جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى

ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا نىزامى

ئىشتا ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغان ياكى كەسپىي كېسەل بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىشى–قۇتقۇزۇلۇشى ۋە ئىقتىسادى زىيىنىنى تولۇقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئىشتا يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كەسپىي كېسەللەرنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتىش، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىشتا يارىلىنىش خەۋپ-خەتىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇ بەلگىلىمە چىقىرىلغان. 

2010-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى «گوۋۇيۈەننىڭ‹ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2003-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2004-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国工伤保险条例
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2003-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى
ھۆججەت گوۋۇيۈەننىڭ 375-نومۇرلۇق پەرمانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گوۋۇيۈەننىڭ 375-نومۇرلۇق  پەرمانى 

«ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا نىزامى» 2003-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 5-قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى، 2003-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەننىڭ 375-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى،2004-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 

1–باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام ئىشتا ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغان ياكى كەسپىي كېسەل بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىشى-قۇتقۇزۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىي تولۇقلىمىغا ئېرىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىشتا يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كەسپىي كېسەللەرنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتىش، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىشتا يارىلىنىش خەۋپ - خەتىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى ھەر خىل كارخانىلار، ئىشچى ياللىغان يەككە سودا-سانائەتچىلەر (تۆۋەندە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دېيىلىدۇ) بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ، بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ياكى ياللانما ئىشچىلىرى (تۆۋەندە ئىشچى-خىزمەتچى دېيىلىدۇ) ئۈچۈن، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى ھەر خىل كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋە يەككە سودا -سانائەتچىلەر ياللىغان ئىشچىلار ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق.

ئىشچى ياللىغان يەككە سودا-سانائەتچىنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش كونكرېت قەدەم باسقۇچى ۋە يولغا قويۇش چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەيدۇ.

3-ماددا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى يىغىش-تاپشۇرۇش «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى يىغىش-تاپشۇرۇش ۋاقىتلىق نىزامى» دىكى ياشانغانلار ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققىنى يىغىش - تاپشۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

4-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى شۇ ئورۇندا ئېلان قىلىشى كېرەك.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساغلاملىق قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىشى، ئىشتا يارىلىنىش ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، كەسپىي كېسەلنىڭ خەۋپىدىن ساقلىنىشى ۋە ئۇنى ئازايتىشى كېرەك.

ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشتا يارىلانغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تەدبىر قوللىنىپ، ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچىنى ۋاقتىدا داۋالىتىشى كېرەك.

5-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە قۇرغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات (تۆۋەندە بېجىرگۈچى ئاپپارات دېيىلىدۇ) ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى كونكرېت بېجىرىدۇ.

6-ماددا ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى قاتارلىق تارماقلار ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا دائىر سىياسەت ۋە ئۆلچەمنى بېكىتكەندە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىنىڭ ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋەكىلىنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەك.

2–باب ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندى

7-ماددا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تاپشۇرغان ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىنىڭ ئۆسۈمى ۋە ئىشتا يارىلىنىش فوندىغا قانۇن بويىچە كىرگۈزۈلگەن باشقا مەبلەغدىن تەركىب تاپىدۇ.

8-ماددا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققىنىڭ نىسبىتى كىرىمنى چىقىمغا قاراپ بېكىتىش، كىرىم بىلەن چىقىمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.

دۆلەت ساھەلەرنىڭ پەرقلىق ھەق نىسبىتىنى ئوخشاش بولمىغان ساھەلەرنىڭ ئىشتا يارىلىنىش خەۋپ-خەتىرىگە قاراپ بېكىتىدۇ ھەمدە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى ئىشلىتىش ئەھۋالى، ئىشتا يارىلىنىش نىسبىتى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ھەربىر ساھەدە ھەق نىسبىتىنىڭ بىرقانچە دەرىجىسىنى بېكىتىدۇ. ساھەلەرنىڭ پەرقلىق ھەق نىسبىتى ۋە ساھەنىڭ ئىچكى ھەق نىسبىتى دەرىجىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن، ئېلان قىلىپ يولغا قويىدۇ.

غەملىگۈچى رايوندىكى بېجىرگۈچى ئاپپارات ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى ئىشلىتىش ئەھۋالى، ئىشتا يارىلىنىش نىسبىتى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، قارىمىقىدىكى ساھەلەرگە ماس كېلىدىغان ھەق نىسبىتى دەرىجىسىدىن پايدىلىنىپ، ئورۇن تاپشۇرىدىغان ھەق نىسبىتىنى بېكىتىدۇ.

9-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتتىكى غەملىگۈچى رايونلارنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىنىڭ كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى قەرەللىك ئىگىلەپ، گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن بىرلىكتە ساھەلەرنىڭ پەرقلىق ھەق نىسبىتى ۋە ساھەلەرنىڭ ئىچكى ھەق نىسبىتى دەرىجىسىنى تەڭشەش لايىھىسىنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن، ئېلان قىلىپ يولغا قويۇشى كېرەك.

10-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشى كېرەك. ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرمايدۇ.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تاپشۇرغان ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا سوممىسى شۇ ئورۇندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر مائاش ئومۇمىي سوممىسى بىلەن ئورۇن تاپشۇرىدىغان ھەق نىسبىتىنىڭ كۆپەيتمىسىگە باراۋەر بولىدۇ.

11-ماددا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە رايون بار شەھەردە بىر تۇتاش غەملىنىدۇ، باشقا رايونلارنىڭ غەملەش قاتلىمىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتىدۇ.

رايون ھالقىغان، ئىشلەپچىقىرىشى تۇراقسىزراق ساھەلەر باشقا غەملىگۈچى رايوننىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا مەركەزلىكرەك قاتناشسا بولىدۇ. كونكرېت  چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئالاقىدار ساھەنىڭ مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ.

