خو جيەنخۇا
خو جيەنخۇا 1979-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى تەيۋەن دە تۇغۇلغان، خەنزۇچە كىنو ئارتىسى، ناخشىچى، فىلىم ئىشلىگۈچى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
خو جيەنخۇا 1979-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى تەيۋەن دە تۇغۇلغان، خەنزۇچە كىنو ئارتىسى، ناخشىچى، فىلىم ئىشلىگۈچى. 2000-يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «جەيشىڭ»نى ئىشلەپ تاماشا ساھەسىگە قەدەم قويغان. ئۇنىڭ ئەسلى ئارزۇسى ناخشىچى بولۇش بولۇپ، ئەمما مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇ داۋاملىق كىنو ئىشلەشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان ھەمدە 2003-يىلى ئىشلەنگەن تەيۋەندە ئىشلەنگەن «دېلفىن قولتۇقى ئاشىق-مەشۇقلار» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئېلىپ، تونۇلۇشقا باشلىغان.
2000-يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «جەيشىڭ» نى ئىشلەپ تاماشا ساھەسىگە قەدەم قويغان. ئۇنىڭ ئەسلى ئارزۇسى ناخشىچى بولۇش بولۇپ، ئەمما مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇ داۋاملىق كىنو ئىشلەشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان ھەمدە 2003-يىلى ئىشلەنگەن تەيۋەندە ئىشلەنگەن «دېلفىن قولتۇقى ئاشىق-مەشۇقلار» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئېلىپ، تونۇلۇشقا باشلىغان.
2004-يىلى چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان، ئۇنى چوڭ قۇرۇقلۇق كىنو ساھەسىدە تاماشىبىنلارغا تۇنۇتقىنى 2009-يىلى ياڭمى، تاڭيەن، خۇگې قاتارلىقلار بىلەن ئىشلىگەن «ئەۋلىيا قىلىچ رىۋايىتى 3» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى. ئۇنىڭدىن كىيىن، خو جيەنخۇا يەنە كۆپلىگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئالغان بولسىمۇ، دېگەندەك ئۇتۇقلارغا ئېرىشەلمىگەن.
2015-يىلى خو جيەنخۇانىڭ كىنوچىلىق ھاياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ، 2015-يىلى خۇنەن سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى قانىلىدا قويۇلغان جاۋ لىيىڭ بىلەن ئىشلىگەن «خۇا چەنگۇ» فىلىمىنىڭ كۆرۈلۈشى 20 مىليارد بولۇپ، ئۇ بۇ فىلىم ئارقىلىق جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئارتىسى تەرتىپىدە 1-قاتاردىن ئورۇن ئالغان. شۇ يىلى ئىشلىگەن «ئۇ كەلدى، كۆزىڭىزنى يۇمۇڭ» فىلىمىمۇ تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.
خو جيەنخۇا بۇ ئىككى تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئارقىلىق «جۇڭگو ئاخبارات ھەپتىلىك ژۇرنىلى» دا، جۇڭگوغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەرباب بولۇپ باھالانغان.
ئۇنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلغىنى ئۇنىڭ كىنوچىلىق ساھەسىدىكى نەتىجىسىلا ئەمەس ئادىمىيلىكى ئەلۋەتتە. ئۇ ئەزەلدىن مەستانىلىرىگە ئىنتايىن ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ، مەستانىلىرىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن پۇل خەجلىشىنى ياقتۇرمايدۇ، مەستانىلەر ئۇنىڭغا ئۆزى ياسىغان سوۋغاتلارنى سوۋغا قىلسا، رەسىم بولسا رەسىمنىڭ رامكىسىنى مەستانىسىگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ.
ئۇ ھەتتا بىر مەستانىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن سېتىۋالغان پىلاستىنكىسىنى پۇل تۆلەپ سېتىۋالغان. «خۇا چەنگۇ»نى ئىشلەۋاتقاندا، مەستانىلەر ئۇنى كۆرگىلى كەلگەن ئەمما ئۇ ئۇلارنى تىزىپ قويۇپ بىر سائەت ئەيىبلىگەن ھەمدە ساياھەت يېتەكچىسىدەك ئۇلارنى رەتلىك تىزىپ يولدىن ئۆتكۈزۈپ قويغان. ئۇ مىكرو بىلوگ ئويناشنى ياقتۇرمايدۇ، ئەمما مەستانىلىرىنىڭ ئۆزىگە خەت يېزىشىگە قارشى ئەمەس، ۋاقتى يەتسە خەتلەرنى بىرمۇ-بىر كۆرۈپ چىقىپ قايتۇرىدۇ.
ئۇ قول ئاستىدىكى خىزمەتچىلىرىگىمۇ ئىنتايىن كۆيۈنىدىغان بولۇپ، باشقا چولپانلاردەك ئۇلارنى ھەممە ئىشىغا سالمايدۇ، ھەتتا كۈنلۈكنىمۇ ئۆزى تۇتىدۇ. ئۇ ئىنتايىن ۋاپادار بولۇپ، لايىق تاللىغاندا ئاپىسىنىڭ گېپىنىمۇ بەك ئاڭلايدۇ. خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ.
خو جيەنخۇاخو جيەنخۇا 5-ئاينىڭ 20-كۈنى لىن شىنرۇ بىلەن بولغان مۇھەببىتىنى ئاشكارىلىغان، 7-ئاينىڭ 31-كۈنى ئىككىسى بالى ئارىلىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن، 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى قىزى تۇغۇلغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.