رۈيگەي

سىكا كۈيى بىلەن روك سىتەدى كۈيىنىڭ يىغىندىسى بولغان يامايكا ئاممىباپ كۈيلىرىنى رۈېگەي كۈيلىرى دېسىمۇ بولىدۇ. ئەمىلىيەتتە، روك سىتەدى بىلەن رۈيگەي ئوتتۇرسىدا ئىنىق چىگرا بولمايدۇ. كېيىنكىسى ئالدىنقىسىنى تولۇقلاپ كەلگەن بولۇپ، رۈيگەيدا ئېلىكتىرۇنلۇق سازلار ئارقىلىق خەلىقئارالاشقانلىق سەۋەنلىكتۇر. ئەگەر سىكا كۈيى ئامېرىكا كۈيلىرىنىڭ تەسىرى ئارقىلىق لاتىن ئامېرىكا كۈيلىرى شەكىللەنگەن دىسە، لېكىن رۈيگەي كۈيلىرى تەرەققى قىلىپ ياۋروپا ۋە ئامېرىكا كۈيلىرىنىڭ تەسىرىدە راۋاجلانغان دېسىمۇ بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى رۈيگەي
ئىنگلىزچە نامى Reggae
شەكىللەنگەن ۋاقتى 1968-يىلى
تىپىك ۋەكىلى BobMarley
خەنزۇچە نامى 雷鬼音乐
باشقا نامى 雷吉
مەنبەسى يامايكا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

رۈيگەيسىكا كۈيى بىلەن روك سىتەدى كۈيىنىڭ يىغىندىسى بولغان يامايكا ئاممىباپ كۈيلىرىنى رۈېگەي كۈيلىرى دېسىمۇ بولىدۇ. ئەمىلىيەتتە، روك سىتەدى بىلەن رۈيگەي ئوتتۇرسىدا ئىنىق چىگرا بولمايدۇ. كېيىنكىسى ئالدىنقىسىنى تولۇقلاپ كەلگەن بولۇپ، رۈيگەيدا ئېلىكتىرۇنلۇق سازلار ئارقىلىق خەلىقئارالاشقانلىق سەۋەنلىكتۇر. ئەگەر سىكا كۈيى ئامېرىكا كۈيلىرىنىڭ تەسىرى ئارقىلىق لاتىن ئامېرىكا كۈيلىرى شەكىللەنگەن دىسە، لېكىن رۈيگەي كۈيلىرى تەرەققى قىلىپ ياۋروپا ۋە ئامېرىكا كۈيلىرىنىڭ تەسىرىدە راۋاجلانغان دېسىمۇ بولىدۇ.

رۈيگەي نامىنىڭ كىلىپ چىقىشى

رۈيگەيرۈيگەي ئىسمىنىڭ كىلىپ چىقىشى يامايكىدىكى بىر كوچىنىڭ ئىسمى بۇلۇپ، مەنىسى تۇرمۇشتىكى بەزەن بىر ئۇشاق-چۈشەك ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ. دەسلەپكى رۈيگەي بولسا كوچىلاردا قالغان نامرات كىشىلەرنىڭ نامايىش كۆتۈرگەندە ئېيتىدىغان قوشاقلىرى ئىدى، شۇڭلاشقا تېكىسلىرى جەمىيەت ئىنقىلابى كۆرىشى بولمىسا، كىشىلەرنى ھاياجانلاندۇرىدىغان سۆز ئىبارىلەر ئىدى. شۇڭا تېكىسلىرى ئىنتايىن ئۆتكۈر ھەم جەمىيەتنى ئاچىق قامچىلايدىغان سۆزلەر ئىدى.

ئەلۋەتتە ھەممە تېكىسى بۇنداقلا چۈشكۈن ئەمەس بولۇپ، بەزىلىرىدە ئادىللىق، ئارزۇ ئارمانلار ھەم ئۇلۇغ مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن ئىدى. 1960-يىللارغا كەلگەندە يامايكىدا رۈيگەي كۈيى ئىتايىن مودا بولۇپ تارقىلىدۇ، ھەمدە مودا بولۇپ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، دېسكوخانلاردا ئەۋجە ئالىدۇ، بىر قىسىم د ج لار ئۇنىڭ تەركىبىگە رەپ ئارلاشتۇرۇم، ئۇنىڭ رېتىمىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۋېتىدۇ.

