ھىندىچىنى يېرىم ئارىلى
ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇبىغا، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئارىلىقىغا جايلاشقان. بۇ جاينى جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى يېرىم ئارال دەپمۇ ئاتايدۇ. مەمۇرىي جەھەتتىن ۋېيتنام، لائوس، كامبودژا، بىرما، تايلاند، سىنگاپور ھەم مالايسىيالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەيدانى 2 مىليون 70 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىنىڭ يەر ئۈستى كۆرۈنۈشى مۇرەككەپ، يەر ۋەزىيىتى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ تەدرىجىي پەسلەپ بارىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇبىغا، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئارىلىقىغا جايلاشقان. بۇ جاينى جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى يېرىم ئارال دەپمۇ ئاتايدۇ. مەمۇرىي جەھەتتىن ۋېيتنام، لائوس، كامبودژا، بىرما، تايلاند، سىنگاپور ھەم مالايسىيالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەيدانى 2 مىليون 70 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىنىڭ يەر ئۈستى كۆرۈنۈشى مۇرەككەپ، يەر ۋەزىيىتى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ تەدرىجىي پەسلەپ بارىدۇ.
تاغ ئارىلىقلىرىدا دەريا بويى تۈزلەڭلىكلىرى، چوڭقۇر جىرالار، ئېگىز تەكشىلىكلەر بار. يېرىم ئارالنى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ئاققان ئېراۋدى، سالوئىن، مىنەم، مېكونگ، قىزىل دەريا قاتارلىق دەريالار بىرقانچە بۆلەكلەرگە ئايرىپ تۇرىدۇ.شىمالى ئېگىز ، جەنۇبى پەس , تاغلىق ۋە ئېگىزلىك كۆپ .
ئارالدا زور مىقداردىكى رەڭلىك مېتال كان بايلىقى كۆمۈلۈپ ياتقان ، بۇنىڭ ئىچىدە قوغۇشۇن ، سىنىك , كۈمۈش , سۈرمە , مىش , قەلەي ( Sn ) , ۋولفرام قاتارلىق كان بايلىقلىرى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ . باشقا قېزىلما بايلىقلاردىن ئاساسلىقى كۆمۈر ، قىممەت باھالىق تاش , تاشتۇز , نېفىت ۋە تەبىئىي گازغا ئايلىنىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا سۇ كۈچى بايلىقى ۋە ئورمان بايلىقى ناھايىتى مول .
جەھەتتە ، تېكتون دەرىخى ، كاۋچۇك , شال , شېكەر قومۇش , ياغلىق پالما , كوكۇس مېيى , قارىمۇچ قاتارلىقلار بار ، بۇنىڭ ئىچىدە كاۋچۇك بىلەن مايلىق پالما مەھسۇلاتى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ .
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.