جانقورغان كوچىسى

قەشقەردىكى سىرلىق قەلئە − جانقورغان قەدىمىي كوچىسى ئېگىز يار ئۈستىگە جايلاشقان، ئەگرى-توقاي تار كوچىلىرى خۇددى سىرلىق ئوردىغا ئوخشاش گىرەلىشىپ كەتكەن. ئۈنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئېغىزى يارباغ يولىدىن باشلىنىپ، كۈن چىقىشتىكى ئېغىزى بۇلاقبېشى كوچىسىغا تۇتىشىدۇ. كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تاملىرى خام كېسەكتىن قوپۇرۇلغان ئۆيلەر بىلەن يار لېۋىگە قوندۇرۇپ سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ قىياپىتىدە ئۇيغۇر مىمارچىلىقىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرگە خاس ئۇسلۇبى ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان. 

نامى جانقورغان كوچىسى
قۇرلۇشلار ئوسمىناجىم مەسچىتى، پوتەي تۈۋى مەسچىتى، ئەۋراباي مەسچىتى، لوزۇڭ مەسچىتى
ئورنى قەشقەر شەھىرى ياۋاغ كوچا باشقارمىسى بۇلاقبېشى مەھەللىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جانقورغان سېپىل خارابىسى قەشقەر شەھىرى ياۋاغ كوچا باشقارمىسى بۇلاقبېشى مەھەللىسىگە قاراشلىق جانقورغان كوچىسىغا جايلاشقان، سېپىلنىڭ قالدۇق قىسمى ھازىرمۇ يىراقتىنلا ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇ سېپىل ئۆز ۋاقتىدا (مىلادى 10-ئەسىردە) قەدىمىي شەھەر قەشقەرنىڭ تاشقى سېپىل تېمى سۈپىتىدە مۇھىم رول ئوينىغان. بۇ يەرنىڭ «جانقورغان» دېگەن نامىغا باغلىق خەلق ئارىسىدا نۇرغۇن ئەپسانە-رىۋايەتلەر ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا، ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ ھازىرغىچە ئېيتىلىپ كەلمەكتە. 

بۇ يەرنىڭ «جانقورغان» دېگەن نامى توغرىسىدا نۇرغۇن ئەپسانە-رىۋايەتلەر تارقالغان.

1. ئىلگىرى بۇ ئورۇن مازارلىق ئىكەن، بىر قېتىملىق يېغىلىقتا كىشىلەر بۇ مازارغا يوشۇرۇنىۋېلىپ جېنىنى ساقلاپ قالغانىكەن، شۇڭا بۇ يەر «جاننىڭ قورغىنى» دەپ ئاتىلىپ قالغان. 

2. تۇرپانلىق زوھۇرىدىن ھاكىم بەگ ھۆكۈمدار بولغان مەزگىللەردە (1838-يىلى) توپىلاڭ كۆتۈرۈلگەندە، ئۇنىڭ تىرىپىرەن بولغان قوشۇنى جانقورغانغا كىرىۋېلىپ ئامان قالغان، بۇ جاي شۇنىڭدىن باشلاپ «جاننى قوغدىغان قورغان» دەپ ئاتىلىپ، يىللارنىڭ ئۆتۈشى ۋە تىلدىن-تىلغا كۆچۈش جەريانىدا قىسقارتىلىپ «جانقورغان» غا ئۆزگەرگەن. 

3. ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى بۇ ئورۇن «چىنار قورغان مەھەللىسى» دەپمۇ ئاتالغان ئىكەن. پادىشاھ ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ قىزى ئاغرىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان، يۇرت-يۇرتلاردىن تېۋىپلارنى ئەكىلىپ داۋالاتقان بولسىمۇ، ساقىيىش ئۇياقتا تۇرسۇن، كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتكەن. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ياقا يۇرتتىن كەلگەن بىر ئۆلىما: «ھاۋالىق، يېرى قۇرغاق، ئۈستىدىن ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان، كۈن نۇرى تولۇق چۈشىدىغان جايدا كۈتۈنسە، سالامەتلىكى تولۇق ئەسلىگە كېلىدۇ» دەپ، بۇ جاينىڭ نام-نىشانىنى ئېيتىپ بەرگەن. دېگەندەك، پادىشاھنىڭ قىزى مۇشۇ قورغاندا داۋالىنىپ ساقايغان، شۇڭا بۇ يەر «جاننى قوغدىغان قورغان» دەپ ئاتالغان. 

ئوسمىناجىم مەسچىتى

بۇ مەسچىت جانقورغان كوچىسىنىڭ 3-گۇرۇپپىسىغا جايلاشقان، دەسلەپ ياسالغان ۋاقتى 1790- يىلى. بۇ مەسچىتنىڭ ئەسلىي ئورنى خانىقا بولۇپ، ئوسمىناجىمنىڭ دادىسى تايخان خەلپەم دېگەن كىشى سالدۇرغان. ئوسمىناجىم شۇ خانىقادا ئىشانلىق قىلغان، كېيىن مەسچىتكە ئۆزگەرتكەن، شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ مەسچىتنىڭ نامى ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. 1983-يىلى خەلق ئۇنى قايتا رېمونت قىلغان. 

