ئۆتكۈر خارەكتېرلىك قورساق پەردە ياللۇغى

ئۆتكۈر قورساق پەردە ياللۇغى

ھەرخىل سەۋەبلەردىن قورساق پەردىسى ئۆتكۈر ياللۇغلىنىپ، كلىنىكىدا قورساق ئاغرىش، قىزىش، جۇغ-جۇغ پەيدا بولۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، قورساق مۇسكۇلى جىددىيلىشىش، قورساق كۆپۈش، شوك بولۇپ ھوشسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

ئۆتكۈر قورساق پەردە ياللۇغى ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «ۋەرەمى بارىتون شەدىد» دەپ ئاتىلىدۇ.


غەرب تېبابىتى نامى ئۆتكۈر قورساق پەردە ياللۇغى
تەۋە بۆلۈم ئىچكى بۆلۈم
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ
خەنزۇچە نامى 急性腹膜炎
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. قورساق بوشلۇقىدىكى ئەزالارنىڭ تېشىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئاشقازان ئون ئىككى بارماي ئۈچەي يارىسى تېشىلىش، ئۆت خالتىسى يېرىلىش ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى يېرىلىش، سازاڭسىمان ئۆسۈكچىنىڭ يېرىلىشى، ئۈچەي توسۇلۇش، ئۈچەي سىلى تەسىرىدىن ئۈچەينىڭ تېشىلىشى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن ئۈچەي، ئاشقازان، ئۆت خالتىسى ۋە ئاشقازان ئاستى بەز ئىچىدىكى يات ماددىلار قورساق بوشلۇقىغا يامراپ، قورساق پەردىسىنى يۇقۇملاندۇرۇپ، قورساق پەردە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. قورساق بوشلۇقىدىكى ئەزالاردا يۈز بەرگەن ياللۇغىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

جاراسىملىق تولغاق، ئۈچەي كېزىكى، ئۈچەي سىلى، سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى، تۇخۇم توشۇش نەيچە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەردە ياللۇغلۇق سىرغىتما ماددىلار قورساق پەردىسىنى غىدىقلاپ يۇقۇملاندۇرۇپ، قورساق پەردە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. ھەرخىل سىرتقى زەخىملىنىش ۋە ئوپېراتسىيە جەريانىدىكى دىققەتسىزلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

قورساققا زەربە تېگىش، يېقىلىش، ئۈرۈلۈش ۋە باشقا نەرسىلەر كىرىپ كېتىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن قورساق پەردىسى زەخىملىنىپ، ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بىمار قىزىيدۇ، جۇغ-جۇغ پەيدا بولىدۇ، قورساق كۆپىدۇ، كۆڭلى ئېلىشىپ، قۇسىدۇ، قورساق مۇسكۇلى جىددىيلىشىدۇ، قورساق كۈچلۈك ئاغرىيدۇ، سوغۇق تەرلەيدۇ، تومۇر ھەرىكىتى تېزلىشىدۇ، سۇسىزلىشىدۇ، مۈچىلە سوۋۇپ، شوك بولۇپ ھوشسىزلىنىدۇ ھەمدە ئەسلىي كېسەللىكنىڭ ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

قورساقنى باسقاندا ئاغرىيدۇ، چېكىپ تەكشۈرگەندە بوغۇق تاۋۇش ياكى ئۇيۇل تاۋۇش ئاڭلىنىدۇ، تۇتۇپ تەكشۈرگەندە سۇيۇقلۇق تەۋرىنىش سېزىمى بولىدۇ.

1. تىپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

قورساق ئاغرىش، قىزىش، جۇغ-جۇغ پەيدا بولۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، قورساق مۇسكۇلى جىددىيلىشىش، قورساق كۆپۈش، شوك بولۇپ ھوشسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرى، ئاشقازان، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى، ئۆت خالتا ياللۇغى، ئاشقزان ئاستى بەز ياللۇغى، سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى، ئۈچەي سىلى قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ.

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

1) قان رايى تەكشۈرۈش: ئاق قان ھۈجەيرىلىرى ۋە نىتروفىل ھۈجەيرىلەر يۇقىرىلايدۇ.

2) قورساق سۈيىنى تەكشۈرۈش: تەكشۈرگەندە كېسەل كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى جاراسىملار چىقىدۇ.