12-ماددا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندى ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنىڭ مالىيە مەخسۇس ئىسچوتىغا قويۇلۇپ، بۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتى، ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش، شۇنداقلا قانۇن، نىزاملاردا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا ئىشلىتىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا خىراجەتلەر ئۈچۈن چىقىم قىلىنىدۇ. ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىنى ئىشلىتىپ تىجارەت قىلىشىغا، ئىشخانا سېلىشىغا ياكى ئۆزگەرتىشىگە، مۇكاپات پۇلى بېرىشىگە ياكى باشقا ئىش قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

13-ماددا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن مەلۇم نىسبەتتە زاپاس قالدۇرۇپ، غەملىگۈچى رايوندا يۈز بەرگەن زور ھادىسىدە يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتى ئۈچۈن چىقىم قىلىش كېرەك؛ زاپاس پۇل چىقىم قىلىشقا يەتمىسە، غەملىگۈچى رايوندىكى خەلق ھۆكۈمىتى بېرىپ تۇرىدۇ. زاپاس پۇلنىڭ ئومۇمىي فونددا ئىگىلەيدىغان كونكرېت نىسبىتى ۋە زاپاس پۇلنى ئىشلىتىش چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەيدۇ.

3–باب ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش

14-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىنى ئىشتا يارىلاندى دەپ بېكىتىش كېرەك:

(1) ئىش ۋاقتىدا ۋە ئىش سورۇنىدا ئىش سەۋەبىدىن ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغانلار؛

(2) ئىش ۋاقتىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئىش سورۇنىدا ئىشقا تەييارلىنىش ياكى ئىشنى يىغىشتۇرۇش جەريانىدا ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغانلار؛

(3) ئىش ۋاقتى ۋە ئىش سورۇنىدا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋېتىپ،  زوراۋانلىق قاتارلىق تاسادىپىي ۋەقەگە ئۇچراپ يارىلانغانلار؛

(4) كەسپىي كېسەل بولغانلار؛

(5) ئىش بىلەن سىرتقا چىققاندا، ئىش سەۋەبىدىن يارىلانغانلار ياكى ھادىسىگە ئۇچراپ ئىز-دېرىكى چىقمىغانلار؛

(6) ئىشقا كېلىش-كېتىشتە ماتورلۇق ماتناش ۋاسىتىسى ۋەقەسىگە ئۇچراپ يارىلانغانلار؛

(7) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئىشتا يارىلاندى،  دەپ بېكىتىش بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

15-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرى ئىشتا يارىلاندى، دەپ قارىلىدۇ:

(1) ئىش ۋاقتى ۋە ئىش ئورنىدا تۇيۇقسىز كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن ياكى 48 سائەت ئىچىدە جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەنلەر؛

(2) خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق دۆلەت مەنپەئىتى، جامائەت مەنپەئىتىنى قوغداشتا يارىلانغانلار؛

(3) ئىشچى-خىزمەتچى ئىلگىرى قىسىمدا مەجبۇرىيەت ئۆتەپ، جەڭدە ۋە ھۆكۈمەت ئىشىدا مېيىپ بولۇپ، ئىنقىلابىي مەجرۇھ ھەربىيلەر كىنىشكىسى ئالغان، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا بارغاندىن كېيىن، يارىسى قوزغالغانلار.

ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ئالدىنقى تارماقنىڭ (1)،  (2) تارماقچىلىرىدىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلىرى بۇ نىزامدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ئالدىنقى تارماقنىڭ  (3) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بولغانلىرى بۇ نىزامدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، بىر يولىلا بېرىلىدىغان مېيىپلىق ياردەم پۇلىدىن باشقا، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

16-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلىرىنى ئىشتا يارىلاندى دەپ بېكىتىشكە ياكى ئىشتا يارىلاندى دەپ قاراشقا بولمايدۇ:

(1) جىنايەت ئۆتكۈزۈپ ياكى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلىپ تالاپەتكە ئۇچرىغانلار؛

(2) ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ تالاپەتكە ئۇچرىغانلار؛

(3) ئۆزىنى مېيىپ قىلىۋالغانلار ياكى ئۆلۈۋالغانلار.

17-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھادىسىدە يارىلانغان ياكى كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر قانۇنلاردىكى  بەلگىلىمە بويىچە، كەسپىي كېسەل دەپ دىئاگنوز قويۇلغان ۋە باھالانغان بولسا، ئىشلەيدىغان ئورنى يارىلىنىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ ياكى كەسپىي كېسەل دەپ دىئاگنوز قويۇلغان، باھالانغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، غەملىگۈچى رايوندىكى ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىغا ئىشتا يارىلانغانلىقىنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن ئىلتىماس قىلىش ۋاقىت چېكىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىشقا بولىدۇ.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشتا يارىلانغانلىقىنى بېكىتىش ئىلتىماسىنى سۇنۇشتا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان بولسا، ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچى ياكى ئۇنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى يارىلىنىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ ياكى كەسپىي كېسەل دەپ دىئاگنوز قويۇلغان، باھالانغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۇرۇشلۇق جايدىكى غەملىگۈچى رايوننىڭ ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىغا ئىشتا يارىلانغانلىقىنى بېكىتىپ بېرىشنى بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

بۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشتا يارىلانغانلىقىنى ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى بېكىتىدىغان ئىشلارنى تەۋەلىك پرىنسىپى بويىچە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۇرۇشلۇق جايدىكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى بېجىرىدۇ.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىش ئىلتىماسىنى بۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ۋاقىت چېكىدە سۇنمىغان بولسا، بۇ مەزگىلدە پەيدا بولغان، بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە چۈشىدىغان ئىشتا يارىلىنىش تەمىناتى قاتارلىق ئالاقىدار خىراجەتنى ئادەم ئىشلەتكۈچى شۇ ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ.

