كۇچا سۇيۇقئېشى

كۇچا  سۇيۇقئېشى ئاق ئۇن، سۇڭپىياز، تۇخۇم ، قارىمۇچ ، قوي گۆشى ، كاۋاۋىچىن ، دۈمبە ياغ ، جاڭيۇ ، شاخا، توغرىغا ، ئاچچىقسۇ ، سامساق، پالەك قاتارلىقلارنى خام-ماتېرىيال قىلىپ تەييارلىنىدىغان سۇيۇقئاشنىڭ بىر تۈرى بولۇپ،تەمى ئۆزگىچە ،رەڭگى چىرايلىق ،سىڭىشلىق ،قۇۋۋەتلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كېرەكلىك ماتېرىياللارئاق ئۇن بىر كىلوگرام، سۇڭپىياز ئىككى تال، تۇخۇم 12 دانە، قارىمۇچ بىر چىمدىم، قوي گۆشى 500 گرام، كاۋاۋىچىن بىر چىمدىم، دۈمبە ياغ 140 گرام، جاڭيۇ ئازراق، شاخا ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. توغرىغا ئازراق، ئاچچىقسۇ ئازراق، سامساق ئىككى باش، پالەك تۆت تۈپ. 

كۇچا سۇيۇقئېشى1. خېمىر ئېشى(سېرىق لەڭمەن) ياسىغاندەك ياسىلىدۇ. ( «سېرىق لەڭمەن» ) بابىغا قاراڭ. گۆشنى پىشۇرۇپ يالپاقلاپ توغراپ قويۇلىدۇ. شورپا قايناپ تۇرىدۇ.

2. ئىككى دانە تۇخۇمدا نېپىز پوشكال ياساپ، ئىنچىكە توغرىلىدۇ. قايناۋاتقان شورپىغا قوناقتەك چوڭلۇقتا توغرالغان دۈمبە ياغ، ئۇششاق توغرالغان سۇڭپىياز، سامساق، چوڭ-چوڭ توغرالغان پالەك، تۇز، سوققان كاۋاۋىچىن، ئازراق جاڭيۇ، ئاچچىقسۇ قۇيۇپ تەمىنى تەڭشەپ، خۇرۇچلۇق پىششىق شورپا تەييار

لىنىدۇ.

3. سېرىق لەڭمەننى ئىسىتىپ، چوڭقۇر تەخسىگە ياكى چىنىگە ئېلىپ، توغرالغان گۆشتىن بىر نەچچە ياپىلاق سېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنچىكە توغرالغان تۇخۇم پوشكىلىدىن ئازراق سېلىپ، تەييارلانغان خۇرۇچلۇق پىششىق شورپىدىن قۇيۇپ، سوققان قارىمۇچ سېپىپ تەييارلىنىدۇ. تۇخۇمنى قايناۋاتقان شورپىغا چېقىپ پۈتۈن پىشۇرۇپ ئېلىپ، ھەربىر قاچا ئاشقا بىردىن تۇخۇم سالسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#