گائاگا شەھىرى

گائاگا

گوللاندىيىنىڭ غەربىي دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان چوڭ سانائەت مەركىزى. خان سارىيى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تۇرۇشلۇق شەھەر، شەھەر شىمالىي دېڭىز ياقىسىدىن ئۈچ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان.

نامى گائاگا
دۆلىتى گوللاندىيە
يەر مەيدانى 98.20 km²
خەنزۇچە نامى 海牙市
مەمۇرىي رايون شەكلى ئۆلكە مەركىزى
نوپۇسى 700مىڭدىن ئاشىدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گوللاندىيىنىڭ غەربىي دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان چوڭ سانائەت مەركىزى. خان سارىيى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تۇرۇشلۇق شەھەر، شەھەر شىمالىي دېڭىز ياقىسىدىن ئۈچ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان.

گائاگائاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ 700 مىڭدىن ئاشىدۇ. گائاگا 1097-يىلدىن باشلاپ شەكىللىنىشكە باشلىغان، 18-ئەسىرگە كەلگەندە كۈمۈش بۇيۇملىرى بىلەن فارفۇر بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىم ئورۇنغا ئايلانغان. بۇ جاينىڭ نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان. فرانسىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە(1795-، 1813-يىللىرى) گائاگانىڭ ئىقتىسادىدا چېكىنىش يۈز بەرگەن. فرانسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاياغلاشقاندىن كېيىن قايتىدىن فېئودال ئاق سۆڭەكلەر بىلەن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىغا ئايلانغان.

1870-يىلدىن كېيىن تېز تەرېەققىي قىلىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم سودا-سانائەت مەركىزىگە ئايلانغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا زور ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۇرۇشتىن كېيىن قايتا كېڭەيتىپ قۇرۇلغان. ھازىر ئۇ گوللاندىيىنىڭ مۇھىم سودا، پۇل-مۇئامىلە مەركىزى. شەھەرنىڭ نەشرىيات، قەغەز، يېمەك-ئىچمەك، ئۆي جاھازىلىرىنى ياساش قاتارلىق سانائەتلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. گائاگا دۆلەتنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى، شەھەردە 14 مۇزېي، ھەرخىل بۇيۇملار ساقلانغان ھازىرقى زامان گۈزەل سەنئەت سارىيى، قەدىمىي قول ھۈنەر مەھسۇلاتلىرى، مۇزىكا، نەشرىيات بۇيۇملىرى، خەلقئارا سودا مەھكىمىسى بار.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#