18-ماددا ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش كېرەك:

(1) ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى؛

(2) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن  بولغان ئەمگەك مۇناسىۋىتى (جۈملىدىن ئەمەلىي ئەمگەك مۇناسىۋىتى) بارلىقىغا دائىر ئىسپات ماتېرىيالى؛

(3) داۋالاش دىئاگنوز ئىسپاتى ياكى كەسپىي كېسەل دىئاگنوز ئىسپاتنامىسى (ياكى كەسپىي كېسەل دىئاگنوز باھانامىسى).

ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىدە ھادىسىنىڭ يۈز بەرگەن ۋاقتى، ئورنى، سەۋەبى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ يارىلىنىش دەرىجىسى قاتارلىق ئاساسىي ئەھۋاللار بولۇشى كېرەك.

ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى بەرگەن ماتېرىيال تولۇق بولمىسا، ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا تولۇقلايدىغان بارلىق ماتېرىيالنى تولۇقلاش ھەققىدە بىر قېتىملا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچى تولۇقلايدىغان ماتېرىياللارنى يازما ئۇقتۇرۇشتىكى تەلەپ بويىچە تولۇقلىغاندىن كېيىن، ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

19-ماددا ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ھادىسىدە يارىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ دەلىللىسە بولىدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى، داۋالاش ئاپپاراتى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ھەمكارلىشىشى كېرەك. كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش ۋە دىئاگنوز تالاش-تارتىشىنى باھالاش كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ. قانۇن بويىچە كەسپىي كېسەل دىئاگنوز ئىسپاتى ياكى كەسپىي كېسەل دىئاگنوز باھانامىسى بولسا، ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى يەنە تەكشۈرۈپ يۈرمەيدۇ.

ئىشچى-خىزمەتچى ياكى ئۇنىڭ بىۋاسىتە تۇغقىنى ئىشتا يارىلانغان دەپ قارىسىمۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشتا يارىلانمىغان دەپ قارىسا، دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ.

20-ماددائەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە، ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش قارارى چىقىرىشى ھەمدە ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىشچى-خىزمەتچىگە ياكى ئۇنىڭ بىۋاسىتە تۇغقىنى ۋە شۇ ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ ئىشلەيدىغان ئورنىغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىنىڭ خادىملىرىدىن ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلىرى چەتلەپ تۇرۇشى كېرەك.

4–باب ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش

21-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ئىشتا يارىلىنىپ داۋالىنىش ئارقىلىق ياخشىلانغان بولسىمۇ مېيىپ بولۇپ قالغان، ئەمگەك ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكەنلىرىنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كېرەك.

22-ماددا ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ئەمگەك ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىق دەرىجىسى ۋە تۇرمۇشتا ھاجىتىدىن چىقالماسلىق دەرىجىسىنى باھالاشنى كۆرسىتىدۇ.

ئەمگەك ئىقتىدارى ئاجىزلىقى مېيىپلىكىگە قاراپ 10 دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ. ئەڭ ئېغىرى 1-دەرىجىلىك، ئەڭ يېنىكى 10-دەرىجىلىك بولىدۇ.

تۇرمۇش ھاجىتىدىن چىقالماسلىق تۇرمۇش ھاجىتىدىن پۈتۈنلەي چىقالماسلىق، ئاساسەن چىقالماسلىق ۋە قىسمەن چىقالماسلىق دەپ ئۈچ  دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ.

ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ.

23-ماددا ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاشتا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن، ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچى ياكى ئۇنىڭ بىۋاسىتە تۇغقىنى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتىغا ئىلتىماس قىلىدۇ ھەمدە ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش قارارى ۋە ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ داۋالانغانلىقىغا ئائىت ماتېرىياللارنى بېرىدۇ.

24-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى ۋە رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ۋە رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى، كادىرلار مەمۇرىي تارمىقى، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى، بېجىرگۈچى ئاپپاراتنىڭ ۋەكىلى ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ۋەكىلىدىن تەركىب تاپىدۇ.

ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى قۇرىدۇ، مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىنىڭ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى تۆۋەندىكى شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك:

(1) داۋالاش-ساقلىق ساقلاش يۇقىرى كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسى ئۆتەش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇش؛

(2) ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاشقا ئالاقىدار بىلىملەرنى ئىگىلىگەن بولۇش؛

(3) كەسىپ ئەخلاق - پەزىلىتى ياخشى بولۇش.

25-ماددا رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۆزى قۇرغان داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىستىن ئۈچ ياكى بەشنى ئىختىيارىي تاللاپ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللىشى، باھالاش پىكرىنى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باھالاش پىكرىگە ئاساسەن، ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش يەكۈنى چىقىرىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا سالاھىيەت ھازىرلىغان داۋالاش ئاپپاراتىغا دىئاگنوز قويۇشقا ھەمكارلىشىشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە، ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش يەكۈنى چىقىرىشى كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا، ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش يەكۈنىنى چىقىرىش سۈرۈكىنى 30 كۈن ئۇزارتىشقا بولىدۇ. ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش يەكۈنىنى ئىلتىماس قىلغان ئورۇن ۋە شەخسكە ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىش كېرەك.

26-ماددا باھالىتىشنى ئىلتىماس قىلغان ئورۇن ياكى شەخسلەردىن رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ باھالاش يەكۈنىگە قايىل بولمىغانلىرى شۇ باھالاش  يەكۈنىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتىغا يەنە بىر قېتىم باھالاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش يەكۈنى ئاخىرقى يەكۈن بولىدۇ.

