پوئىنكارې

پوئىنكارې

ماتېماتىكا تارىخى نوپۇزلۇقلىرىدىن بىرى پوئىنكارې (1854-1912) گە باھا بېرىپ: «ماتېماتىكا ۋە ئۇنىڭ تەتبىقلىنىشى جەھەتتە ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە ئەڭ ئاخىرقى بىر ئادەم» دېگەن. 20-ئەسىردىن بۇيان، ماتېماتىكا كۆپ پەنلىشىش، قىيىنلىشىشتەك ھازىرقى زامان باسقۇچىغا كىردى، ھەربىر ساھەدە ئەڭ يۇقىرى ئۇتۇق قازىنىش مۇمكىن بولماي قالدى، بىراق، پوئىنكارې ھەقىقەتەن ئاشۇ دەۋردىكى ماتېماتىكىدا ئەتراپلىق يېتىلگەن ئىستېدات ئىدى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى پوئىنكارې
باشقا نامى Jules Henri Poincaré
يۇرتى فرانسىيە نانسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1912-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 亨利·庞加莱
دۆلەت تەۋەلىكى فرانسىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1854-يىلى
كەسپى ئىلمىي پەيلاسوپ ،ماتېماتىكا ئالىمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پوئىنكارېماتېماتىكا تارىخى نوپۇزلۇقلىرىدىن بىرى پوئىنكارې (1854-1912) گە باھا بېرىپ: «ماتېماتىكا ۋە ئۇنىڭ تەتبىقلىنىشى جەھەتتە ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە ئەڭ ئاخىرقى بىر ئادەم» دېگەن. 20-ئەسىردىن بۇيان، ماتېماتىكا كۆپ پەنلىشىش، قىيىنلىشىشتەك ھازىرقى زامان باسقۇچىغا كىردى، ھەربىر ساھەدە ئەڭ يۇقىرى ئۇتۇق قازىنىش مۇمكىن بولماي قالدى، بىراق، پوئىنكارې ھەقىقەتەن ئاشۇ دەۋردىكى ماتېماتىكىدا ئەتراپلىق يېتىلگەن ئىستېدات ئىدى.

پوئىنكارېئادەتتە ماتېماتىكا ئارىفمېتىكا، ئالگېبرا، گېئومېتىرىيە ۋە ئانالىتىك ماتېماتىكىدىن ئىبارەت تۆت ساھەگە ئايرىلىدۇ، پوئىنكارېنىڭ ھەرقايسى ساھەدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇ قۇياش، يەر شارى، ئاي قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئۆزئارا ھەرىكەت قىلىدىغان تۈردىكى ئۈچ جىسىم مەسىلىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلدى؛ ئۇ ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ ئىككى چوڭ تۈۋرۈكى − نىسبىيلىك نەزەرىيىسى بىلەن، كۋانت مېخانىكىسى ئىدىيىسىنىڭ پېشۋاسى؛ ئۇ، ئىلمىي پەلسەپىنى تەتقىق قىلىپ، «كېلىشىش نەزەرىيەسى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنسانلار ئەقلىي بىلىشىنىڭ ئاساسى قانۇنىيەتلىرىنى نۇقتىلىق تەھلىل قىلىپ، ھازىرقى زامان پەيلاسوپلىرىنىڭ بارغانسېرى دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇ پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان 34 يىلدا 500 ئىلمىي ماقالە، 30 دىن ئارتۇق ئەسەر ئېلان قىلدى، فرانسىيە، ئەنگلىيە، رۇسىيە، شۋېتسىيە، بۇلغارىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، 30 نەچچە دۆلەت پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكلىقىغا تەكلىپ قىلىندى. 1912-يىل 6-ئاينىڭ 26-كۈنى، پوئىنكارې ئالەمدىن ئۆتۈشتىن 20 كۈن بۇرۇنقى ئاخىرقى نۇتقىدا: «كىشىلىك ھايات داۋاملاشقان كۈرەش دېمەكتۇر» دەيدۇ.

پوئىنكارې پوئىنكارېنىڭ ھاياتى كۈرەشچان ھايات. ئۇ بالىلىق چاغلىرىدا كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقى ئۈچۈن، سۆزلىرى دېگەندەك ئېنىق ئەمەس ئىدى، خەت يېزىش، سخېما سىزىشتىمۇ قىينىلاتتى؛ يەنە ئۇنىڭدا كېكىردەك پارالىچلىنىش ۋە بەدەن ئاجىزلىقىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرى قالغانىدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى دۆت دەيتتى. ئۇ ماتېماتىك بولغاندىن كېيىنمۇ مەلۇم پسىخولوگ تۈرلۈك سىناقلار ئارقىلىق، ئۇنى يەنىلا «دۆت» دەپ بېكىتكەن.

پوئىنكارېنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىنىڭ ئاچقۇچى دىققەت كۈچىنى يۈكسەك مەركەزلەشتۈرگەنلىكىدە. ئۇنىڭ ئۆمرىدىكى ئەڭ زور قىزىقىشى كىتاب ئوقۇش، ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇش سۈرئىتى تېز، خاتىرىسى توغرا ھەم ئۇزاققىچە ئېسىدە تۇتالايدۇ. كۆرۈش قۇۋۋىتى ياخشى بولمىغانلىقى، يېزىقچىلىقتا قىينىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، دەرس ۋاقتىدا خاتىرە قالدۇرماي پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن دەرس ئاڭلايتتى، مۇلاھىزە يۈرگۈزەتتى، ئۆزلەشتۈرەتتى، ئۇزاق مۇددەتلىك چېنىقىش ئۇنىڭدا چوڭ مېڭىدىن پايدىلىنىپ، مۇرەككەپ ھېسابلاشلارنى ئورۇنداش، ئۇزۇن سەھىپىلىك ماقالىلەر ئۈستىدە ئويلىنىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغانىدى. 1871-يىلى 17 ياشلىق پوئىنكارې ئالىي سانائەت مەكتىپىگە ئىمتىھان بەرگەندە، ئۇ ئىمتىھان ئالغۇچى ئەمەلدارنىڭ ئالاھىدە لايىھىلىگەن قىيىن سوئاللىرىنى بىمالال ھەل قىلىدۇ، گەرچە ئۇ گېئومېتىرىيەلىك شەكىل سىزىشتا 0 نومۇر ئالغان بولسىمۇ، مەكتەپ ئۇنى شەرتكە قارىماي قوبۇل قىلىدۇ. 1879-يىلى 25 ياشقا كىرگەن پوئىنكارې ماتېماتىكا دوكتورى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ، 32 يېشىدا ماتېماتىكا ۋە فىزىكا پروفېسسورى بولىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئىلىم-پەن بېغىدا 26 يىل ئەجىر سىڭدۈرىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#