ئونسۇ بازىرى

ئونسۇ بازىرى

 ئونسۇ بازىرى ئونسۇ ناھىيەسى چېگرىسىنىڭ قىيپاش غەربىي جەنۇبغا جايلاشقان، شەرق ۋە شىمال ئىككى تەرىپى بولسا يار تۆپىسى؛ غەرب، جەنۇب ئىككى تەرىپى توخۇلا يېزىسى بىلەن قوشنا. ئونسۇ بازىرى ناھىيەلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي، ناھىيىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى.

ئۇيغۇرچە نامى ئونسۇ بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى ئومۇمىي كۆلىمى 14.5 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرغاق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 温宿镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئونسۇ ناھىيەسى
نوپۇسى 45 مىڭ ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئونسۇ بازىرىئونسۇ بازىرى سىستېمىسى ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جاي. ئونسۇ ناھىيەسى چېگرىسىنىڭ قىيپاش غەربىي جەنۇبغا جايلاشقان، شەرق ۋە شىمال ئىككى تەرىپى بولسا يار تۆپىسى؛ غەرب، جەنۇب ئىككى تەرىپى توخۇلا يېزىسى بىلەن قوشنا. جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 1.95 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 2.4 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 14.5 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. پۈتۈن بازارغا قاراشلىق توققۇز مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى، 51 شەھەر ئاھالە گۇرۇپپىسى، ئۈچ مەمۇرىي كەنت، 12 كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسى بار. رايون تەۋەسىدە ھۆكۈمەت كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، مەكتەپ، دوختۇرخانا، بانكا قاتارلىق ئورۇنلار 131. ئاساسلىقى ئۇيغۇر،خەنزۇ، قىزغىز، خۇيزۇ قاتارلىق توققۇز مىللەتتىن تەركىب تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %68.45، شەھەر-بازار ئاھالىسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ % 78 نى ئىگىلەيدۇ، يېزا نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ % 22 نى ئىگىلەيدۇ. بازار بويىچە جەمئىي 10878 ئائىلە، تەخمىنەن 45 مىڭ ئادەم بار، شەھەر-بازار ئاھالىسى 10040 ئائىلە، 35136 ئادەم، يېزا نوپۇسى 751 ئائىلە، 2978 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ % 22 نى ئىگىلەيدۇ. 

ئونسۇ بازىرىئونسۇ بازىرى تەبىئىي مۇھىتى بىر قەدەر ياخشى، پۈتۈن بازارنىڭ شىمالىي تەرىپى يار تۆپىسىدە ، تۈزلەڭلىككە  يۈزلەنگەن، شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس، غەرب، جەنۇبىي توخۇلا يېزىسى شال ئېتىزلىرى بىلەن زىچ تۇتىشىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1132 مېتىر.بازار مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرغاق كىلىماتىنىڭ جەنۇبىي تۈزلەڭلىك ئىللىق كىلىمات رايونىغا تەۋە، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 85 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1866 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃10، بىرىنچى ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃ 9.5-، 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃23، بىر يىلدا قىروسىز مەزگىلى 179 كۈن بولۇپ، بىر يىلدا غەربىي شىمال شامىلى كۆپ چىقىدۇ، شامال كۈچى 1 بال، ئەڭ چوڭ شامال كۈچى 9 بال. ئونسۇ بازىرىنىڭ قاتنىشى قۇلايلىق، بازارنى مەركەز قىلغان، ھەرقايسى يېزا، بازار مەيدانى تاشيول تورىنى شەكىللەندۈرگەن، بازارنى كېسىپ ئۆتكەن ئاقسۇ-ئاقسۇ كونىشەھەر-تاش لەڭگەر تاشيولى بار.

ئونسۇ بازىرىئونسۇ بازىرى باشتىن-ئاخىر ناھىيىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، « سودا بويىچە باي بازار، ساياھەت تىرىك بازىرى، كۈچلۈك بازار، يېزا ئىگىلىكى مۇقىم بازار، ئوبراز بازىرى، پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈلگەن   مۇقىم بازار »دىن ئىبارەت خەلقنى بېيىتىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانى بويىچە، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، يېڭىچە ئىناق مەھەللە بەرپا قىلىش نۇقتىلىق خىزمىتىنىچىڭ تۇتۇپ، ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلارنى باشقۇرۇش، مۇلازىمەت فۇنكسىيىسىنى ئۆستۈرۈش، قىسىم پارتىيە قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش قانۇن يۈرگۈزۈش، خەلق ئىشلىرى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، شەھەر قۇرۇلۇشى، مۇھىت ئاسراش، پىلانلىق تۇغۇت، مېيىپلار بىرلەشمىسى، ئەمگەك-كاپالەت قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان مۇلازىمەت ئورنى قۇرۇش،ئىجتىمائىي ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ماس، ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#