پوتەي تۈۋى مەسچىتى

بۇ مەسچىت جانقورغان كوچىسىنىڭ پوتەي تۈۋى مەھەللىسىگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، پوتەي تۈۋى مەسچىتى دەپ ئاتالغان. بۇ مەسچىتنى 1848-يىللىرى ئەتراپىدا جانقورغان كوچىسىدا ئولتۇرۇشلۇق سەلەي ھاجىم ئاتچى دېگەن چوڭ سودىگەر سالدۇرغانىكەن. سەلەي ھاجىم ئاتچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانىكەن، ئۇ شىمالىي شىنجاڭدىكى تېكەس، موڭغۇلكۈرە، بورتالالاردىن ئات تاللاپ قەشقەرگە يۆتكەپ كېلىپ، بۇ جايدىن ھىندىستان، ئەنجان، فەرغانە، تاشقورغانلارغا قاتنايدىغان كارۋانلارنى ياخشى ئات بىلەن تەمىنلىگەن، ئۆزىمۇ قوشۇمچە سودىگەرلىك بىلەن شۇغۇللانغان. ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ساۋابلىق ئىزدەپ، بۇ مەسچىتنى سالدۇرغان. 

ئەۋراباي مەسچىتى

بۇ مەسچىت جانقورغان كوچىسىنىڭ 6-گۇرۇپپىسىغا جايلاشقان، دەسلەپ سېلىنغان ۋاقتى 1830-يىلىغا توغرا كېلىدۇ. 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان «مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى» نىڭ ئەۋقاپ مۇدىرى (ۋەخپە، ئاشلىق باشقۇرغۇچى) ئەۋراباي قەشقەر شەھىرىنىڭ يارباغ دەرۋازىسى بىلەن تۈمەن دەرياسى ئارىلىقىدىكى گۆركارلار مەھەللىسىگە دارىلئېتام سېلىپ، يېتىم-يېسىرلاردىن سەككىز سىنىپقا ئوغۇللارنى، تۆت سىنىپقا قىزلارنى قوبۇل قىلىپ ئوقۇتقان. بالىلارنىڭ ياتاق-تاماق، يوتقان-كۆرپە، كىيىم-كېچەك، قەغەز-قەلەم، دەپتەر، ھەتتا تۇرمۇش راسخوتىنىمۇ ئۆز يېنىدىن چىقىرىش بىلەن بىللە، مەكتەپ مۇدىرلىقىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالغان. كېيىن شۇ مەكتەپكە يېقىن جايدىن يەر سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا ئۆز يېرىنى قوشۇپ، 32 مو يەرگە دارىلئاجىزىن سېلىپ، قەشقەر تەۋەسىدىكى ئىگە-چاقىسىز، يېتىم-يېسىر، قېرى-چۆرە، مېيىپ-كېسەل ھەم تىلەمچىلەردىن 300 نەچچىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەسئۇللۇقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان، كېيىن دارىلئاجىزىندىكى يېتىم-يېسىرلار 1000 غا يەتكەن. 

ئەۋراباي ھەممە ئىشتا ئۇلار بىلەن بىللە بولغان، بۇنى كۆرگەن بەزىلەر ئۇنى مەسخىرە قىلىپ «ئەۋراباي يېتىم-يېسىر، ساراڭ-مەجنۇنلار بىلەن بىللە يۈرۈپ ئۆزىمۇ ساراڭ بولۇپ قاپتۇ» دېيىشكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنداق گەپ-سۆزلەر ئۇنىڭ ئىرادىسىنى قىلچە بوشاشتۇرالمىغان. ئەۋراباينىڭ بۇ ئېسىل ئەخلاقى ۋە سېخىيلىكى نەتىجىسىدە كېيىنچە نەزىر-چىراغ، خەير-ئېھسان قىلغۇچىلار ئاتىغانلىرىنى دارىلئاجىزىنغا بېرىدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن. «ساۋابلىق ئىش يەردە قالماپتۇ» دېگەندەك، بۇ ياخشى نىيەت ئەۋراباينى پۈتۈن شىنجاڭغا تونۇتقان. يەكەن، خوتەن، ئاقسۇ، غۇلجىلاردىكى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا دارىلئېتام، دارىلئاجىزىنلار ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلغان، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى دارىلئېتام 180 گە، دارىلئاجىزىن 12 گە يەتكەن. 

