توكيو تارىم رېستورانى

«توكيو تارىم ئۇيغۇر رېستورانى» قۇرۇلغان تۆت يېرىم يىلدىن بۇيان، ياپونىيەگە ئۇيغۇر تائاملىرى شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتا بەلگىلىك رول ئويناپ كەلدى.

ئۇيغۇرچە نامى توكيو تارىم رېستورانى
باشقا نامى توكيو تارىم ئۇيغۇر رېستورانى
قۇرغۇچىسى سىراجىدىن كېرەم
خەنزۇچە نامى 东京塔里木餐馆
قۇرۇلغان ۋاقتى 2010-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سىراجدىن ياپونىيەگە تۇنجى قەدەم باسقان چاغلىرىدا، يېمەك-ئىچمەكتىن بەكمۇ قىينىلىدۇ. چۈنكى ياپونىيە مۇسۇلمان دۆلىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار يېگىلى بولىدىغان ھالال يېمەكلىكلەرنى ئالدىراش ئوقۇش ۋە ئىشتىن سىرتقى ئىشلەش تۇرمۇشىدا ئاسانلا تېپىپ يېگىلى بولمايتتى. ئۇ باكلاۋۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان ۋە خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاقىتلاردا، ياپونىيە يىپەك يولى كۇلۇبىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ. لېكىن بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ئەڭ كۆڭلى يېرىم بولغىنى، كۆپ ساندىكى ياپونلۇقلار جۇڭگودىكى ئۇيغۇر مىللىتىنى تېخى بىلىپ كەتمىگەنلىكى بولىدۇ. ياپونلۇقلارنىڭ بەزىلىرى «سىز موڭغۇل مىللىتىمۇ؟ » دەپ سورىسا، بەزىلىرى ھەتتا نېمە سورىشىنىمۇ بىلمەيتتى. شۇ چاغدا ئۇ نېمە ئۈچۈن بىزدەك شۇ موڭغۇللارغىمۇ نۇرغۇنلىغان مەدەنىيەتلەرنى ئۆگەتكەن بىر ئۇيغۇر مىللىتىنى دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بۇنداق بىر كۈچلۈك تەرەققىي قىلغان دۆلەت كىشىلىرىنىڭمۇ بىلمەيدىغانلىقى ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ ۋە قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇيغۇر مىللىتىمىزنى چوقۇم بۇلارغا ۋە دۇنياغا تونۇشتۇرۇش كېرەك دەپ ئويلاپ، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق مىللىي مەدەنىيەت ئېلېمېنتلىرى بولغان، ئۇيغۇر تائاملىرى، ئۇيغۇر گۈزەل-سەنئەت بۇيۇملىرى، ناخشا-ئۇسسۇلى ۋە ساز-مۇزىكىلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان ۋە ئۇيغۇر–ياپون مەدەنىيەت ئالماشتۇرىدىغان، ھەمدە ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرىدىغان بىر مەيدان ھازىرلاش كېرەكلىكىنى ئويلاپ يېتىدۇ ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيەگە كېلىدىغان ئىنى-سىڭىللىرىغا يېمەك- ئىچمەك جەھەتتىن قولايلىق يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە خىزمەتلىرىگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلىشنى نىشان قىلىپ، ئۆز ئانا يۇرتىمىزنىڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان رېستوران ئېچىش قارارىغا كېلىدۇ.

2010-يىلى ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدىكى دۇنياغا مەشھۇر ئىختىساسلىقلار ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولغان شىنجۇكۇدا «يىپەك يولى تارىم رېستورانى» قۇرۇلىدۇ. ئاشخانا غوجايىنى ئاقكۆڭۈل، چىقىشقاق، سۆزمەن ئۇيغۇر يىگىتى سىراجىدىن كېرىم بولۇپ، ھازىر بۇ ئاشخانا ياپونلۇقلارنىڭ، ياپونىيەدىكى ئوقۇش ۋە خىزمەتتە بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ۋەتەندىن ياپونىيەگە ساياھەتكە كېلىپ كېتىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ غىزالىنىش مەركىزىگە ئايلىنىپتۇ. بۇ ئاشخانىغا ۋەتەندىن كۆپلىگەن ئادەملەر كېلىدىغان بولۇپ، داڭلىق زىيالىيلاردىن ئازاد سۇلتان، كارخانىچىلىرىمىزدىن كېرەم ئاتۇش، ناخشىچىلىرىمىزدىن ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، ئەركىن ئابدۇللا، شاڭخەيدە داڭ چىقارغان گىتار ماھىرى ئىكرام قاتارلىقلار قەدەم تەشرىپ قىلغان. بۇ ئاشخانا شىنجۇكۇدىكى توكيو ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ يېنىغا ئورۇنلاشقان بولۇپ، ئۇنى ئىزدەپ تېپىش بەكمۇ قۇلايلىق ئىكەن. مەن بۇ ئاشخانىنىڭ توكيودا داڭ چىقارغانلىقىنى ئامېرىكادا تۇرغان ۋاقتىمدا بىلگەن ئىدىم. بۇ قېتىمقى مېنىڭ ياپونىيەگە قاراتقان تەتقىقات ۋە ساياھەت سەپىرىمدە بۇ ئاشخانىغا بېرىپ تاماق يېيىش ۋە ئۇنىڭ غوجايىنى بىلەن ئۇچرىشىپ پاراڭلىشىش پۇرسىتى بولدى. 