27-ماددا ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش خىزمىتىنى ئوبيېكتىپ، ئادىل ئىشلەش كېرەك، ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر ياكى باھالاشقا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەردىن ئالاقىدارلار بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلىرى چەتلەپ تۇرۇشى كېرەك.

28-ماددا ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش يەكۈنى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ بىر يىلدىن كېيىن، ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچى ياكى ئۇنىڭ بىۋاسىتە تۇغقىنى، ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى بېجىرگۈچى ئاپپارات مېيىپلىك ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولدى دەپ قارىسا، ئەمگەك ئىقتىدارىنى قايتا باھالاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

29–ماددا ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ مۇشۇ نىزامنىڭ 26- ، 28- ماددا بەلگىلىمە بويىچە يەنە بىر قېتىم باھالاش ۋە قايتا باھالاش مۆھلىتىدە ، مۇشۇ نىزامنىڭ 25–ماددىسىنىڭ 2–تارمىقىدىكى بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ. 

5–باب ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتى

30-ماددا ئىشچى-خىزمەتچى ئىشتا ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلىنىپ ياكى كەسپىي كېسەل بولۇپ داۋالانسا، ئىشتا يارىلىنىش داۋالىنىش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچى داۋالىنىشتا مۇلازىمەت كېلىشىمى ئىمزالىغان داۋالاش ئاپپاراتىدا داۋالىنىشى كېرەك، جىددىي ئەھۋالدا يېقىن جايدىكى داۋالاش ئاپپاراتىدا داۋالانسىمۇ بولىدۇ.

ئىشتا يارىلانغانلارنى داۋالاش خىراجىتىنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىدىكى دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش تۈر مۇندەرىجىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىدىكى دورا مۇندەرىجىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىدىكى بالنىستا مۇلازىمەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ. ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش تۈر مۇندەرىجىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىدىكى دورا مۇندەرىجىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىدىكى بالنىستا مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ.

ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن بالنىستا يېتىپ داۋالانغانلىرىغا ئىشلەيدىغان ئورنى شۇ ئورۇننىڭ كاماندىروپكا تاماق ياردەم ئۆلچىمىنىڭ %70 ى بويىچە بالنىستا تاماق ياردەم پۇلى بېرىدۇ؛  ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ ئىسپاتى، بېجىرگۈچى ئاپپاراتنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، غەملىگۈچى رايوندىن باشقا جايدا داۋالانغانلىرىنىڭ قاتناش، تاماق، ياتاق خىراجىتىنى ئىشلەيدىغان ئورنى شۇ ئورۇندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كاماندىروپكا ئۆلچىمى بويىچە ئاتچوت قىلىدۇ.

ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچى باشقا كېسىلىنى داۋالاتسا، ئىشتا يارىلىنىش-داۋالىنىش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولمايدۇ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چارىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ مۇلازىمەت كېلىشىمى تۈزگەن داۋالاش ئاپپاراتىدا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە داۋالىنىش خىراجىتى بۇ ماددىنىڭ 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلسە، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ.

31–ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ئىشتا يارىلانغانلىقنى بېكىتىش قارارىنى چىقارغاندىن كېيىن مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ، مەمۇرىي دەۋا قىلىنغان بولسا ، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ۋە مەمۇرىي دەۋا قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە ، ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ ئىشتا يارىلىنىش بويىچە داۋالىنىش خىراجىتى چىقىم قىلىنىۋېرىدۇ . 

32-ماددا ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچى كۈندىلىك تۇرمۇش ياكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجى ئۈچۈن، ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى بىلەن، يالغان پۇت-قول، شەكىل تۈزەش سايمىنى، يالغان كۆز، يالغان چىش سالدۇرسا ۋە چاقلىق ئورۇندۇق قاتارلىق قوشۇمچە سايمانلارنى ئالسا بولىدۇ، كېتەرلىك خىراجەت دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەم بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ.

33-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ئىشتا ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلىنىپ ياكى كەسپىي كېسەل بولۇپ ئىشتىن ۋاقتىنچە توختاپ داۋالىنىدىغانلىرىنىڭ ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مەزگىلىدىكى ئەسلىي مائاش-پاراۋانلىق تەمىناتى ئۆزگەرمەيدۇ، ئۇنى ئىشلەيدىغان ئورنى ئايمۇئاي بېرىدۇ.

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ئادەتتە 12 ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. يارىسى ئېغىر ياكى ئەھۋالى ئالاھىدە بولسا، رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى بىلەن، مۇۋاپىق ئۇزارتىشقا بولىدۇ، لېكىن ئۇزاق بولغاندىمۇ 12 ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ مېيىپلىك دەرىجىسى بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئەسلىي تەمىناتى توختىتىلىپ، بۇ بابتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، مېيىپلىك تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىنمۇ داۋالىنىدىغانلىرى ئىشتا يارىلىنىش داۋالىنىش تەمىناتىدىن داۋاملىق بەھرىمەن بولىدۇ.

ئىشتا يارىلىنىپ تۇرمۇش ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىۋاتقان مەزگىلدە ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا تېگىشلىكلىرىگە ئىشلەيدىغان ئورنى مەسئۇل بولىدۇ.

34-ماددا ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن مېيىپلىك دەرىجىسى بېكىتىلگەن ھەمدە ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى ھالىدىن خەۋەر ئېلىش كېرەكلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىرىگە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ھەققى ئايمۇئاي بېرىلىدۇ.

ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ھەققى تۇرمۇش ھاجىتىدىن پۈتۈنلەي چىقالماسلىق، ئاساسەن چىقالماسلىق ياكى قىسمەن چىقالماسلىق دېگەن ئۈچ دەرىجە بويىچە بېرىلىدۇ. ئۆلچىمى غەملىگۈچى رايوندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ %50، %40 ياكى %30ى بويىچە بولىدۇ.

