كۆرۈش كۈچى

كۆرۈش كۈچى

ئادەم كۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنىڭ بولغانلىقىدا،  بىر نەرسىلەرنى دائىم كۆرۈش بۇلۇڭى ئارقىلىق پەرقلەندۈرىدۇ، بۇنى بىز كۆرۈش كۈچى دەپ ئاتايمىز. 

ئۇيغۇرچە نامى كۆرۈش كۈچى
تىپى تېببىي ئاتالغۇلىرى
خەنزۇچە نامى 视力

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۆرۈش كۈچىكۆرۈش كۈچى ئاجىزلىق بولسا—بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى بالىلارنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغان كۆز كېسەللىكىنىڭ بىرى، كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىق پەقەت مۇشۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ بىر كۆزىنىڭ ياكى ئىككىلا كۆزىنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار نەرسىلەرگە قارىغاندا، مۇكەممەل بولغان ستېرېئولۇق كۆرۈش سەزگۈسى بولمايدۇ. بۇ بالىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ۋە كېيىنكى خىزمىتىگە پايدىسىز ئامىللارنى ئېلىپ كېلىدۇ. كۆرۈش كۈچى ئاجىزلار ئاساسلىقى ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا، چوڭ مېڭىدىكى كۆرۈش سەزگۈ نېرۋىلىرى يېتەرلىك غىدىقلىنىشىغا ئۇچرىماي، يېتىلىش ۋە غىدىقلىنىشىدىن توختاپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى كۆزنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىنىڭ يېتىلىشى ئادەتتە ئالتە ياشتىن سەككىز ياشقىچە بولغاندا ئاللىقاچان مۇكەممەل بولۇپ بولىدۇ، شۇڭا كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىق كېسىلىنى قانچە بالدۇر بايقىسا، شۇنچە بالدۇر داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئادەتتە، كۆزى ئاجىزلىق كېسىلىنى ئۈچ ياشتىن بەش ياشقىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە داۋالاتسا بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ، ئەگەر كۆرۈش سەزگۈسىنىڭ يېتىلىش ۋاقتىدىكى سەزگۈرچانلىق دەۋرى ئۆتۈپ كېتىپ، پىششىپ يېتىلگەن مەزگىلگە كىرگەندىن كېيىن داۋالاتسا، ئۈنۈمى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ.

كۆرۈش كۈچىبۇ خىل كېسەللىكنى داۋالاشتا ئالدى بىلەن بۇ خىل كېسەلنى پەيدا قىلىش سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، دىئاگنوز قويۇش ئارقىلىق داۋالاش كېرەك. كۆزىگە تۇغما ئاق چۈشۈش ياكى ئۈستۈنكى قاپىقى تۇغما ساڭگىلاپ چۈشۈش تۈپەيلىدىن كۆرۈش كۈچى ئاجىز بولغانلارنى ئىمكانقەدەر بالدۇرراق ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ، ئالىغاي بولۇپ قالغانلار ئاۋۋال ئالىغايلىقنى تۈزۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ئاتروپىن ئارقىلىق كۆزىنىڭ كۆرۈش قابىلىيىتىنىڭ نۇرىنى تەكشۈرۈپ، مۇۋاپىق بولغان كۆزەينەكنى تاقاپ، نۇر سۇندۇرۇشنى توغرىلاش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا، غۇۋا كۆرۈنگەن نەرسىلەر ئوچۇق كۆرۈنىدۇ ۋە كۆرۈش سەزگۈ ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگىمۇ ياخشى قوزغاتقۇچ بولۇپ، كۆرۈش سەزگۈسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياخشى ئاساس سالىدۇ. شۇنداقلا كۆزى ئاجىزلىقنى داۋالاشتىكى باشقا خىل ئۇسۇللار نۇر سۇندۇرۇشنى توغرىلاش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يېپىش(يەنى كۆرۈش ئىقتىدارى ياخشى بولغاندا كۆزىنى يېپىپ، كۆرۈش ئىقتىدارى ئاجىز بولغان كۆزنى كۆپ ئىشلىتىشكە مەجبۇرلاش ئۇسۇلى) ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى، چەكلەش ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى(بىر قىسىم يېشى چوڭ ھەم كۆزىنى ئېتىشكە ئۇنىمىغان بالىلارغا كۆزەينەك تاقىغۇزۇپ، ئاجىز كۆزى بىلەن نەرسىلەرگە قارىغاندا كۆرۈش ئىقتىدارى ياخشى بولغان ياخشى كۆزى ئارقىلىق ئوچۇق كۆرۈش ئۈنۈمىگە ئېرىشىشتىن ئىبارەت) ، تەسىر ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى(كۆزى ئاجىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا نىسبەتەن نازۇك خىزمەت قىلغۇزۇش. مەسىلەن: تەسۋىرلەش، مارجان ئۆتكۈزۈش، قەغەز قېيىش، يىڭنىگە يىپ ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار) ھەم دورا ئۆسۈملۈكلىرى ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئېلىپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ.

