دون.جونسون

دون.جونسون

دون.جونسون 1972-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتى خايۋارد شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئامېرىكا ھوللېۋود ئارتىسى، كەسپىي چېلىشچى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى دون.جونسون
باشقا نامى قورام تاش جونسون
يۇرتى كالىفورنىيە شىتاتى خايۋارد شەھىرى
يۇلتۇز تۈركۈمى سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمى
بەدەن ئېغىرلىقى 118kg
خەنزۇچە ئاتىلىشى 道恩·强森
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1972-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى
بوي ئېگىزلىكى 195cm
كەسپى ئارتىس، كەسپىي چېلىشچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جونسون ئۆزگىچە ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، دادىسى بىلەن بوۋىسى دۇنيا كەسپىي چېلىشىش ساھەسىدە ئۇدا شەرەپكە ئېرىشكەن مەشھۇر شەخس.

ئۇ 20 ياشتىن ئاشقاندا پېنسىلۋانىيە شتاتىغا كۆچۈپ كېلىپ دىققىتىنى پۇتبولغا قاراتقان. ئۇنىڭ تۇغما تەنھەرىكەت روھى مىئامى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغاپ، تولۇق پۇتبول ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەن.[1]

دون.جونسونجونسون مىئامى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پۇتبول كوماندىسىغا كىرىپ 1991-يىلى تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە چېمپىيون بولغان.

كېيىن ئۇ يەنە92-،95- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، ھەمدە 95-نۆۋەتلىك نېبراسكا ئالىي مەكتىپى قوشما شىتات تېز يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ قىزغۇچ سېرىق چىنىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ پۇتبول ھاياتىغا خاتىمە بەرگەن.

1999- يىلى «قورام تاش» تەكلىپكە بىنائەن كىنو - تېلېۋىزىيە ئېكرانىدا كۆرۈنۈشكە باشلىغان.

2000- يىلى، ئۆزىنىڭ تەرجىمالى « گىگانت تاش شۇنداق دەيدۇ» ناملىق كىتابى شەرەپ بىلەن نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىگە بېسىلىپ بازارلىق كىتابقا ئايلانغان.

2001- فىلىم «مومىيانىڭ قايتىپ كېلىشى» دىكى مىسىر چايان شاھىنىڭ رولىنى ئېلىپ «چايان شاھى» دا رول ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم كىنولاردا باش رول ئېلىشى ھېسابلىنىدۇ.

دون.جونسون2011 -يىلى 4-ئايدا جونسون ئەسەبىي چېلىشىش چوڭ چامباشچىلىق سەھنىسىگە قايتىپ كېلىپ ئۆزىنىڭ كەسپىي چېلىشچىلىقىنى داۋاملاشتۇرغان.

2013-يىلى ئۇ رول ئالغان «ئالاھىدە قىسىم 2 : ئومۇميۈزلۈك قايتۇرما زەربە بېرىش» بىلەن «سۈرئەت ۋە قىزغىنلىق 6» ئىلگىرى كېيىن بولۇپ قويۇلغان.

2016-يىلى 8-ئايدا، ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق ئىقتىساد ژۇرنىلى «فوربىس»دا ئېلان قىلغان دۇنيادىكى ئون چوڭ ئەڭ يۇقىرى كىرىملىك ئەر چولپان جونسون 6450 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 500 مىليون شياڭگاڭ پۇلى) ئارقىلىق، 2016-يىلى بايلىق سۈمۈرۈش كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئەر چولپان بولغان.

2001-يىلى، كىنو «موميا قايتىپ كەلدى»دە تۇنجى رول ئالغان.

2002-يىلى، باش رول ئالغان ھەرىكەتلىك فىلىم «چايان».

2013-يىلى، «ئالاھىدە قىسىم 2: ئومۇميۈزلۈك قايتۇرما زەربە بېرىش» ۋە «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات 6»دە باش رول ئالغان.

دون.جونسون2015-يىلى 4-ئايدا، «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات 7»دە باش رول ئالغان.

5-ئاينىڭ 19-كۈنى ھوللېۋودتىكى TCL جۇڭگو تىياتىرخانىسى ئالدىدا بارماق ئىزىنى قالدۇرغان.

«قىيامەت كۈنى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش»دە باش رول ئالغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#