35-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ئىشتا يارىلىنىپ-مېيىپ بولۇپ، 1-دەرىجىلىكتىن 4-دەرىجىلىككىچە مېيىپ دەپ باھالانغانلىرى ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالىدۇ، ئىش ئورنىدىن چېكىنىدۇ ۋە تۆۋەندىكى تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ:

(1) مېيىپلىك ياردەم پۇلى مېيىپلىك دەرىجىسىگە قاراپ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن بىر يولىلا بېرىلىدۇ. ئۆلچىمى مۇنداق: 1- دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ كىشىنىڭ 24 ئايلىق مائاشى، 2-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ كىشىنىڭ 22 ئايلىق مائاشى، 3-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ كىشىنىڭ 20 ئايلىق مائاشى، 4-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ كىشىنىڭ 18 ئايلىق مائاشى بېرىلىدۇ؛

(2) مېيىپلىك ياردەم پۇلى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن ئايمۇئاي بېرىلىدۇ. ئۆلچىمى مۇنداق: 1-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ كىشىنىڭ مائاشىنىڭ %90 ى، 2-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ كىشىنىڭ مائاشىنىڭ %85 ى، 3-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ كىشىنىڭ مائاشىنىڭ %80 ى، 4-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ كىشىنىڭ مائاشىنىڭ%75 ى بېرىلىدۇ. مېيىپلىك ياردەم پۇلىنىڭ ئەمەلىي سوممىسى شۇ جايدىكى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولسا، كەم قىسمى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن تولۇقلاپ بېرىلىدۇ.

(3) ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچى پېنسىيە يېشىغا توشقان ھەمدە پېنسىيە رەسمىيىتىنى ئۆتىگەن بولسا، مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى توختىتىلىپ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئاساسىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئاساسىي سۇغۇرتا تەمىناتى مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلىدىن تۆۋەن بولسا، كەم قىسمى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن تولۇقلاپ بېرىلىدۇ.

ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشتا يارىلىنىپ مېيىپ بولۇپ 1-دەرىجىلىكتىن 4-دەرىجىلىككىچە مېيىپ دەپ باھالانغان بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شۇ ئىشچى-خىزمەتچى مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلىنىڭ تۈپ سانى بويىچە، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرىدۇ.

36-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ئىشتا يارىلىنىپ مېيىپ بولۇپ، 5-، 6- دەرىجىلىك مېيىپ،  دەپ باھالانغانلىرى تۆۋەندىكى تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ:

(1) مېيىپلىك ياردەم پۇلى مېيىپلىك دەرىجىسىگە قاراپ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن بىر يولىلا بېرىلىدۇ. ئۆلچىمى مۇنداق: 5- دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ كىشىنىڭ 16 ئايلىق مائاشى، 6-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ كىشىنىڭ 14 ئايلىق مائاشى بېرىلىدۇ؛

(2) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالغانلارنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مۇۋاپىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئورۇنلاشتۇرۇش قىيىن بولغانلارغا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلىنى ئايمۇئاي بېرىدۇ. ئۆلچىمى مۇنداق: 5-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ كىشىنىڭ مائاشىنىڭ% 70 ى، 6-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ كىشىنىڭ مائاشىنىڭ % 60 ى بېرىلىدۇ ھەمدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بەلگىلىمە بويىچە ئۇلار ئۈچۈن تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى بەلگىلىمە بويىچە تاپشۇرىدۇ. مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلىنىڭ ئەمەلىي سوممىسى شۇ جايدىكى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولسا، كەم قىسمىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تولۇقلاپ بېرىدۇ.

ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن، شۇ ئىشچى-خىزمەتچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن بولغان ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلسا ياكى ئاخىرلاشتۇرسا بولىدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشتا يارىلانغانلارنىڭ داۋالىنىش ياردەم پۇلى ۋە مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىر يولىلا بېرىدۇ. كونكرېت ئۆلچىمىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتىدۇ.

37- ماددا ئىشچى-خىزمەتچى ئىشتا مېيىپ بولۇپ، 7-دەرىجىدىن 10-دەرىجىگىچە مېيىپ دەپ باھالانسا، تۆۋەندىكى تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ:

(1) مېيىپلىك ياردەم پۇلى مېيىپلىك دەرىجىسىگە قاراپ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن بىر يولىلا بېرىلىدۇ. ئۆلچىمى مۇنداق: 7- دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ كىشىنىڭ 12 ئايلىق مائاشى، 8-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ كىشىنىڭ 10 ئايلىق مائاشى، 9-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ كىشىنىڭ 8 ئايلىق مائاشى، 10-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ كىشىنىڭ 6 ئايلىق مائاشى بېرىلىدۇ؛

(2) ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى توشسا ياكى ئىشچى-خىزمەتچى توختامنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئىشتا يارىلانغانلارنىڭ داۋالىنىش ياردەم پۇلى ۋە مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىر يولىلا بېرىدۇ. كونكرېت ئۆلچىمىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتىدۇ.