رېستوران ئېچىلغاندىن بېرى، سىراجىدىن كېرەم رېستورانىڭ ئاشپىزى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ۋە ئەڭ چوڭ ياردەمچىسى، شېرىكى بولغان غوپۇرجان ئەخمەت ئۇستام، شۇنداقلا رېستورانىدا ئۆز ئوقۇشىدىن سىرت ئىشلەپ كەلگەن خىزمەتچى ئىنى-سىڭىللىرى بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر تائاملىرىنى ياپونىيەلىكلەرگە تونۇشتۇرۇپ، يۇرتىمىز، شۇنداقلا مىللىتىمىزنىڭ قۇۋۋەتلىك ۋە سەرخىل تائام مەدەنىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ. سىراجدىن ئۇكام مۇنداق دەيدۇ: «رېستوران ئېچىلىشتىن بۇرۇن ۋە تا ھازىرغىچە مېنى ئەڭ قوللاپ كەلگەن ئۆمۈرلۈك ھەمراھىم مېھراي ئابدۇشۈكۈر ياپونغا كېلىپ تېببىي ساھەسىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان بولسىمۇ، ئۆز كەسپىدىن ۋاز كېچىپ، ئائىلىنىڭ ۋە ئۈچ بالىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ، شۇنىڭدىنمۇ ئېشىنىپ رېستوراننىڭ ئىشلىرىغىچە يېتىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ رېستوراننىڭ ھازىرغىچە گۈللىنىپ، تەمىنىڭمۇ يۇرتتىكى ئۆز تەمى بويىچە ساقلىنىپ كەلگەنلىكىمۇ يۇرتىمىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىڭ تائاملارغا كېتىدىغان ئاساسلىق خۇرۇچ ۋە تېتىتقۇلارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا پوچتا ئارقىلىق تەمىنلەپ بېرىۋاتقانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، رېستورانىمىزغا سەنئەت جەھەتتىن تالانتى بار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە خىزمەتچى قېرىنداشلىرىمىزنى تەكلىپ قىلىپ، ھەرخىل سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن ياپونلۇق ۋە ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا مەدەنىيىتىمىزنى تېخىمۇ بېيىتقان ھالدا تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشتۇق. رېستورانىمىزغا كەلگەن ھەربىر ياپونلۇق دوستلىرىمىزمۇ بىزنىڭ بۇ مۇلازىمىتىمىزدىن خۇرسەن بولدى ۋە رېستورانىمىزنىڭ سودىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە يېقىندىن ياردەمدە بولدى.»

ئۇيغۇر يىپەك يولى تارىم رېستورانى ئېچىلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ياپونىيەنىڭ داڭلىق تائام ئۇچۇرلىرى توربەتلىرىدە تونۇشتۇرۇلۇپ، ئېچىلىپ بەش ئايدىن كېينلا 190 مىڭ ئادەم ئەزا بولغان «غىزا ئىزدەش» تائام ئۇچۇرلىرى تور بېتىدە «ئەڭ ياخشى رېستوران» دېگەن تەقدىرنامىگە ئېرىشكەندىن سىرت، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىدىن TBS تېلېۋىزىيىسى، TV TOKYO تېلېۋىزىيىسى، TOKYO MX تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنىمۇ قوبۇل قىلىپ، ھەر تۈرلۈك مېدىيا ۋاسىتىلىرىدە كەڭ تونۇشتۇرۇلۇپ، ياپونىيە خەلقىگە ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى، شۇنداقلا مىللىي مەدەنىيىتىمىز كەڭ كۆلەمدە تونۇشتۇرۇلۇشىغا مۇيەسسەر بولدى. ھەمدە داڭلىق ژۇرناللاردىن Hanako ژۇرنىلى، GINZA ژۇرنىلى، PEN ژۇرنىلى قاتارلىق 13 ژۇرنال ۋە 4 گېزىتتە تونۇشتۇرۇلدى، توكيو ئەتراپىدىكى قوي گۆشى رېستورانلىرىدىن ئالدىنقى 60 نى تاللاپ تۈزۈلگەن «قوي گۆشى تائاملار رېستورانى قوللانمىسى» دېگەن كىتابقا ئالدىنقى سەككىزىنچى بولۇپ كىرگۈزۈلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ياپونىيەگە يېڭى ئوقۇشقا چىققان ھەمدە ساياھەتكە كەلگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا شارائىت ھازىرلىغاندىن سىرت، ياپونىيەدىكى ئوقۇش تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان، شۇنداقلا شىركەتلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خىزمەتداشلىرىغا ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشقا ۋە يېڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياخشى بىر مەيدان ھازىرلاپ بەردى.