1935-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەۋراباي خەلققە كۆرسەتكەن تۆھپىسى بەدىلىگە ئاقسۇغا ھاكىم قىلىپ ئۆستۈرۈلگەن، ئۇ ھاكىم بولغان مەزگىلدە ئاقسۇنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپ، بولۇپمۇ دارىلئېتام مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ كۆپ كۈچ سەرپ قىلغان. ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ مەكتەپنىڭ ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلىغان، ھېيت-ئايەملەردە بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ھېيتلىق تارقىتىپ بەرگەن. ئەۋراباينىڭ بۇ خىل ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتى شېڭ شىسەينى ساراسىمىگە سېلىپ قويغان، ئۇ «ئەۋراباي يوقسۇللارنى يىغىپ ئىش تېرىماقچى» دېگەن بەتنام بىلەن ئۇنى قولغا ئالغان ۋە بارلىق مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان، ئائىلىسىدىكىلەرمۇ تەقىب قىلىنغان. سوراقتا ئەۋراباينىڭ بىرقىسىم تۇغقانلىرىنىڭ ھېلىمۇ چەت ئەلدە ئىكەنلىكى، ئەۋراباينىڭمۇ رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئەرەب ئەللىرىدە سودا قىلغانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، شېڭ شىسەي ئۇنىڭغا «چەت ئەل جاھانگىرلىرىنىڭ ئىشپىيونى» دېگەن بەتنامنى چاپلاپ، 1939-يىلى ئۇنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈۋەتكەن، شۇ چاغدا ئۇ 51 ياشتا ئىدى. 

ئەۋراباي مەسچىتىنى ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭ دادىسى نىياز خوجا ھاكىم سالدۇرغان بولۇپ، كېيىن ئوغلىنىڭ نامى بىلەن «ئەۋراباي مەسچىتى» دەپ ئاتالغان. يىغىلغان ئاغزاكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەۋراباي قەتلە قىلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ ئوغلى نىياز خوجاخۇننى ئەنجان رەستىسىدە دۇكان ئېچىپ ئولتۇرغان يېرىدىن چاقىرتىپ كەتكەنىكەن، ئۇ شۇ كەتكەنچە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. ئەۋراباينىڭ ئۆز ۋاقتىدا كۆكئېرىق يېزىسىدا ناھايىتى چوڭ مېۋىلىك بېغى بار بولۇپ، بۇ باغدا مېۋىلەرنىڭ ھەممە تۈرى دېگۈدەك تېپىلاتتىكەن. مېۋە پىشىقىدا باغنىڭ ئىگىلىرى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارانلىرى بىلەن بىرنەچچە قېتىم چىقىپ-كىرىپ كەتكىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغانلىرىنى شۇ يېزىنىڭ ئادەملىرى يەيدىكەن. بۇ باغمۇ ھېلىقى مالىمانچىلىقتا باشقىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىپ نام-نىشانىنى يوقاتقان، ئۇنىڭ قەدىم جايىمۇ ئۆي ئىگىلىرىگە ئوخشاش كۆپ سورۇقچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، تۇخۇمنىڭ ئېقى بىلەن ھاكنى ئارىلاشتۇرۇپ سۇۋالغان، چەكسە جانان چېنىدەك «جىرىڭ-جىرىڭ...» قىلىپ ئاۋاز چىقىدىغان تام سۇۋاقلىرى تۆكۈلۈپ ھالسىرىغان ھالىتىدە مىڭبىر جاپا-مۇشەققەتلەر بىلەن ئۇنىڭ نەۋرىلىرىنىڭ قولىغا قايتىپ كەلگەن. ھازىر نەۋرە-چەۋرىلىرى بۇ ئۆيدە ئولتۇرمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئاتا-ئانىسىدىن قالغان تەۋەررۈك سۈپىتىدە «تۇتىيا» بىلىپ قوغداپ كەلمەكتە. 

لوزۇڭ مەسچىتى

بۇ مەسچىت جانقورغان كوچىسىنىڭ 8-گۇرۇپپىسىغا جايلاشقان، دەسلەپ ياسالغان ۋاقتى 1901-يىلى. ئۇرايىم لوزۇڭ ئۆز ۋاقتىدا پۈتۈن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ بېجىنى ھۆكۈمەتتىن كۆتۈرە ئېلىۋالغان ئادەم بولۇپ، ھۆكۈمەتكە باجنى ئالدىن تۆلىۋېتىپ، كېيىن خەلقتىن ئاستا-ئاستا يىغىۋالغان. يوقسۇللارغا باشپاناھ بولۇپ يول ياساش، مەسچىت سالدۇرۇش دېگەندەك نۇرغان ساۋابلىق ئىش قىلغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ مەسچىت باشتا ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن، كېيىنچە ئۇنىڭ ئەمەل-مەرتىۋىسى بىلەن «لوزۇڭ مەسچىتى» دەپ ئاتالغان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#