38-ماددا ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچى كېسىلى قايتا قوزغىلىپ داۋالاشقا تېگىشلىك دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بولسا، بۇ نىزامنىڭ30،32-، 33- ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن ئىشتا يارىلىنىش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

39- ماددائىشچى-خىزمەتچى ئىشتا ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرى تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن دەپنە ياردەم پۇلى، تۇغقانلىرىنى بېقىش نەپىقە پۇلى ئالىدۇ ۋە ئىشتا ئۆلۈش ياردەم پۇلىنى بىر يولىلا ئالىدۇ:

(1) دەپنە ياردەم پۇلى غەملىگۈچى رايوندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى يىلىدىكى ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ 6 ئايلىقى بويىچە بېرىلىدۇ؛

(2) تۇغقانلىرىنى بېقىش نەپىقە پۇلى شۇ ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ مائاشىنىڭ مەلۇم نىسبىتى بويىچە، ئىشتا ئۆلۈپ كەتكەن ئىشچى-خىزمەتچى ھايات ۋاقتىدا ئاساسلىق باققان، ئەمگەك ئىقتىدارى بولمىغان تۇغقانلىرىغا بېرىلىدۇ. ئۆلچىمى مۇنداق: جورىسىغا ھەر ئايدا% 40، باشقا تۇغقانلىرىغا ھەر ئايدا % 30بېرىلىدۇ، ياشانغان ئىگە - چاقىسىزلار ياكى يېتىم بالىلارنىڭ ھەر بىرىگە ھەرئايدا يۇقىرىقى ئۆلچەم ئاساسىدا %10 قوشۇپ بېرىلىدۇ. بېقىش بېكىتىلگەن تۇغقانلىرىنىڭ نەپىقە پۇلى يىغىندىسى ئىش ئۈستىدە ئۆلگەن ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى مائاشىدىن يۇقىرى بولماسلىقى كېرەك. بېقىلىدىغان تۇغقانلىرىنىڭ كونكرېت دائىرىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى بېكىتىدۇ؛

(3) ئىشتا ئۆلۈش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى: ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى يىلىدىكى ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ 60-48 ئايلىقى بويىچە بىر يولىلا بېرىلىدۇ. كونكرېت ئۆلچىمىنى غەملىگۈچى رايوندىكى خەلق ھۆكۈمىتى ئۆز جايىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا قاراپ  بېكىتىپ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

مېيىپ ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مەزگىلىدە ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەنلىرىنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرى بۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

1-دەرىجىلىكتىن 4-دەرىجىلىككىچە مېيىپ بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەنلىرىنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرى بۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ (1)، (2) تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن تەمىناتتىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.

40-ماددا مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى، تۇغقانلىرىنى بېقىش نەپىقە پۇلى، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ھەققىنى غەملىگۈچى رايوندىكى ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى ۋە تۇرمۇش خىراجىتىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئەھۋاللارغا قاراپ مۇۋاپىق تەڭشەيدۇ. تەڭشەش چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتىدۇ.

41-ماددا ئىشچى-خىزمەتچى ئىش بىلەن سىرتقا چىققاندا ھادىسىگە ئۇچرىسا ياكى خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش داۋامىدا ئىز- دېرىكى چىقمىسا، ھادىسە يۈز بەرگەن ئايدىن باشلاپ 3 ئايغىچە مائاشى بېرىلىۋېرىدۇ، 4-ئېيىدىن باشلاپ مائاشى توختىتىلىدۇ، ئۇلارنىڭ باقىدىغان تۇغقانلىرىغا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن تۇغقانلىرىنى بېقىش نەپىقە پۇلى ئايمۇئاي بېرىلىدۇ. تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بارلىرىغا ئىش ئۈستىدە ئۆلۈش ياردەم پۇلىنىڭ %50 ى ئالدىن بىر يولىلا بېرىلىپ تۇرسا بولىدۇ. ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆلدى،  دەپ جاكارلىغانلىرى بۇ نىزامنىڭ 37-ماددىسىدىكى ئىشتا ئۆلۈپ كەتكەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە دائىر بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

42-ماددا ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتى توختىتىلىدۇ:

(1) تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇش شەرتىدىن مەھرۇم قالغانلار؛

(2) ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاشنى رەت قىلغانلار؛

(3) داۋالىنىشنى رەت قىلغانلار.

43-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئايرىۋېتىلگەن، قوشۇۋېتىلگەن، ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن بولسا، ۋارىس ئورۇن ئەسلىي ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ ئەسلىي ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بولسا، ۋارىس ئورۇن شۇ جايدىكى بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا بېرىپ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تىزىمىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ھۆددىگەرلىكنى يولغا قويغانلىرىنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىنى ئىشچى-خىزمەتچى بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى بار ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىلگەن مەزگىلدە ئىشتا يارىلىنىش ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىنى ئەسلىي ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن ئەسلىي ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئارىيەت ئېلىپ ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن تولۇقلىما بېرىش چارىسىنى پۈتۈشسە بولىدۇ.

ۋەيران بولغان كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇش ھېساباتىنى ئېنىقلاشتا، ئورۇن بېرىدىغان ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتى قانۇن بويىچە ئاۋۋال ئاجرىتىپ بېرىلىدۇ.

44-ماددا چېگرا سىرتىدا ئىشلەشكە ئەۋەتىلگەن ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن بارغان دۆلەت ياكى رايوننىڭ قانۇنى بويىچە، شۇ جايدا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىدىغانلىرى شۇ جايدا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا، ئۇلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا مۇناسىۋىتى توختىتىلىدۇ؛ شۇ جايدا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشالمايدىغانلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا مۇناسىۋىتى توختىتىلمايدۇ.

45-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ئىشتا قايتا يارىلىنىپ بەلگىلىمە بويىچە مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىرى يېڭى بېكىتىلگەن مېيىپلىك دەرىجىسى بويىچە مېيىپلىك قوشۇمچە پۇل تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

6–باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

46-ماددا بېجىرگۈچى ئاپپارات ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى كونكرېت بېجىرىشتە، تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدۇ:

(1) ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققى يىغىش؛

(2) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ مائاش ئومۇمىي سوممىسى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سانىنى ئېنىقلاپ، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى تىزىملاش ھەمدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئەھۋالى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئەھۋالى خاتىرىسىنى ساقلاش؛

(3) ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى تەكشۈرۈش، ستاتىستىكىلاش؛

(4) ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندى چىقىمىنى بەلگىلىمە بويىچە باشقۇرۇش؛

(5) ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىش؛

(6) ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچى ياكى ئۇنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرىغا ھەقسىز مەسلىھەت بېرىش.