كۆرۈش كۈچىكۆرۈش كۈچى ئاجىزلىقى — بالىلارنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، دائىم كۆرۈلىدىغان كۆز كېسەللىكى بولۇپ، ئاساسلىقى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى جەريانىدا، چوڭ مېڭىدىكى كۆرۈش سەزگۈ نېرۋىلىرىنىڭ تولۇق غىدىقلىنىشىغا ئۇچرىماي، يېتىلىشتىن ياكى قوزغىلىشتىن توختاپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت. ئۈچ ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىت بولسا كۆرۈش سەزگۈسىنىڭ يېتىلىۋاتقان ھالقىلىق ۋاقتى، شۇڭا كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىق كۆپىنچە بالىلاردا كۆرۈلىدۇ. بولۇپمۇ بوۋاقلاردا، كىچىك بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، جۇڭخۇا كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمى جەمئىيىتى ئۆسمۈرلەردىكى كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىق، ئالىغايلىق قاتارلىق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۆۋەندىكىدەك ئېنىقلىما بەرگەن: ئومۇمەن كۆز ئەتراپىدا روشەن دەرىجىدە كېسەللىك ئالامىتى بولمىسا، فۇنكسىيە ئامىللىرىنى قوزغىتىشىنى ئاساس قىلىپ، يىراقنى كۆرۈش ئىقتىدارىنى تۈزلەش ئارقىلىقمۇ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە ياكى كۆرۈش ئىقتىدارى ئومۇمەن0.8 بولسا كۆرۈش كۈچى ئاجىز بولىدۇ. يەنى، بالىنىڭ كۆزى قارىماققا يا قىزارمىسا ياكى ئىششىپ كەتمىسە، كۆزلىرى چاقناپ تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدىكى دوختۇر دائىملىق تەكشۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن مەسىلەن: كۆز ئاستىنى تەكشۈرۈش ئەينىكى ئارقىلىق تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇل بىلەن تەكشۈرۈپمۇ كېسەللىك ئالامىتىنى بايقىيالمىسا، بىراق كۆزنىڭ كۆرۈش قابىلىيىتىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مۇۋاپىق بولغان كۆزەينەكنى تاقىغاندىن كېيىنمۇ كۆرۈش ئىقتىدارى نورمال بولمىسا، بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىق دېيىلىدۇ. بۇ خىل كېسەل ئېغىر بولغاندا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، كۆزى ئاجىزلىقتىن ئىبارەت بۇ مەسىلىگە چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

 كۆز ئۇدۇلىدا پاشا-كۇمۇتىلار ئۇچقاندەك بىلىنىش، كۆز جىيەكلىرى قىزىرىش، كۆزدىن ياش كەلمەي قۇرۇپ تۇرۇش، كۆرۈش قۇۋۋىتى تەدرىجىي ئاجىزلاپ، نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەسلىك قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

كۆرۈش كۈچىكۆرۈش كۈچى ئاجىزلىقنى داۋالاش بولسا، ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىنىدىغان، داۋالاش ئۈنۈمى ئاستا، مۇشەققەتلىك بولغان داۋالاش خىزمىتى بولۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ يېقىندىن ماسلىشىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ تۆۋەندىكى بىرقانچە خىل جەھەتتە ماسلاشسا بولىدۇ:

1. ئاتا-ئانىلار بۇ خىل كېسەلگە نىسبەتەن تولۇق تونۇشقا ئىگە بولۇپ، كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىقنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئېلىپ كېلىدىغان خەتىرى ۋە داۋالاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يېتىپ، ھەرگىزمۇ پەرۋاسىزلارچە مۇئامىلە قىلماسلىقى كېرەك.

2. ئاتا-ئانىلار چوقۇم ھەيدەكچىلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك، چۈنكى بۇ خىل كېسەللىكنى داۋالاشقا ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا بالىنىڭ يېشى كىچىك، سەۋرچانلىقى تۆۋەن بولغاچقا ھەمىشە بىرەر ئىشتىن ئوڭايلا بىزار بولىدۇ، شۇڭا ئاتا-ئانىلار دائىم بالىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بالىنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇشى كېرەك.

3. داۋالاش تەرتىپىگە ۋە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئاپىرىپ داۋالىتىپ ۋە ئۈنۈملۈك داۋالاش مەقسىتىگە يېتىشى كېرەك. 

4. ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ مۇئەللىمنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بالىنىڭ مەكتەپ ئىچىدە كۆزەينەك كۆزىگە كىيىدىغان خالتىنى تاقىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى ھەم شۇنداقلا مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلارنى مازاق قىلىشقا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىشى كېرەك.

1-رېتسېپ

كۆرۈش كۈچىتەركىبى: يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، سېرىق ھېلىلە پوستى، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، بەلىلە پوستى، ئامىلە، قىزىلگۈل 5.7 گرامدىن، ئارپىبەدىيان 55 گرام، ھەسەل 290 گرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ. 

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 ~ 15 گرام دورا 100 مىللىتىر ئەرىقى بەدىيان بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: ئېگىر، ئايارەج پەيقىرا، ئارپىبەدىيان، سەئتەر، ھىڭ، زەنجىۋىل 28 گرامدىن، ھەسەل 500 گرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ 

تەركىبى: ئاقلانغان ئېگىر 1000 گرام، ھەسەل ئىككى كىلوگرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: ئېگىرنى قاينىتىلغان سۇغا سېلىپ، يۇمشىغاندىن كېيىن مۇجۇپ، ھەسەلنى قوشۇپ قىيام تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#