ئىش ئۈستىدە يارلانغانلارنىڭ ھوقوقىنى قوغداشقا ئائىت بىلىملەر
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئىشچى خىزمەتچىلەردىن ئىشتا يارىلىنىپ مېيىپ بولۇپ،1-دەرىجىلىكتىن 4-دەرىجىلىككىچە مېيىپ دەپ باھالانغانلىرى ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالىدۇ،ئىش ئورنىدىن چېكىنىدۇ ۋە تۆۋەندىكى تەمىناتتىن بەھرىمان بولىدۇ:
- مېيىپلىق ياردەم پۇلى مېيىپلىق دەرىجىسىگە قاراپ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن بىر يولىلا بېرىلىدۇ.ئۆلچىمى مۇنداق: 1-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ كىشىنىڭ 27 ئايلىق مائاشى، 2-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇكىشىنىڭ 25 ئايلىق مائاشى، 3-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ كىشىنىڭ 23 ئايلىق مائاشى،4-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ كىشىنىڭ 21 ئايلىق مائاشى بېرىلىدۇ.
- مېيىپلىق ياردەم پۇلى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن ئايمۇئاي بېرىلىدۇ.ئۆلچىمى مۇنداق :1 -دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ كىشىنىڭ مائاشىنىڭ %90 ى، 2-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇكىشىنىڭ مائاشىنىڭ %85 ى، 3-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ كىشىنىڭ مائاشىنىڭ %80 ى، 4-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ كىشىنىڭ مائاشىنىڭ %75 ى بېرىلىدۇ. مېيىپلىق ياردەم پۇلىنىڭ ئەمىلى سوممىسى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولسا،كەم قىسمى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن تولۇقلاپ بېرىلىدۇ.
- ئىشتا يارىلانغان ئىشچى–خىزمەتچى پىنسىيە يېشىغا توشقان ھەمدە پىنسىيە رەسمىيتىنى ئۆتىگەن بولسا،مېيىپلىق قوشۇمچە پۇلى توختىتىلىپ،ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئاساسىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمان بولىدۇ. ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئاساسىي سۇغۇرتا تەمىناتى مېيىپلىق قوشۇمچە پۇلىدىن تۆۋەن بولسا، كەم قىسمى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن تولۇقلاپ بېرىلىدۇ.
- ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشتا يارىلىنىپ مېيىپ بولۇپ 1-دەرىجىلىكتىن 4-دەرىجىلىككىچە مېيىپ دەپ باھالانغان بولسا،ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شۇ ئىشچى-خىزمەتچى مېيىپلىق قوشۇمچە پۇلىنىڭ تۈپ سانى بويىچە، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇلىدۇ.
- مېيىپلىق ياردەم پۇلى مېيىپلىق دەرىجىسىگە قاراپ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن بىر يولىلا بېرىلىدۇ.ئۆلچىمى مۇنداق: 5-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ كىشىنىڭ 218 ئايلىق مائاشى، 6-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇكىشىنىڭ 16 ئايلىق مائاشى بېرىلىدۇ.
- ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالغانلارنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مۇۋاپىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.ئورۇنلاشتۇرۇش قىيىن بولغانلارغا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مېيىپلىق قوشۇمچە پۇلىنى ئايمۇ ئاي بېرىدۇ. ئۆلچىمى مۇنداق : 5-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ كىشىنىڭ مائاشىنىڭ %70 ى، 6-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇكىشىنىڭ مائاشىنىڭ %60 ى بېرىلىدۇ ھەمدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بەلگىلىمە بويىچە ، ئۇلار ئۈچۈن تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تۈرلۈك ئىجتىمائى سۇغۇرتا ھەققىنى بەلگىلىمە بويىچە تاپشۇرىدۇ. مېيىپلىق قوشۇمچە پۇلىنىڭ ئەمەلىي سوممىسى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولسا كەم قىسمىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تولۇقلاپ بېرىدۇ.
- ئىشتا يارلانغان ئىشچى خىزمەتچىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن شۇ ئىشچى-خىزمەتچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن بولغان ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلسا ياكى ئاخىرلاشتۇرسا بولىدۇ،ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشتا يارىلانغانلارنىڭ داۋالىنىش ياردەم پۇلى ۋە مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىر يولىلا بېرىدۇ.كونكىرىت ئۆلچىمىنى ئۆلكىلىك،ئاپتونوم رايونلۇق،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتىدۇ.
- ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ئىشتا يارىلىنىپ مېيىپ بولۇپ،7-،10-دەرىجىلىك مېيىپ،دەپ باھالانغانلىرى تۆۋەندىكى تەمىناتتىن بەھرىمان بولىدۇ.
- مېيىپلىق ياردەم پۇلى مېيىپلىق دەرىجىسىگە قاراپ ئىشتا يارلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن بىر يولىلا بېرىلىدۇ. ئۆلچىمى مۇنداق : 7-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ كىشىنىڭ 13ئايلىق مائاشى،8-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇكىشىنىڭ 11 ئايلىق مائاشى، 9-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ كىشىنىڭ 9 ئايلىق مائاشى،10-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ كىشىنىڭ 7 ئايلىق مائاشى بېرىلىدۇ.
- ئەمگەك توختامىنىڭ ۋاقتى توشسا ياكى ئىشچى –خىزمەتچى ئەمگەك توختامى ياكى تەكلىپلىك ئىشلىتىش توختامىنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرغا قويسا ئىشتا يارلانغانلارنىڭ داۋالىنىش ياردەم پۇلى ئىشتا يارلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن بىر يولىلا بېرىلىدۇ.مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىر يولىلا بېرىدۇ.كونكىرت ئۆلچىمىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.
تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:
چىكىنىش
#title
#video#