يەل تاپان كېمە

يەل تاپان كېمە

يەل تاپان كېمىنىڭ ئاساسەن پۈتۈن لەيلىمە شەكىللىك ۋە يان تام شەكىللىك دەپ ئىككى خىل شەكلى بار. پۈتۈن لەيلىمە شەكىللىك يەل تاپان كېمە تېگىنىڭ ئەتراپى ئەۋرىشىم پەرتۇق بىلەن ئورىلىپ، يەل تاپاندىكى ھاۋانىڭ سىرتقا كۆپلەپ چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. ئادەتتە ھاۋا پىرقىرىغۇچلۇق ئىتتىرگۈچ ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى يەل تاپان كېمە
خەنزۇچە نامى 气垫艇

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يەل تاپان كېمەسۇلياۋ تەخسىنىڭ ئاستىنى تېشىپ شلانكا ئۇلاپ، شلانكىغا پۈۋلىسەك، تەخسە ئۈستەلدىن كۆتۈرۈلىدۇ، قانچە كۈچلۈك پۈۋلىسەك، تەخسە شۇنچە ئېگىز كۆتۈرۈلىدۇ. ئەگەر شامال كۈچى زور، ئۆزى يەڭگىل توك يەلپۈگۈچ ئىشلىتىلسە، تەخسە ھاۋاغا كۆتۈرۈلىدۇ، يەل تاپان كېمە مۇشۇ قائىدىگە ئاساسەن ياسالغان. ئۇنىڭدا كۈچلۈك توك يەلپۈگۈچكە ئوخشاش شامالدۇرغۇچ تۆۋەنگە پۈۋلەپ، كېمە تېگى بىلەن سۇ يۈزى(يەر يۈزى) ئوتتۇرىسىدا يەل تەگلىك پەيدا قىلىپ، كېمىنى كۆتۈرىدۇ، كېمە يۈرگەندە ئۇچرايدىغان قارشىلىقنى كېمەيتىپ، يۈرۈش تېزلىكىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

يەل تاپان كېمىنىڭ ئاساسەن پۈتۈن لەيلىمە شەكىللىك ۋە يان تام شەكىللىك دەپ ئىككى خىل شەكلى بار. پۈتۈن لەيلىمە شەكىللىك يەل تاپان كېمە تېگىنىڭ ئەتراپى ئەۋرىشىم پەرتۇق بىلەن ئورىلىپ، يەل تاپاندىكى ھاۋانىڭ سىرتقا كۆپلەپ چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. ئادەتتە ھاۋا پىرقىرىغۇچلۇق ئىتتىرگۈچ ئىشلىتىلىدۇ. گاز پۈركۈپ (رېئاكتىپ) ئىتتىرىش شەكىلدىكىلىرىمۇ بار. مۇنداق يەل تاپان كېمە سۇ يۈزىدىن تامامەن ئايرىلىپ يۈرىدۇ، قۇرۇقلۇق، سازلىقلاردىمۇ يۈرەلەيدۇ، ناھايىتى ياخشى قوش ماكانلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. يان تام شەكىللىك يەل تاپان كېمىنىڭ ئىككى يېنىدىن پولات يان تام سۇغا كىرىپ تۇرىدۇ، تۇمشۇقى بىلەن قۇيرۇقى ئەۋرىشىم پەردە بىلەن ھىم ئېتىلىپ، يەل تاپان ئىچىدىكى ھاۋانىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. پۈتۈن لەيلىمە كېمىگە سېلىشتۇرغاندا، يان تام شەكىللىك يەل تاپان كېمىدە سىرتقا چىقىپ كېتىدىغان ھاۋا ئاز، سەرپ بولىدىغان ئېنېرگىيىمۇ ئاز بولىدۇ، ئادەتتە سۇ پىرقىرىغۇچى ياكى گاز پۈركۈش ئارقىلىق ماڭغۇزۇلىدۇ، بىراق، قۇرۇقلۇقتا يۈرەلمەيدۇ. 

يەل تاپان كېمەيەل تاپان كېمىنىڭ سۈرئىتى تېز، پۈتۈن لەيلىمە شەكىلدىكىسى سائىتىگە 200 كىلومېتىر، يان تام شەكىلدىكىسىمۇ 150 كىلومېتىر يۈرەلەيدۇ. ئەنگلىيىنىڭ ئەڭ چوڭ پۈتۈن لەيلىمە يەل تاپان كېمىسىگە 416 ئادەم، 55 ئاپتوموبىل سىغىدۇ. ئامېرىكىنىڭ سۈرئىتى ئەڭ تېز يان تام شەكىللىك يەل تاپان كېمىسى سائىتىگە 167 كىلومېتىر يۈرەلەيدۇ. 

يەل تاپان كېمىنىڭ يېتەرسىزلىكىمۇ بار. مەسىلەن، يۇقىرى سۈرئەتتە يۈرگەندە، يەل تاپاننىڭ بېسىمى تەكشى بولماي، ئاسان ھادىسە يۈز بېرىدۇ؛ ناچار ھاۋا شارائىتىدا تامامەن يەل تاپانلىق ھالەتنى ساقلىماق تەس؛ بولۇپمۇ پۈتۈن لەيلىمە يەل تاپان كېمىسى ئوڭايلا شامالنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ۋە باشقىلار.

 1960 -يىلى جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېت پۈتۈن لەيلىمە يەل تاپان كېمە ياساپ چىقتى. ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى برونېۋىكقا ئوخشىغاچقا، يەل تاپان ئاپتوموبىل دەپمۇ ئاتالغان.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#