ئاۋغۇست

ئاۋغۇست

قەدىمكى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ تۇنجى كورۇلى ئاۋغۇست تارىختىكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ بىرى. مىلادى 1-ئەسىردە، ئۇ رىم جۇمھۇرىيىتىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان ئىچكى ئۇرۇشنى باستۇرۇپ، رىم ھۆكۈمىتىنى قايتىدىن تەشكىللىدى. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىل ۋە ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنكى ئىككى ئەسىر، رىم جەمئىيىتى ئىچكى جەھەتتە تىنچ ۋە گۈللەنگەن ئالتۇن دەۋر ئىدى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئاۋغۇست
باشقا نامى 盖乌斯·屋大维·图里努斯
تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادىدىن بۇرۇن 63 - يىلى
كەسپى پادىشاھ
خەنزۇچە ئىسمى 奥古斯都
دۆلەت تەۋەلىكى قەدىمكى رىم
ۋاپات بولغان ۋاقتى مىلادى 14-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاۋغۇستقەدىمكى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ تۇنجى كورۇلى ئاۋغۇست تارىختىكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ بىرى. مىلادى 1-ئەسىردە، ئۇ رىم جۇمھۇرىيىتىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان ئىچكى ئۇرۇشنى باستۇرۇپ، رىم ھۆكۈمىتىنى قايتىدىن تەشكىللىدى. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىل ۋە ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنكى ئىككى ئەسىر، رىم جەمئىيىتى ئىچكى جەھەتتە تىنچ ۋە گۈللەنگەن ئالتۇن دەۋر ئىدى. 

ئاۋغۇست مىلادىدىن 63 يىل بۇرۇن رىمدا تۇغۇلغان. ئەسلى ئىسمى كەيئۇس ئوكتاۋىئان ئىدى. ئوكتاۋىئان ياش مەزگىلىدە، رىمغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان يۇلىئۇس قەيسەر ئۇنى ئۆزىگە ۋارىس قىلىۋېلىش ئۈچۈن بېقىۋالىدۇ. مىلادىدىن 44 يىل بۇرۇن، قەيسەر سۈيىقەستكە ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن رىم قوشۇنلىرى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىپ، بىر قىسمى قەيسەرنىڭ يەنە بىر يېقىنى ئانتونىئوسنى قوللايدۇ؛ يەنە بىر قىسمى ئوكتاۋىئاننى قوللايدۇ. بىراق، ئانتونىئوس مىسىر ئايال پادىشاھى كلېئوپاترانىڭ ئىشقىدا كۈن بويى ئەيش-ئىشرەتكە بېرىلىپ كېتىپ، مىلادىدىن 31 يىل بۇرۇن ئاكتىئۇم ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولىدۇ. ئوكتاۋىئان بولسا بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىدۇ. ئانتونىئوس بىلەن كلېئوپاترا كەينى-كەينىدىن ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ. 

شۇنىڭ بىلەن 15 يىل ئالدىدا تېخى قەيسەرنىڭ قولىدا تۇرۇۋاتقان ھاكىمىيەت ئوكتاۋىئاننىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىچكى ئۇرۇش ئازابىدىن كىشىلەر تىنچلىققا تەشنا بولۇپ تۇراتتى، شۇڭا ئۇلار ئوكتاۋىئاننىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ، دۆلەتنى باشقۇرۇشنى قوللىدى. ئوكتاۋىئان نەزەر-دائىرىسى كارامەت كەڭ سىياسىئون ئىدى. ئۇ جۇمھۇرىيەتچىلەرگە بولغان دوستانىلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ بارلىق ۋەزىپىلىرىدىن ئىستېپا بېرىپ، جۇمھۇرىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى؛ ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئۆزنىڭ ئىسپانىيە، گاليا ۋە سۈرىيە قاتارلىق مەمۇرىي ئۆلكىلەرنىڭ ۋالىيلىق ئورنىنى ساقلاپ قالغانىدى، چۈنكى ئۇنىڭغا سادىق رىم ھەربىي قوشۇنلىرىنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ ئۆلكىلەردە ئىدى. ئوكتاۋىئانغا ھۈرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن، مىلادىدىن 27 يىل بۇرۇن رىم سېناتى ئۇنىڭغا «ئاۋغۇست» دېگەن نامنى بەردى. ئۇ پادىشاھلىق نامىنى ئىشلەتمىدى. شۇڭلاشقا رىم يەنىلا جۇمھۇرىيەت دەپ ئاتالدى. ئاۋغۇست پەقەت «بىرىنچى پۇقرا» ئىدى. ئەمەلىيەتتە، رىم سېناتى ئۇنىڭ بارلىق تەلىپىنى قاندۇرغانىدى. ئۇ ھايات ۋاقتىدا رىمغا ھاكىممۇتلەق بولغانىدى.

مىلادى 14-يىلى، ئاۋغۇست ۋاپات بولغاندا، رىم جۇمھۇرىيەتتىن ئىمپېرىيە تۈزۈمىگە ئۆتۈش باسقۇچىنى تاماملىغانىدى. ئۇنىڭ بېقىۋالغان ئوغلى ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىگە ئاسانلا ۋارىسلىق قىلدى. 

ئاۋغۇستئاۋغۇست كارامەت تالانتلىق ھۆكۈمران ۋە ھەقىقىي سىياسىئون ئىدى. ئۇ ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئېغىر جاراھەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ساقايتتى. 

ئاۋغۇست رىمغا 40 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ سىياسىتى رىمنىڭ كەلگۈسىگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، رىم قوشۇنلىرى ئىسپانىيە، شۋىتسارىيە، ئاناتولىيە ۋە بالقان يېرىم ئارىلىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنى ئىشغال قىلىۋالغانىدى. ئىمپېرىيىنىڭ شىمالىي چېگرىسى رېين دەرياسىدىن دوناي دەرياسىغىچە بولغان زېمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ چېگرا نەچچە ئەسىرگىچە داۋام قىلدى. 

ئاۋغۇست دۆلەتنى تۈزەشتە غايەت زور رول ئوينىغانىدى. ئۇ رىمنىڭ مالىيە ۋە باج تۈزۈمىنى تۈزۈپ چىقتى، ھەربىي قوشۇننى رەتكە سېلىپ چىقتى، قۇدرەتلىك دېڭىز ئارمىيىسىنى قۇردى، ئوردا ساقچى قىسىملىرىنى تەشكىللىدى. ئوردا ساقچى قىسىملىرى كېيىنكى چاغلاردا پادىشاھنى تاللاش ۋە تەختتىن چۈشۈرۈش ئىشلىرىدا مۇھىم رول ئوينىدى. 

ئاۋغۇست ھايات ۋاقتىدا نۇرغۇن يوللارنى ياساتقۇزدى، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، پايتەختى ياسىدى، رىم شەھىرىنى ئىبادەتخانا، ھەشىمەتلىك بىنالار قەد كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان گۈزەل بىر شەھەرگە ئايلاندۇردى. ئۇ يەنە قانۇن-پەرمانلارنى تۈزدى، كىشىلەرنى توي قىلىشقا، پەرزەنت كۆرۈشكە رىغبەتلەندۈردى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#