كۈينىڭ مەنبەسى

رۈيگەيرۈيگەي كۈيىنىڭ مەنبەسى 1968-يىللىرىنىڭ ئەتراپى يامايكىدا شەكىللەنگەن، سەۋەبى 60-يىللاردا ئامېرىكا كۈيچىلىكى ناھايىتى ئاجىز بولغاچقا نۇرغۇن سازەندىلەر يۇرتلىرىنى تاشلاپ، ئىلھام ئىزلەش ئۈچۈن بىر قىسمى يامايكىغا كېلىدۇ. بۇ چاغدىكى يامايكىدىكى كۈيچىلەر بولسا چىگرا ئىچىدىلا ناخشىلىرىنى ئېيتىپ يۈرگەن بولۇپ، بۇ ئامېرىكىدىن كەلگەن كۈيچىلەر ئۇلارغا نىسبەتەن كۈيلىرىنىڭ سۈپىتىنى كۈتۈرۈشكە پايدىلىق بىر قىسمى بولۇپ قالىدۇ. يەرلىك خەلىقنىڭ قوقماي قىلىدىغان ئىجاتچانلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ سىرتىن كەلگەن يېڭى ئېقىمنى قوبۇل قىلالىشى، كېيىنكى كۈيلەرنىڭ تەرەققى قىلىشىغا پۇختا ئاساس سېلىپ بېرىدۇ.

60-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىغا بارغىچە يامايكىدا ئاللىبۇرۇن سىكا كۈي ئېقىمى شەكىلىنىپ بولغان بولۇپ، رۈيگەينىڭ سىمالىرى كۆرۈنۈپ بولغان ئىدى. لېكىن بۇ كۈينىڭ رېتىمى ئىنتايىن تېز بولغاچقا، كېيىن روككى سىتاندىغا ئۆزگۈرىدۇ، بۇ كۈي ئېقىمى سىكادىن ئاستا. مۇشۇنداق ئۆزگۈرۈش جەريانىدا 68-يىلغا بارغاندا رۈيگەي كۈيى رەسمى شەكىللەنگەن.

كۈينىڭ شەكلى

رۈيگەي كۈيى ئافرىقىنىڭ قەدىمى رېتىملىرى، ئامېرىكىنىڭ بىروس ھەمدە يامايكىنىڭ خەلىق ئاھاڭلىرى مۇجەسەملەنگەن بۇلۇپ، بۇنداق ئېقىمدا رېتىمنىڭ قاتتىق ئۇدارلىرى كەمەيتىلگەن، ئۈستىگە ئۇرۇلغان گىتتار ئاكورتى جانلاندۇرۇلغان ھەمدە ئادەم ئاكورتلىرى تېخىمۇ موللاشتۇرۇلغان ئىدى. تېكىسلىرىدا بولسا جەمىيەت، سىياسەت ھەمدە ئىنسانپەرۋەرلىك تېما قىلىنغان ئىدى.

رۈيگەي دەسلەپتە يامايكا ئاممىباپ كۈيى بولۇپ، ئۇنىڭدا بىروس كۈيى بولۇپ قالماستىن، بەلكى لاتىن كۈيلىرىنىڭ قىزغىنلىقى مۇجەسەملەنگەن ئىدى. رۈيگەيدا ناخشا قىسمى ئاساسلىق ئورۇندا بۇلۇپ، مەيلى ئاساسلىق ناخشا ياكى ئاكورتلىق ئوپچا ناخشا بولسۇن، قوشاق ئۇسلۇبىدا ئىلىپ بېرىلاتى، ھەمدە گىتتار، تەپلىۋاز، ئېلىكتىرونلۇق رىيال ياكى باشقا سازلار ئاساسلىق مىلودىيە ئورۇندا ئىشلىتەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن باس گىتتار ناھايىتى مۇھىم سالماقنى ئىگەللەيتى. رۈيگەينىڭ رېتىمى 44 ئۇدار بولۇپ، قاتتىق ئودار 2 ياكا 4-ئۇداردا بولاتى. شۇڭا دۇمباق قىسمىدىن ئۇدارنىڭ ئىنىق ھەم مۇقىم مىلودىيەلىكلىكىنى ھىس قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ رېتىم بىر خىل ئىزلەڭگۈ تۇيغا ئاتا قىلىدۇ.

