كەتىراچىنى

كەتىراچىنى

بۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى 50 ~ 80 سانتىمېتىر ئۆسىدىغان، كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك شىنجاڭ كەتىراسىنىڭ يىلتىزى.

دورا نامى كەتىراچىنى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 黄芪

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى 50 ~ 80 سانتىمېتىر ئۆسىدىغان، كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك شىنجاڭ كەتىراسىنىڭ يىلتىزى (Astragali propinqus Schisehk) بولۇپ، قۇرۇتۇلغان يىلتىزى سىلىندىر شەكىللىك، يۇقىرى تەرىپى تومراق، تۆۋەن تەرىپى ئىنچىكىرەك، سىرتى كۈل رەڭگە مايىل سېرىق رەڭدە، تەمى سەل تاتلىق، پۇرىقى سۇس بولىدۇ، يىلتىزى «كەتىراچىنى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

يىلتىزىنىڭ تەركىبىدە دىھىدرو − دىمتوكىسى فلاۋۇن، ئۆت ئىشقارى (Choline)، ئاچچىق ماددا، قىزىلچا ئىشقارى (Betain)، ئامىنو كىسلاتاسى، قومۇش شېكىرى، ئۈزۈم شېكىرى، شىلىمشىق ماددا، ئاز مىقداردا يوپۇرماق كىسلاتاسى، كەندىر مېيى كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار.

1.يۈرەك قان تومۇرلارغا بولغان تەسىرى: يۈرەك كىلاپانلىرىنىڭ قىسقىرىشىنى كۈچەيتىش، تاجسىمان قان - تومۇر، يۈرەك قان − تومۇرىنى ھەم پۈتۈن بەدەندىكى قان − تومۇر ئۇچلىرىنى كېڭەيتىش، تېرە قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، سۈيدۈكنى راۋان قىلىش، بالىياتقۇنى قىسقارتىش تەسىرى بار 2.باكتېرىيەلەرنى تورمۇزلاش رولىغا ئىگە: باكتېرىيەلەرنى تورمۇزلاش رولىغا ئىگە.

ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

ئىششىق ياندۇرۇش، تېرىنى يۇمران قىلىش، جاراھەت پۈتتۈرۈش، گۆش ئۈندۈرۈش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، تەرلەشنى توختىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئىچىنى توختىتىش، ھەر خىل چىقۇقلارنى ئورنىغا كەلتۈرۈش.

كۆپ تەرلەش، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىچ سۈرۈش، سوڭى چىقىپ قېلىش، بالىياتقۇ چىقۇقى، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك جامى ياللۇغى، سۈت بېزى ياللۇغى، سوزۇلما خاراكتېرلىك يارا، ھەر خىل ئىششىق، ئۇزۇنغىچە ئېغىز ئالمىغان غەلۋىرەك، ھەيز توختاپ قېلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. كەتىراچىنىدىن 15 گىرام، قانتېپەر 9 گىرام، 6 گىرام پەرپىيون بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ ئىچسە، سوڭى چىقىپ قېلىش ۋە بالىياتقۇ چىقۇقىغا پايدا قىلىدۇ.

2. كەتىراچىنىدىن 15 گىرام ئېلىپ، 15 گىرام كەرەپشە ئۇرۇقى، 5 دانە چوڭ چىلان قوشۇپ قاينىتىپ ئىچسە، يەڭگىل ئىششىقلارنى ياندۇرىدۇ.

15 ~8 گىرام.

ئۈچەيدە توسۇلۇش پەيدا قىلىدۇ.

بادام يېغى.

كەتىرا.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالتاي، ئاقسۇ، تارباغاتاي رايونلىرىدىن چىقىدۇ.

شەربىتى ئەنجىباھار.

شىنجاڭدىن چىقىدىغان بىر خىل كەتىرا دەرىخى بولۇپ، ئۇزۇندىن بېرى بۇ دەرەخنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىپ ئادەتلىنىپ كېلىنگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#