47-ماددا بېجىرگۈچى ئاپپارات داۋالاش ئاپپاراتى ۋە قوشۇمچە سايمان بەرگۈچى ئاپپارات بىلەن باراۋەر كېڭىشىش ئاساسىدا مۇلازىمەت كېلىشىمى تۈزىدۇ ھەمدە مۇلازىمەت كېلىشىمى تۈزگەن داۋالاش ئاپپاراتى ۋە قوشۇمچە سايمان بەرگۈچى ئاپپاراتىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، خەلق ئىشلىرى تارمىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ.

48-ماددا بېجىرگۈچى ئاپپارات كېلىشىمگە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مۇندەرىجىسى ۋە ئۆلچىمىگە ئاساسەن، ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىراجىتى، قوشۇمچە سايمان خىراجىتىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ئېنىقلايدۇ ھەمدە خىراجەتنى ۋاقتىدا، تولۇق راسچوت قىلىدۇ.

49-ماددا بېجىرگۈچى ئاپپارات ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىنىڭ كىرىم - چىقىم ئەھۋالىنى قەرەللىك ئېلان قىلىشى، ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىغا ھەق نىسبىتىنى تەڭشەش ھەققىدە ۋاقتىدا تەكلىپ بېرىشى كېرەك.

50-ماددا ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ۋە بېجىرگۈچى ئاپپارات ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچى، داۋالاش ئاپپاراتى، قوشۇمچە سايمان بەرگۈچى ئاپپارات ۋە جەمئىيەتتىكى ساھەلەرنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا خىزمىتىنى ياخشىلاش پىكىرلىرىنى قەرەللىك ئاڭلىشى كېرەك.

51-ماددا ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققى يىغىش ئەھۋالى ۋە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىنىڭ چىقىم ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ.

مالىيە تارمىقى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىنىڭ كىرىم-چىقىم ئەھۋالى ۋە باشقۇرۇلۇش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ.

52-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى پاش قىلىنغان قىلمىشنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى، بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە پاش قىلغۇچىنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى لازىم.

53-ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا خىزمىتىنى نازارەت قىلىدۇ.

54-ماددا ئىشچى-خىزمەتچى بىلەن ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئوتتۇرىسىدا ئىشتا يارىلىنىش تەمىناتى جەھەتتە يۈز بەرگەن تالاش-تارتىش ئەمگەك تالاش-تارتىشىنى بىر تەرەپ قىلىشقا دائىر بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

55-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ  بىرى كۆرۈلسە، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىغانلار قانۇن بويىچە مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ:

(1) ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىشچى-خىزمەتچى ياكى ئۇنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرى، شۇ ئىشچى-خىزمەتچى ئىشلەيدىغان ئورۇننىڭ ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش يەكۈنىگە قايىل بولمىسا؛

(2) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بېجىرگۈچى ئاپپارات بېكىتكەن ئورۇن تاپشۇرىدىغان ھەق نىسبىتىگە قايىل بولمىسا؛

(3) مۇلازىمەت كېلىشىمى تۈزگەن داۋالاش ئاپپاراتى ۋە قوشۇمچە سايمان بەرگۈچى ئاپپارات بېجىرگۈچى ئاپپاراتنى ئالاقىدار كېلىشىم ياكى بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلمىدى،  دەپ قارىسا؛

(4) ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچى ياكى ئۇنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرىنىڭ بېجىرگۈچى ئاپپارات بېكىتكەن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىغا باشقىچە پىكرى بولسا.

7–باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

56 ماددا ئورۇنلار ياكى شەخسلەردىن بۇ نىزامنىڭ 12-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىنى ئىشلىتىۋېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە ياكى ئىنتىزام چارىسى كۆرۈلىدۇ. ئىشلىتىۋالغان فوندىنى ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى قايتۇرۇۋېلىپ، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىغا كىرگۈزىدۇ؛ مۇسادىرە قىلىنغان قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قانۇن بويىچە خەزىنىگە تاپشۇرۇلىدۇ.

57-ماددا ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىنىڭ خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىش ئىلتىماسىنى يوللۇق سەۋەبى يوق تۇرۇپ قوبۇل قىلمىغانلار ياكى ئىشتا يارىلىنىش شەرتىگە توشمايدىغانلارنى ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچى دەپ ساختىپەزلىك بىلەن بېكىتكەنلەر؛

(2) ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىش ئىلتىماسىغا ئائىت دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ياخشى ساقلىماي، مۇناسىۋەتلىك دەلىل- ئىسپاتلارنى يوقىتىۋەتكەنلەر؛

(3) ئالاقىدارلاردىن پۇل-مال ئالغانلار.

58-ماددا بېجىرگۈچى ئاپپاراتلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ياكى باشقا جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە ئىنتىزام چارىسى كۆرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ ئالاقىدارلار ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىسا، بېجىرگۈچى ئاپپارات قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ:

(1) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئەھۋالى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئەھۋالى خاتىرىسىنى ساقلاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(2) ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىنى بېكىتىشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(3) ئالاقىدارلاردىن پۇل-مال ئالغانلار.

59-ماددا داۋالاش ئاپپاراتى، قوشۇمچە سايمان بەرگۈچى ئاپپارات مۇلازىمەت كېلىشىمى بويىچە مۇلازىمەت قىلمىسا، بېجىرگۈچى ئاپپارات مۇلازىمەت كېلىشىمىنى بىكار قىلىۋەتسە بولىدۇ.

