ۋولتېر

ۋولتېر تەخەللۇسى بىلەن دۇنياغا تۇنۇلغان، 18-ئەسىردىكى فرانسىيە ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ پېشۋاسىنىڭ ئەسلى ئىسمى فرانسىۋا-مارې. ئازوئۇئېت ئىدى. ۋولتېر شائىر، دراماتورگ، يازغۇچى، تارىخشۇناس، پەيلاسوپ بولۇپ ئىدىيە ئازاتلىقىنىڭ ئەلچىسى ھېسابلىنىدۇ. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ۋولتېر
باشقا نامى Voltaire
تۇغۇلغان ۋاقتى 1694-يىلى
كەسپى پەيلاسوپ،يازغۇچى
خەنزۇچە ئىسمى 伏尔泰
دۆلەت تەۋەلىكى فرانسىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1778-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋولتېرۋولتېر تەخەللۇسى بىلەن دۇنياغا تۇنۇلغان، 18-ئەسىردىكى فرانسىيە ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ پېشۋاسىنىڭ ئەسلى ئىسمى فرانسىۋا-مارې. ئازوئۇئېت ئىدى. ۋولتېر شائىر، دراماتورگ، يازغۇچى، تارىخشۇناس، پەيلاسوپ بولۇپ ئىدىيە ئازاتلىقىنىڭ ئەلچىسى ھېسابلىنىدۇ. 

ۋولتېر 1694-يىلى پارىژدا بىر ئوتتۇرا بۇرژىئازىيە ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاتىسى ئادۋۇكات ئىدى. ئۇ دەسلەپتە قانۇن ئۆگىنىپ، كېيىن كەسپ ئۆزگەرتكەن. ئۇ زېھنىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى، پىكرىنىڭ تېزلىكى، ھېكمەتلىك سۆزلەرگە ماھىرلىقى ھەمدە ھەجۋى شېئىر يېزىش بىلەن داڭق چىقارغانىدى. فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىدىن ئىلگىرىكى ھۆكۈمرانلىق تۈزۈمى ئاستىدا ۋولتېرنىڭ بۇ خىل ئەقىل-پاراسەتلىكلىكى خەتەرلىك ئىدى. ئۇ بىر قانچە سىياسىي شېئىر يازغانلىقى ئۈچۈن باستىلىيە تۈرمىسىگە تاشلانغانىدى. ئۇ تۈرمىدە ياتقان بىر يىل ئىچىدە «ھېنرىياد» داستانىنى يېزىپ ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. 1718-يىلى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، تۇنجى تىراگېدىيىسى «پادىشاھى ئويدىپوس» نى ئېلان قىلىپ بىردىنلا تونۇلۇپ، رازىننىڭ ۋارىسى دەپ قارالغان ھەمدە شۇندىن ئېتىبارەن ۋولتېر دېگەن تەخەللۇسنى قوللانغان، شۇ چاغدا ئۇ 24 ياشتا ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ۋولتېر ھايات ۋاقتىدىكى 60 يىلدا، ئۇ باشتىن ئاخىر فرانسىيىنىڭ ئەدەبىيات ساسەسىدىكى ئۇلۇغ ئەرباب بولۇپ قالغان. 

ۋولتېرۋولتېر پۇل تېپىشقىمۇ، خۇددى سۆزگە ماھىر بولغىنىدەك ماھىر بولۇپ، پۈتۈنلەي ئۆز كۈچىگە تاينىپ تەدرىجىي بېيىغانىدى. بىراق، ئۇ يەنە بالا-قازاغا يولۇققان، 1726-يىلى ھوقۇق ۋە تەسىر كۈچكە ئىگە بىر ئاقسۆڭەك بىلەن جېدەللىشىپ قالغانلىقتىن، بۇ ئاقسۆڭەك ئەۋەتكەن چوماقچىلار تەرىپىدىن راسا دۇمبالانغاننىڭ ئۈستىگە، باستىلىيە تۈرمىسىگە يەنە بىر قېتىم تاشلىنىدۇ. قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن فرانسىيىدىن ھەيدىلىدۇ. 5-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئەنگىلىيىگە يېتىپ بېرىپ، ئۇ يەردە ئىككى يېرىم يىل تۇرىدۇ.

ۋولتېر ئەنگىلىيىدە تۇرۇشى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىدى. ئۇ ئىنگىلىز تىلىنى ۋە يېزىقچىلىق قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىپ، لوك، باكون، نىيوتون ۋە شېكسپىر قاتارلىق مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشتى. ۋولتېر شېكسپىر بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ ئىلىم-پەن ئۇتۇقلىرى ۋە تەجرىبە ئۇسۇللىرىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن، ئۇنى ئەڭ قىزىقتۇرغىنى ۋە ئۇنىڭدا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى يەنىلا ئەنگىلىيىنىڭ سىياسىي تۈزۈمى، دېموكراتىيىسى ۋە شەخسىي ئەركىنلىكى بولۇپ، بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى فرانسىيىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي ئەھۋالى بىلەن ئاسمان-زېمىن پەرق قىلاتتى. 

