كىچىك سۈتلۈك ئوت
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەل تۈكلۈك، ئېگىزلىكى15 سانتىمېتىردىن ئاشمايدۇ. رەڭگى ئادەتتە قىزىل رەڭدە بولۇپ، يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ. ئىلپىس شەكىللىك ياكى چاساشەكىللىك يۇمۇلاق بولىدۇ. ئۇچى گال، تۈۋى سىڭايانراق، چۆرىسىدە ئۇششاق چىشى بار. ئالدى يۈزى توق يېشىل رەڭدە، ئارقا يۈزى كۈلرەڭگە مايىل ئاق بولىدۇ.
غەيرى تەبىئى بەلغەم خىلىتنى تەڭشەش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، مەنىي، سۈيدۈكنى تىزگىنلەش، قان توختىتىش، قان تازىلاش، يىلان زەھىرىنى قايتۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.
1. سۈتلۈك ئوتتىن7 گرام ئېلىپ سۈتىنى چىقىرىپ ئىچسە ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
2. سۈتلۈك ئوت 5 گرام، تاباشى 3 گرام، دورىلارنى سوقۇپ تالقان تەييارلاپ بەرسەك سۆزنەك كېسەللىكىدىكى ئېچىشىشنى، بوۋاسىر ۋە ئۈچەيتىن كەلگەن قاننى توختىتىدۇ.
3. سۈتلۈك ئوتتىن10گرام، شاھتەررە15گرام، چوبچىن7 گرام ئۆشىنە7 گرام دورىلارنى قاينىتىپ ئىچسە قان بۇزۇلۇشتىن بولغان تېرە كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
4. قەلەي كۈشتىسىنى5 گرام ئېلىپ7 گرام سۈتلۈك ئوتقا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە، سۆزنەك، مەنى سۇيۇلۇپ كېتىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
5. سۈتلۈك ئوت7 گرام، قارامۇچ 10 گرام ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە يىلان زەھىرىنى قايتۇرىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.