ئىترىفىل ئەفتىمۇن
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئئىترىفىل ئەفتىمۇن قىزغۇچ قوڭۇررەڭلىك مەجۇن بولۇپ،تەمى ئاچچىق. غەيرىي تەبىئىي سەۋدانى سۈرۈپ چىقىرىش، قاننى جانلاندۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، قىچىشىشنى توختۇتۇش تەسىرىگە ئىگە.يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، قانتومۇر قېتىشىش، نېرۋا ئاجىزلىق،قىچىشقاق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالما شەكلى
مەجۇن
دورىدىن 20g ئېلىپ، 20g دىئاتومىد بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ،مېنتانولدىن 100ml قوشۇپ ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا 30 مىنۇت تۇرغۇزۇپ، سۈزۈپ،سۈزۈلمىنى پارلاندۇرۇپ قۇرۇتۇپ،قالدۇقىغا ml30 سۇ قويۇپ ئېرىتىپ،ئېتىل ئاتسىتات بىلەن 2 قېتىم چەككىلەيمىز،ھەر قېتىمدا ml30 دىن قوشۇمىز،ئېتىل ئاتسىتاتنى ئايرىۋېلىپ،پارلاندۇرۇپ قۇرۇتۇپ، قالدۇقىغا 1ml مېنتانول قوشۇپ ئېرىتىپ سىناق ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. قىزىلگۈل سېلىشتۇرما دورىسىدىن 1g ئېلىپ، 30 مىنۇت قاينىتىپ،سوۋۇغاندىن كېيىن ئېتىل ئاتسىتات بىلەن 2 قېتىم چەككىلەيمىز، ھەر قېتىمدا 30ml دىن قوشۇمىز،ئېتىل ئاتسىتاتنى ئايرىۋېلىپ،پارلاندۇرۇپ قۇرۇتۇپ،قالدۇقىغا 1ml مېنتانول قوشۇپ ئېرىتىپ سېلىشتۇرۇلىدىغان ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. خۇپىگەن (quercetin) سېلىشتۇرما دورىسىدىن ئېلىپ، مېنتانول قوشۇپ،ھەر 1ml سۇيۇقلۇق 1mg دورا تۇتقان سېلىشتۇرۇلىدىغان ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى تەجرىبىسىگە ئاساسەن، سىناق قىلىنغۇچى ئېرىتمىدىن 10µl،سېلىشتۇرما دورا ئېرىتمىسىنىڭ ھەر بىرىدىن 5µl شۈمۈرۈپ ئېلىپ، نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل G لىق تاختا ئۈستىدىكى ئايرىم-ئايرىم نوقتىغا تېمىتىپ، (10:6:1:2) ئېتىل ئاتسىتات-بۇتانون-فورمات كىسلاتا -سۇنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىنى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ، 5 لىك ئاليومىن ئۈچ خلورىد ئېتانول ئېرىتمىسىنى پۈركۈپ،ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرلۇق (365nm) لامپىدا كۈزىتىمىز.سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدا، سېلىشتۇرۇلىدىغان دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك يالتىراق داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.
بۇ دورا مەجۇن ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دورا ئۆلچىمى ئۇيغۇر تىبابەت دورا قىسمى،قوشۇمچە I) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.