3) رېنتگېندە تەكشۈرۈش. ئاشقازان ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسىدا قورساق بوشلۇقىدا ئەركىن ھاۋا بولىدۇ. ئۈچەي كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، ئۈچەي كېسەللىكلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە قورساق پەردىسى چاپلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

1. سوزۇلما سىل خاراكتېرلىك قورساق پەردە ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

سوزۇلما سىل خاراكتېرلىك قورساق پەردە ياللۇغىدىن ئىلگىرى ئۆپكە سىلى، كۆكرەك پەردە سىلى كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولۇش، سىلدىن زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈنەرلىك بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

2. سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىدا دەسلەپتە يۇقىرى قورساق قىسمى ئاغرىپ، كېيىن تەدرىجىي ئوڭ تەرەپ تۆۋەنكى قورساق قىسمىغا مەركەزلىشىش، ئوڭ تەرەپ تۆۋەنكى قورساق قىسمىنى باسقاندا ۋە بېسىپ قويۇپ بەرگەندە، ئاغرىق كۈچىيىپ كېتىش ئالاھىدىلىكىە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

1. قورساق قىسمىدىكى ئەزالارنىڭ ياللۇغلىنىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ كېسەللىككە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ سەۋەبى يوقىتىلىدۇ.

2. سىپازمىنى بوشىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

3. توسالغۇلارنى ئىچىش، قورساق ئىچكى بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

4. قورساق قىسمىدىكى ئەزالار تېشىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا ياكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى قورساق قىسمىغا تەرەققىي قىلغان بولسا قورساقتىكى سۇ ۋە چىقىرىندى ماددىلار بەك كۆپىيىپ كەتكەن بولسا ئوپېراتسىيە قىلىنىدۇ.

قورساق پەردە ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ دىئاگنوزى مۇقىمدالغاندىن كېيىن ئاغرىق پەسەيتىش، سىپازمىنى بوشىتىش مەقسىتىدە خەشخاش شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن، ھەببى شىپا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 3~2 دانىدىن، ھەببى بەزىرولبەنجى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا بىر دانىدىن، ھەببى ئەپيۈن كۈندە ئىكى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا بىر دانىدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

ياللۇغ قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، ئەرقى چۆبچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن، ئۆشبە شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن، نېلۇپەر شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ەر قېتىمدا 40 مىللىلىتىردىن، مەجۇنى ئۆشبە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، مەجۇنى چۆبچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.

شۇمشا، سۇمبۇل، زىغىر، كاللەك بەسەي سۈيى 20 گرامدىن، مىئەسائىلە، بابۇنە، مۇقەل، ئەفسەنتىن، زاراڭزا مېغىزى 10 گرامدىن، ئاق موم، كالا پاچاق يىلىكى بەش گرامدىن، زەيتۇن يېغى، تۇخۇم يېغى بەش مىللىلىتىردىن، زەپەر ئىككى گرام ئېلىپ، يېلىم دورىلار ۋە ياغلاردىن باشقا دورىلارنى قاينىتىپ، سۈيىدە يېلىم دورىلارنى ئېرىتىپ ئاخىرىدا ياغنى قويۇپ، قايتىدىن قاينىتىپ، سۈيى پارغا ئايلىنىپ يېغى قالغاندا توختىتىپ، زىماد تەييارلاپ سىرتىدىن چېپىلىدۇ.

مۇۋاپىق مىقداردىكى زىغىرنىڭ لۇئابىنى چىقىرىپ، داكىغا مىلەپ، قورساق ساھەسىگە قويۇلىدۇ.

توسالغۇلارنى ئىچىش، قورساق ئىچكى بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

بۇزۇرى شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن، ئەرقى بەدىيان كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 70 مىللىلىتىردىن، ئەرقى كاسىنە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

شۇمشا 15 گرام، زىرىق، بابۇنە 12 گرامدىن، خىيارشەنبەر 45 گرام ۋە 20 گرام ئېلىپ، قاينىتىپ ياكى شىرنىسىنى چىقىرىپ كلىزما سۇيۇقلۇقى تەييارلاپ ئىلىمان ھالەتتە كىلىزما قىلىنىدۇ.

قورساق قىسمىدىكى ئەزالارنىڭ تېشىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا ياكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى قورساق قىسمىغا تەرەققىي قىلىپ قورساقتىكى سۇ ۋە چىقىرىندى ماددىلار كۆپلەپ توپلىشىپ قالغاندا قورساقنى يېرىپ، سۇ ۋە چىقىرىندى ماددىلارنى چىقىرىۋېتىش ۋە تېشىلگەن ئەزالارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئوپېراتسىيە قىلىنىدۇ.

كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن ھەزىمنى ياخشىلاش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە جاۋارىش ئامىلە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش ئەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15گرامدىن، جاۋارىش مىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، مەجۇنى ئامىلە نۇشىدارى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش جالىنۇس كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=831

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#