رۈيگەيبوب مارلېي بىلەن ئۇنىڭ كۈي ئەتىرتى رۈيگەي كۈيىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، كىنولارنىڭ مۇزىكا قېتىلىشى تۈرتكىسىدە رۈيگەي ئامېرىكىغا بارىدۇ، ھەمدە ئاقتەنلىكلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ. روك كۈي ھەم رەپ لەرنىڭ ئارىسىدىن رۈيگەينىڭ سىمالىرىنى ئۇچراتقىلى بولاتتى، بوب مارلېي ئۆلگەندىن كېيىن رۈيگەي كۈيى ئاستا ئاستا سوۋۇشقا باشلايدۇ، رەپ بىلەن رۈيگەينىڭ بىرىكىشى ئارقىسىدا يېڭى بىرخىل تۈس بىلەن قايتا دۇنياغا قەدەم قويىدۇ. بۇ خىل دوب ياكى تاستىڭ دىگەن كۈي شەكلى رۈيگەي كۈيىگە يېڭى ھايات ئاتا قىلىدۇ. بوب مارلېينىڭ ئوغلى زىگى مارلېي دەل مۇشۇنداق كۈينىڭ مەھسۇلى ئىدى.

گەرچە رۈيگەي كۈي 60-يىللاردا شەكىللەنگەن بولسىمۇ، لېكىن يەرلىككىلا مەنسۈپ ئىدى، 72-يىل (ئارال شىركىتى) نىڭ تارقىتىشى ئارقىسىدا، بۇ يامايكىلىقلار ئىلغار بولغان ئېلىكتىرونلۇق ساز ۋە ئۈن ئىلىش ئۈسكىنلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۈيلىرى خەلىقارالىشىدۇ ھەم بازاغا يۈزلىنىدۇ.

رۈيگەيبوب مارلېي: ئېيتىلىشىچە بوب مارلېي رۈيگەينىڭ ئاتامانى دىيىشەمىش، ئۇنىڭ كۈيلېرى ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن كىشىلەر ئارىسىدا تارقالغان ھەم ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. ئاڭلاۋاتقىنىمىز ئۇنىڭ «بىر سۆيگۈ كۈيى».

يۇ بى 40 : ئەنگلىيەدىكى مانچىستېردىن چىققان، رۈيگەي كۈيىنى تارقىتىشتا ئۇلارمۇ زور كۈچ چىقارغان. يەنە بەزەنلەر ئۇلارنى رۈيگەي ئاتامانى دىيىشەمىش.                            

ئىچكى ئايلانما كۈي ئەتىرتى: ئۇلارنىڭ نام چىقارغان كۈيى (تەر)، بىر ئاڭلاشتىلا ئۇلارنىڭ ساپ رۈيگەي كۈيى ئىكەنلىگى چىقىپ تۇرىدۇ.

بۇلار بىلەن بىللە يەنە پىتىر توش، سىتىۋى ۋاندىر، داۋىت بوۋى، ئېرىك كىلاپتون، بوب دايلىن ۋە سېتىڭ ھەممىسى رۈيگەينىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرغان ناخشىچىلاردۇر. 80-يىللاردىن كېيىن رۈيگەي كۈيى جۇڭگوغا كەلگەن، ھەمدە نۇرغۇن ئەسەرلەرمۇ بارلىققا كەلگەن.

گەرچە ئاز سانلىق يامايكىلىق كۈيچىلەرنىڭ كۈيلېرى دۇنيا تارقالغىلى بىلەن، لېكىن ئۆتكەنكى 20 نەچچە يىلدا رۈيگەي كۈيىنىڭ باشقا ئېقىمدىكى مۇزىكىلارغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن زور بولغان. ئاساسى ئېقىم بولغان روك كۈيچىلەردىن ئېرىك كىلاپتوندىن سىتونىسقىچە ھەم كلاشتىن ئاۋگىسقىچە رۈيگەي كۈيى ئۇلارنىڭ كۈيلىرىگە ئېقىپ كىردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغىنى يەنىلا دېسكو ئىدى.

ناۋا پىروگراممىسىنىڭ 15-سانىدىكى قەيسەرنىڭ «تاڭ شامىلى» دىگەن ناخشىسى دەل ئۇيغۇرلاردىكى تۇنجى رۈيگەي ئۇسلۇبىدىكى ئىجادىيەت.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئوكيان قامۇس تورى 

http://qamus.okyan.com/index.php?doc-view-1571

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#