ۋۇيى

 1938-يىلى 11-ئايدا تۇغۇلغان، خۇبىي ۋۇخەندىن، 1962-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى گە كىرگەن، 1962-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان، بېيجىڭ نېفىت ئىنستىتۇتى نېفىت ئايرىش سىستېمىسى نېفىت ئايرىش قۇرۇلۇشى كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئالىي ئىنژېنېر. ئۇ 16-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن سابىق مۇئاۋىن زۇڭلىسى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ۋۇيى
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى خۇبىي ۋۇخەن
كەسپى ئالىي ئىنژېنېر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 吴仪
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1938-يىلى 11-ئاي
پۈتتۈرگەن مەكتىپى بېيجىڭ نېفىت ئىنستىتۇتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋۇيى1956-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە غەربىي شىمال سانائەت ئىنستىتۇتى ، دۆلەت مۇداپىئە سىستېمىسى، بېيجىڭ نېفىت ئىنستىتۇتى نېفىت ئايرىش سىستېمىسى نېفىت ئايرىش قۇرۇلۇشى كەسپىدە ئوقۇغان. 1962-يىلىدىن 1965-يىلىغىچە لەنجۇ نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ سېخ تېخنىكى، سىياسىي بۆلۈمى ئىشخانىسىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى. 

1965-يىلدىن 1967-يىلىغىچە نېفىت سانائىتى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى مەھكىمىسى ئىشلەپچىقىرىش باشقارمىسىدا تېخنىك بولغان. 

1967-يىلدىن 1983-يىلىغىچە بېيجىڭ «شەرق قىزاردى» نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ تېخنىكى، تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، بۆلۈم باشلىقى، مەسئۇل مۇئاۋىن باش ئىنژېنېر، مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى بولغان. 

1983-يىلدىن 1988-يىلىغىچە بېيجىڭ يەنشەن نېفىت-خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى، پارتكوم ئەزاسى بولغان. 

1988-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان. 

1991-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە تاشقى ئىقتىساد-سودا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتگۇرپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 

1993-يىلىدىن 1997−يىلىغىچە تاشقى سودا-ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرلىكىگە، پارتىيە گۇرۇپپىسى سېكرېتارى بولغان. 

1997-يىلدىن 1998-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، تاشقى سودا-ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرلىكىگە، پارتىيە گۇرۇپپىسى سېكرېتارى بولغان. 

1998-يىلدىن 2002-يىلغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 

2002-يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 

2003-يىلى 3-ئايدا، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بولغان. شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى قوشۇمچە يېڭىدىن قۇرۇلغان گوۋۇيۈەن سارس  نىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 

2003-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى قوشۇمچە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بولغان (2005-يىلى 4-ئايغىچە) . 

2004-يىلى 2-ئايدىن 2008-يىلىغىچە يېڭىدىن قۇرۇلغان گوۋۇيۈەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 

ۋۇيىج ك پ 13-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 14- نۆۋەتلىك، 15-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى، 16-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 15-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 16-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 

خەلقئارا سۆھبەت ئۈستىدە، ۋۇيى ئۆزىنىڭ زېرەك، قابىليەتلىك ۋە قاتتىقلىقى بىلەن "جۇڭگولۇق تۆمۈر ئايال" دېگەن چىرايلىق نامغا ئېرىشكەن. 

1991-يىلى، جۇڭگو-ئامېرىكا بىلىم مۈلۈك ھۇقۇقى توغرىسىدىكى سۆھبەتتە، سۆھبەت باشلىنىشى بىلەنلا، ئامېرىكىلىقلار كۆرەڭلەپ : «بىز ئوغرى بىلەن سۆمبەت ئۆتكۈزىۋاتىمىز» دېگەن.ۋۇيى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال ئۇلارغا زەربە بېرىپ : «مەن قاراقچى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىۋاتىمەن، قاراپ بېقىڭلار، سىلەرنىڭ مۇزېيلاردىكى كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ قانچىلىكى جۇڭگودىن بۇلاپ كېلىنگەن؟» دېگەن. ئۇنىڭ ئۆتكۈر جاۋابى رەقىبلەرگە ئۇنىڭ ئاددىي ئايال ئەمەسلىكىنى تۇنۇتۇپ قويغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#