ۋولتېر فرانسىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يازغان تۇنجى مەشھۇر پەلسەپە ئەسىرى «پەلسەپە مەكتۇپلىرى» ئىدى؛ بۇ كىتاب 1734-يىلى ئېلان قىلىنغان، بۇ 18-ئەسىردىكى فرانسىيە ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ ھەقىقىي باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بۇ ئەسەردە ئەنگىلىيىنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنى ناھايىتى چىرايلىق بايان قىلغان. لوكنىڭ تەجرىبە پەلسەپىسىنى ۋە باشق ئەنگىلىيە مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ تەشەببۇسلىرىنى تونۇشتۇرغان. بۇ كىتاب ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا فرانسىيە دائىرلىرىنىڭ مەنئى قىلىشقا ئۇچراپ، ۋولتېر پارىژدىن ئىككىنچى قېتىم ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانىدى.

ۋولتېر فرانسىيىنىڭ شەرقىدىكى سىرىي كەنتىگە قېچىپ بېرىپ، دوستى شاترى خانىمنىڭ قورۇقىدا 15 يىل تۇرىدۇ. شاترى خانىم ئەقىللىق ۋە ئوقۇمۇشلۇق ئايال ئىدى. 

ۋولتېر1750-يىلى، دوستى شاترى خانىم ۋاپات بولۇپ بىر يىلدىن كېيىن، ۋولتېر پرۇسىيە كورۇلى فرېدىرىخ Ⅱ نىڭ تەكلىپىگە بىنائەن گېرمانىيىگە بېرىپ، 3 يىل ۋاقىتنى پادىشاھ ئوردىسىدا ئۆتكۈزىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئوتتۇرىسىدىكى دوسلۇق ئۇزۇن داۋاملىشالمايدۇ. ۋولتېر 1753-يىلى يەنە گېرمانىيىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. 

ۋولتېر جەنۋەگە يېقىن جايدىكى بىر قورۇققا كېلىپ ئولتۇراقلىشىدۇ. ئۇ يەردە فرانسىيىنىڭ تەھدىتىگىمۇ ئۇچرىمايتتى ھەم شۇنداقلا فرېدىرىخمۇ ئۇنىڭغا ئاۋارىچىلىق سالالمايتتى. شۇنداق بولسىمۇ، ۋولتېرنىڭ ئەركىنلىك ئىدىيىسى شىۋېتسارىيىنىمۇ خەتەرلىك بىر جايغا ئايلاندۇرۇپ قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئولتۇراقلىشىپ قېلىشى قىيىنغا چۈشكەنىدى. شۇنداق قىلىپ فرانسىيە بىلەن شىۋىتسارىيە چېگرىسىدىكى فېرنايقا كۆچۈپ بېرىپ، بىر يېڭى قورۇق سېتىۋالىدۇ. ناۋادا بۇ يەردىمۇ بىرەر كۈتۈلمىگەن بالا-قازا كەلسە، قېچىشقا ئىككى يول بار ئىدى. ۋولتېر ئۇ يەردە تېچ-ئامان 20 يىل تۇرغان بولۇپ، بىر تەرەپتىن ئەدەبىيات، پەلسەپە يېزىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر تەرەپتىن ھەر قايسى تەرەپلەردىن كەلگەن مەشھۇر ئەربابلارنى كۈتۈۋالغان، شۇنداقلا ياۋرۇپادىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ھەر قايسى قاتلام كىشلىرى بىلەن كەڭ خەت ئالاقسىى قىلىشىپ فېرناينى ياۋرۇپانىڭ جامائەت پىكرى مەركىزىگە ئايلاندۇرغان ئىدى. 

ۋولتېر كۆپ تەرەپلىمە تالانتىغا ئىگە يازغۇچى ئىدى. ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، جەمئىي 30 مىڭ بەتتىن ئاشىدۇ. ئۇلار داستان، شېئىر، شەخسىي خەت-ئالاقە، ماقالە، رومان، ھېكايە، سەھنە ئەسىرى، تارىخ ئەسەرلىرى، دىنىي ئەسەرلەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

ۋولتېر دىنىي ئېتىقادتا كەڭ قورساق ئىدى. ئۇ فرانسىيە ئاقسۆڭەكلىرىنى ئۆزىدىن ئاقىل ۋە ئادىل ئەمەس دەپ ھېسابلايتتى. ئۇنىڭ رومانلىرىدىن ئۇنىڭ ئىلاھىي ھاكىمىيەت ئۆتكۈر تەنقىد قىلىنغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ۋولتېرنىڭ فرانسىيە جەمئىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى روسسونىڭىگە قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    50%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#