىن ئۇنىڭ ئىككى قوشۇمچە نۇسخىسى تا ھازىرغا قەدەر ساقلانغان: ئۇنىڭ بىرى، مىسىر يېزىقىدا مىسىرنىڭ كاناك ئىبادەتخانىسىنىڭ تېمىغا ئويۇپ قويۇلغان؛ يەنە بىرى، خىتتىت يېزىقىدىكى شىنا يېزىقتا يېزىلغان بولۇپ، بېرلىن مۇزېيىدا ھازىرغىچە ساقلانماقتا. 

ئىككى تەرەپ نەچچە ئون يىل بولغان ھەربىي كۈچ سىنىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاپ كەتتى. مىسىرنىڭ ئاسىيا تەۋەسىدىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكۈزۈش، رامسېس Ⅱ نىڭ ۋارىسى كۈندىن - كۈنگە دۇچ كەلگەن ئىچكى - تاشقى قىيىنچىلىق ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. ئېگېي دېڭىزىدىن بولغان كىچىك ئاسىيا قاتارلىق جايلاردا قارا بوران مۇسۇ « دېڭىزدىكى مىللەت » كۆچۈش دولقۇنى ئۈزۈلۈپ قالمىغان، لىۋىيە قەبىلىلەرنىڭ تاجاۋۇزلىقى ماسلاشتۇرۇلغان، فىرئەۋىننىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان، بىر مەھەل گۈللەنگەن يېڭى پادىشاھلىقى تەدرىجىي پارچىلانغان. 

خىتتىت گەرچە ئۆزلەشتۈرۈش سۈرىيەنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، بىر مەھەل ھۆكۈمرانلىق قىىش قالغان. ئەمما مىسىر ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئەسلىدە ئانچە مۇستەھكەم ئىقتىسادىي بازىسىنى يەنىمۇ تەۋرىنىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا زاۋاللىققا يۈزلەنگەن. 

بۇ ئۇرۇش قەدىمقى زامان ھەربىي ئىشلار تارىخىدا يېزىق ئارقىلىق خاتىرىلەنگەن ئەڭ دەسلەپكى جەڭنىڭ بىرى. ھەربىي پىلان قوزغاپ، دۈشمەن پايدىلىنىپ، پىيادە ئەسكەرلەر بىلەن تانكا ئەسكەرلىرى ھەمكارلىشىپ، قورغاننى ساقلاۋاتقان قوشۇن ھۇجۇمغا ئۆتۈش ۋە دالا ئۇرۇشى قىسىملىرى، ماسلىشىشى قاتارلىقلار بۇ قېتىمقى جەڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى. كارناك ئىبادەتخانىسى تام رەسىملىرى ئىچىدىكى مىسىر ھايات تارىخىي داستانچى پېڭ توۋېر ئىچىدە مەدھىيىلىنىپ، بۇ قېتىمقى ئۇرۇش، تام رەسىملىرىدە بۇددا ۋە بۇدساتىۋالارغا ئۇرۇشنىڭ پۈتۈن جەريانى.  [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/148671.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#