«توكيو تارىم ئۇيغۇر رېستورانى» قۇرۇلغان تۆت يېرىم يىلدىن بۇيان، ياپونىيەگە ئۇيغۇر تائاملىرى شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتا بەلگىلىك رول ئويناپ كەلدى. بۇ جەرياندا رېستورانىمىز ھەر خىل گېزىت–ژۇرناللاردا، تېلېۋىزور قاتارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە تونۇشتۇرۇلۇپ كېلىنىۋاتىدۇ. رېستۇرانىمىز توكيو ئەتراپىدىكى قوي گۆشى رېستورانلىرىدىن ئالدىنقى 60 نى تاللاپ تۈزۈلگەن «قوي گۆشى تائاملار (رېستوران) نىڭ قوللانمسى» دېگەن كىتابقا كىرگۈزۈلۈپ، سەككىزىنچى ئورۇنغا تىزىلدى. تارىم رېستورانى بىزنىڭلا ئەمەس، ياپونىيەدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ رېستورانى.

سىراجىدىن ئۇكام ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئارزۇلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئارزۇيۇم ئۇيغۇر-ياپون دوستلۇق ئالاقىسىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن كۆۋرۈكلۈك رول ئويناش ۋە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر كارخانىچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئىقتىساد ئەندىزىسىنى يارىتىش ئۈچۈن، ياپون تەرەپتىكى ئىقتىسادىي ئۇچۇر، ئالاقە ۋاسىتىسى، تېخنىكا ئېھتىياجى بىلەن تەمىنلىگۈچى مەنبە بولۇپ، ئۇيغۇر تائاملىرىنى ئىسلاھات قىلىش، ئۈسكۈنىلەشتۈرۈشتۇر. بۇنىڭ ئىچىدە ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خېمىر تائاملىرى مەدەنىيىتى 3000 يىللىق تارىخقا ئىگە. لېكىن تا ھازىرغىچە قولدا ئىشلەپ كېلىۋاتىمىز، تېخى سانائەتلەشكىنى يوق. ياپونلارنىڭ خېمىر تائام مەدەنىيىتى گەرچە 1000 يىللىق تارىخقا ئىگەبولسىمۇ، 120 يىل ئىلگىرىلا ماشىنىلىشىپ، سانائەتلىشىپ بولغانىكەن. شۇڭا مەندە بىز نېمە ئۈچۈن ئىسلاھات ئېلىپ بارمايمىز دېگەن سوئال پەيدا بولدى. شۇ ۋەجىدىن ئىككى يىل بۇرۇندىن تارتىپ، ياپونىيەنىڭ لەڭمەن سوزۇش ماشىنىسىنى ئىزدەپ تاپتىم. بۇنى يۇرتقا ئاپىرىش ئۈچۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئىزدەپ، خېلى چوڭ كارخانىچىلار بىلەن كۆرۈشتۈم ۋە ياپونىيەگە تەكلىپ قىلدىم. لېكىن بۇ ئۈسكۈنىگە مەبلەغ كۆپ كېتىدىغان بولغاچقا، يارىتىدىغان ئىقتىسادىي قىممەت باشقا ساھەگە سالىدىغان مەبلەغدىن تۆۋەنرەك بولغانلىقتىن، بۇنىڭغا دادىللىق بىلەن مەبلەغ سالىدىغان كارخانىچىلار تېخى مەيدانغا كەلمىدى، ھازىرغىچە شۇنداق مەبلەغ سالغۇچىلارنى چاقىرىق قىلىۋاتىمەن!»

سىراجىدىن ئۇكامنىڭ يۇقىرىقىدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۇنىڭ ھەر خىل قىيىنچىلىقلاردىن قورقماي كېچە–كۈندۈز ئۆز مەقسەتلىرى ئۈچۈن تىنىمسىز تىرىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ياپونىيەدەك تەرەققىى قىلغان دۆلەتلەرنىڭ تېلېۋىزورى، ژۇرناللىرى ۋە گېزىتلىرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئاسانغا توختىمايدۇ. ئۇنى قىلالىدى دېگەنلىك قالتىس ماختاشقا تېگىشلىك ئىش دەپ قارايمەن. ئىنساندا كۈچلۈك غايە ۋە كۈچلۈك ئىرادە بولسا ھەرقانداق بىر تەس ئىشنىمۇ قىلىپ كېتەلەيدۇ. مەن ئۇيغۇرلاردىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىچىلارنىڭ ۋە مىليونېرلارنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاخىرىدا سىراجدىن ئۇكامنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سالامەت بولۇشىنى، خىزمەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ياپونىيەدە تارقىلىپ، ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنىڭ ياپونىيەدە تېخىمۇ كۆپ قۇرۇلۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن![0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئەلپىدا تورى

http://www.uchur.com/?act=view&id=5444

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#