بېجىرگۈچى ئاپپارات خىراجەتنى ۋاقتىدا، تولۇق راسچوت قىلمىسا، ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ داۋالاش ئاپپاراتى ۋە قوشۇمچە سايمان بەرگۈچى ئاپپارات مۇلازىمەت كېلىشىمىنى بىكار قىلىۋەتسە بولىدۇ.

60-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئومۇمىي مائاش سوممىسى ياكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر سانىنى يوشۇرغانلىرىنى ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە يوشۇرغان مائاش سوممىسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

61-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار، ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ياكى ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىنى ئالداپ ئېلىۋالسا، داۋالاش ئاپپاراتى، قوشۇمچە سايمان بەرگۈچى ئاپپاراتلار ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن ئالداپ چىقىم قىلدۇرسا، ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئۇلارنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە ئالداپ ئېلىۋالغان پۇل سوممىسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ  ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

62-ماددا ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش تەشكىلاتى ياكى شەخسلەردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) ساختا باھالاش پىكرى بەرگەنلەر؛

(2) ساختا دىئاگنوز ئىسپاتى بەرگەنلەر؛

(3) ئالاقىدارلاردىن پۇل - مال ئالغانلار.

63-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ قاتناشمىغانلىرىنى ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان مەزگىلدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىشچى-خىزمەتچىسى ئىشتا يارىلانسا، خىراجەتنى ئادەم ئىشلەتكۈچى شۇ ئورۇن بۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىنات تۈرى ۋە ئۆلچىمى بويىچە بېرىدۇ.

8–باب قوشۇمچە پرىنسىپ

64-ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان ئىشچى-خىزمەتچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى (جۈملىدىن ئەمەلىي  ئەمگەك مۇناسىۋىتى) بولغان، تۈرلۈك شەكىل ۋە مۇددەت بويىچە ئىشلەيدىغان ئەمگەكچىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ نىزامدا ئېيتىلغان مائاش ئومۇمىي سوممىسى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن شۇ ئورۇندىكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىگە بىۋاسىتە بېرىدىغان ئەمگەك ھەققى ئومۇمىي سوممىسىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ نىزامدا ئېيتىلغان شۇ كىشىنىڭ مائاشى ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ ئىشتا ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلىنىش ياكى كەسپىي كېسەل بولۇشتىن ئىلگىرىكى 12 ئايدا ئېيىغا ھەق تاپشۇرىدىغان ئوتتۇرىچە مائاشنى كۆرسىتىدۇ، شۇ كىشىنىڭ مائاشى غەملىگۈچى رايوندىكى ئىشچى -خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ %300 دىن يۇقىرى بولسا، غەملىگۈچى رايوندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ %300 ى بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ شۇ كىشىنىڭ مائاشى غەملىگۈچى رايوندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ %60 دىن تۆۋەن بولسا، غەملىگۈچى رايوندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ %60 ى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

65-ماددا دۆلەت ئورگىنى ۋە كادىرلار ئىشلىرى دۆلەت مەمۇرلىرى تۈزۈمى بويىچە ياكى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ باشقۇرۇلىدىغان كەسپىي ئورۇن، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىكى ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغان ياكى كەسپىي كېسەل بولغان خادىملارنىڭ خىراجىتىنى ئىشلەيدىغان ئورنى بېرىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ كادىرلار مەمۇرىي تارمىقى ۋە مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ.

باشقا كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، شۇنىڭدەك كارخانا ئەمەس پۇقراۋى ئورۇنلارنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ كادىرلار مەمۇرىي تارمىقى، خەلق ئىشلىرى تارمىقى ۋە مالىيە تارمىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بۇ نىزامدىن پايدىلىنىپ ئايرىم بەلگىلىمە چىقىرىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ.

66-ماددا تىجارەت كىنىشكىسى بولمىغان ياكى قانۇن بويىچە تىزىملاتمىغان، ئەنگە ئالدۇرمىغان ئورۇنلار، شۇنىڭدەك تىجارەت كىنىشكىسى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغان ياكى تىزىمدىن، رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەن ئورۇنلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغان ياكى كەسپىي كېسەل بولغان بولسا، شۇ ئورۇن يارىلانغان، مېيىپ بولغان ئىشچى-خىزمەتچىگە ياكى ئۆلۈپ كەتكەن ئىشچى- خىزمەتچىنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرىغا بىر يولىلا تۆلەم بېرىدۇ، تۆلەم ئۆلچىمىنى بۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن تۆۋەن قىلىشقا بولمايدۇ؛ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ بالا ئىشچى ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بالا ئىشچى ئىشلىتىپ ئۇلارنىڭ يارىلىنىشى، مېيىپ بولۇپ قېلىشىغا ۋە ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولسا، شۇ ئورۇن بالا ئىشچىغا ياكى بالا ئىشچىنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرىغا بىر يولىلا تۆلەم بېرىدۇ، تۆلەم ئۆلچىمىنى بۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن تۆۋەن قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مېيىپ بولۇپ قالغان ئىشچى-خىزمەتچى ياكى ئۆلۈپ كەتكەن ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرى بىلەن ئورۇن ئوتتۇرىسىدا كۆرۈلگەن تۆلەم سوممىسى ئۈستىدىكى تالاش-تارتىش، شۇنىڭدەك ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن بالا ئىشچى ياكى بالا ئىشچىنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرى بىلەن ئورۇن ئوتتۇرىسىدا كۆرۈلگەن تۆلەم سوممىسى ئۈستىدىكى تالاش-تارتىش ئەمگەك تالاش-تارتىشىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئائىت بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

67-ماددا بۇ نىزام 2004-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ نىزام يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغان ياكى كەسپىي كېسەل بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتا يارىلانغانلىقى بېكىتىلمىگەن بولسا، بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.[0][1]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#