ئوچاق

ئۇيغۇرلارنىڭ نان، گۆش قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى پۇشۇرۇپ يەيدىغان ياكى چاي قاينىتىش، تاماق ئىتىشتە ئىشلىتىدىغان ئەپچىل ئىجادىيىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››دا ‹‹ئوچاق›› ۋە ‹‹تونۇر›› ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوچاق دېگەن سۆزنىڭ شۇ دەۋرلەردىلا ‹‹ئوچاق›› دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. بۇنىڭدىن ئوچاق ۋە تونۇرنىڭ خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا تولىمۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. بىزدە ئوچاقنىڭ تۈرى كۆپ، ھەرقايسى يۇرتتىكىلەر ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا، تۇرمۇش ئادىتىگە باب كېلىدىغان ئوچاقلاردىن پايدىلىنىدۇ. 

شور ئوچاق

بۇنى سېلىشتا ئاۋۋال ئوچاق سېلىنىدىغان ئۆينىڭ تۆر، تۆشۈك، پەگاھ، سۇپىلىرىنى ئوبدان پىلانلاپ، قۇم ئارىلاش توپىدا چىرايلىق ئوچاق قېلىپى ياسىلىدۇ. ئاندىن چۆللۈكتىن كەلتۈرۈلگەن شور قاتتىق يەرگە تۆكۈلۈپ كالتەك، توقماقلار بىلەن ئۇرۇپ ئېزىلگەندىن كېيىن، ئۆتكەمە – غەلۋىردىن ئۆتكۈزۈلۈپ، يۇمشىقى بۇغداي چەشلىگەندەك چەشلىنىپ، يوغان كاساڭ (تەڭنە)، داسلاردا خېمىر يۇغۇرغاندەك يۇغۇرۇلۇپ، زۇۋۇلا تۇتۇپ راسلانغاندىن كېيىن، ئوچاق قېلىپىنىڭ ئۈستىگە چاك باستۇرۇپ چاپلىنىدۇ. ئوچاق پۈتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ قېلىپى ئېلىۋېتىلىپ، ئوچاق ھەرە كېپىكى، قۇرۇتۇلغان كالا تېزىكى قاتارلىقلار بىلەن ئىسلىنىپ پىشۇرۇلىدۇ.

ئارىلاشما قۇرۇلمىلىق ئوچاق

 شور شور ئوچاقنىڭكىدەك تەييارلىنىپ ئاندىن شېغىل، قۇم، سېمونت قاتارلىقلار مۇۋاپىق نىسبەتتە ئارىلاشتۇرۇلىدۇ ۋە ئارىلاشما لاي تۆمۈر قېلىپنىڭ ئۈستىگە چاك باستۇرۇپ ياسىلىدۇ. لاي قاتقاندىن كېيىن، قېلىپنى ئېلىۋېتىپ ئوچاقنى ئىشلەتسە بولىدۇ.

خىش(كېسەك)ئوچاق

تۆت سانتىمېتىر كەڭلىكتىكى تۆمۈردە پارچىلىنىدىغان ئەگمە ياساپ، ئۇنى ئوچاق سېلىنىدىغان جايغا قېلىپ ئورنىدا قۇراشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرىمىز، ئاندىن كۇلاللار (تاۋاقچىلار) ئىشلىتىدىغان سېغىزنى سوقۇپ، تېرىق غەلۋىردىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا توزغاق ياكى غەلۋىردىن ئۆتكۈزۈلگەن يۇمشاق سامان، سېمونت ئارىلاشتۇرۇپ لاي ئېتىپ، كېسەكنى چاك باستۇرۇپ ياسايمىز.

سېغىز لاي ئوچاق

بۇ ئوچاق سېغىز لايدا ياسىلىدۇ. بۇ ھەرقانداق جايدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئاددىي ئوچاق بولۇپ، قەدىمكى زاماندا ‹‹نان››يېقىپ ‹‹گۆش›› پىشۇرۇپ يېيىلگەن.

كۆمەچ ئوچاق

بۇ ئوچاق چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق رايونلىرىدا تام ئىچىگە چىقىرىلغان ‹‹يان مورا››نىڭ ئۇدۇلىغا سېلىنىدۇ. مورىنىڭ ئۇدۇلى تۈزلىنىپ، ئەتراپى ئۈچ – تۆت سانتىمېتىر ئېگىزلىتىلگەندىن كېيىن، سوقۇلغان شورغا ئازراق قاتتىق تۇز ئارىلاشتۇرۇلۇپ لاي ئېتىلىپ، ئوچاق ئىچىگە 10 – 15 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا سىلىق سۇۋىلىدۇ. ئۇ كۆمەچ پىشۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.

تۆمۈر ئوچاق

بۇ چوڭ ماي تۇڭىنى ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ، ئۇنىڭ ئىچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا شالا، شالانىڭ يۇقىرى، تۆۋىنىگە ئوتۇن، كۆمۈر سالىدىغان، كۈل تارتىدىغان قاپقا، كانايلىق چىقىرىلىپ، ئاستىغا ئۈچ پۇت بېكىتىلىپ ياسىلىدۇ. ئۇنى خالىغان جايغا يۆتكەپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

شالالىق ئوچاق(ئۆرە ئوچاق)

بۇ ئوچاقنىڭ ئوت قالايدىغان يېرىنى ئۆلچەپ چوتنىڭ سېپىدەك تۆمۈرنى بىر، ئىككى غېرىچتىن كېسىپ، قاتار تىزىپ سۇۋاركىلاپ ئوچاققا قويۇلىدۇ، ئوچاق تېگىدىن ھاۋا ئۆتۈشۈپ ئوت بەك كۆيىدۇ .

خان ئوچاق

بۇ ئوچاق مېھمانساراي ئۆيگە تام جاۋەن شەكلىدىكى مورىنىڭ ئىچىگە ياسىلىدۇ. بىزدە بۇلاردىن باشقا يەنە تونۇر ئوچاق، چالما ئوچاق، كولىما ئوچاق، يەرلىك ئوچاق، ئىدىش ئوچاق، كۆلچەك ئوچاق، مورا ئوچاق، خۇمدان ئوچاق، ئىسلاق ئوچاق، ئىسرىقدان ئوچاق قاتارلىق ئوچاقلارمۇ بار.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#