جامىس كامېرون

جامىس كامېرون

جامىس كامېرون 1954-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى كانادانىڭ ئونتارېئو ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان، كىنو رېژىسورى. 1981–يىلى تۇنجى كىنوسىغا رېژىسورلۇق قىلغان. 1984-يىلى ئۆزى يىزىپ ئۆزى رېژىسورلۇق قىلغان «ئاخىرلاشتۇرغۇچى» ناملىق كىنوسى بىلەن نام چىقارغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى جامىس كامېرون
باشقا نامى James Francis Cameron ،James Cameron
تۇغۇلغان ۋاقتى 1954-يىلى 8-ئاينىڭ 16- كۈنى
بوي ئېگىزلىكى 188 سانتىمىتىر
كەسپى رېژىسور، سىنارېست، كىنو ئىشلەپ چىقارغۇچى
خەنزۇچە ئىسمى 詹姆斯•弗朗西斯•卡梅隆
دۆلەت تەۋەلىكى كانادا
يۇلتۇز تۈركۈمى ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمى
قان تىپى O تىپ
پۈتتۈرگەن مەكتىپى ئامېرىكا جىياجوۋ جوۋلى ئۇنۋېرسىتىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جامىس كامېرون 1954-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى كانادانىڭ ئونتارېئو ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان، كىنو رېژىسورى. 1981–يىلى تۇنجى كىنوسىغا رېژىسورلۇق قىلغان. 1984-يىلى ئۆزى يىزىپ ئۆزى رېژىسورلۇق قىلغان «ئاخىرلاشتۇرغۇچى» ناملىق كىنوسى بىلەن نام چىقارغان.

تىتانىك، ئاخىرلاشتۇرغۇچى، غەيرى شەكىل 2 ، ئافەندا، بىر تامچە قان.

1986-يىلى «غەيرى شەكىل 2» ناملىق كىنونى ئۆزى يازغان ھەمدە ئۆزى رېژىسورلۇق قىلغان .1991-يىلى «ئاخىرلاشتۇرغۇچى2» ناملىق كىنو ئارقىلىق 18-نۆۋەتلىك ساتۇرن مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى رېژىسور مۇكاپاتى ھەمدە ئەڭ ياخشى سىنارىس مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. 1994-يىلى «ھەقىقى يالغان سۆز» ناملىق كىنوغا رېژىسورلۇق قىلغان. 1997-يىلى ئۇ رېژىسورلۇق قىلغان «تىتانىك» ناملىق كىنو 18 مىليارد   400 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىلىق بېلەت كىرىمىغا ئىرىشىپ، پۈتۈن دۇنيا كىنو تارىخىدىكى بېلەت كىرىمى رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى، «تىتانىك» ناملىق بۇ كىنو 70-نۆۋەتلىك ئوسكار ئالتۇن پىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ئەڭ ياخشى كىنولار ئىچىدىكى 11 دانە مۇكاپات، جامىس كامېرون مۇشۇ كىنو ئارقىلىق ئوسكار ئەڭ ياخشى رېژىسور مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.

2005-يىلى ئۇ ئەنگلىيە گېزىتى دە «دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ 20 رېژىسورنىڭ بىرى» دەپ باھالانغان. 2009-يىلى 12-ئايدا ،ئۇ رېژىسورلۇق قىلغان «ئافەندا»ن املىق كىنو قۇيۇلغاندىن كىيىن ئۆزى ساقلىغان دۇنيا كىنو تارىخىدىكى بېلەت كىرىمى رىكورتىنى يەنە بىر قېتىم بۇزۇپ، بېلەت كىرىمى 27 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى غا يەتكەن. 2010-يىلى «دەۋىر ھەپتىلىك ژورنىلى» دا «دۇنيادىكى ئەڭ تەسىرى بار كىشىلەر» تىزىملىكىگە كىرگەن. 

[0] ئوسكار ئەڭ ياخشى رېژىسور مۇكاپاتى، ئالتۇن شار ئەڭ ياخشى رېژىسور مۇكاپاتى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#