شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى

مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنىنى يولغا قۇيۇش چارىسى

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپ قانۇنى> نى يولغا قويۇش چارىسى» 2008-يىل 7-ئاينىڭ 31-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ئېلان قىلىغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى
باشقا نامى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى> نى يولغا قويۇش چارىسى»
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区义务教育实施办法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپ قانۇنى» نى يولغا قويۇش چارىسى

1988-يىل 5-ئاينىڭ 28-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنىدا ماقۇللانغان.

2008-يىل 7-ئاينىڭ 31-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىدا ئۆزگەرتىلگەن.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

(3-نومۇرلۇق)

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى> نى يولغا قويۇش چارىسى» 2008-يىل 7-ئاينىڭ 31-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ئېلان قىلىغان.

2008-يىل 7-ئاينىڭ 31-كۈنى

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ چارە ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مىللەتلەرنىڭ پەن-مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا ئاپتونوم رايون توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمىنى قانۇن بويىچە يولغا قويىدۇ.

مەجبۇرىيەت مائارىپى دۆلەت بىر تۇتاش يولغا قويغان، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەممىسى جەزمەن قوبۇل قىلىدىغان مائارىپ، دۆلەت جەزمەن كاپالەتلەندۈرىدىغان جامائەت پاراۋانلىق ئىشىدۇر.

مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ئوقۇش پۇلى ۋە پارچە خىراجەت ئېلىنمايدۇ.

3-ماددا مەجبۇرىيەت مائارىپىدا دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنى ئەخلاقىي، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن ئومۇميۈزلۈك يېتىلدۈرۈپ، غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ئاساس سېلىش شەرت.

4-ماددا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا قوش تىلدا ئوقۇتۇشنى كۈچەيتىش ھەمدە ئوقۇشقا كىرىشتىن بۇرۇن قوش تىلدا ئوقۇتۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

قوش تىلدا ئوقۇتۇش ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلى ۋە خەنزۇ تىلىدىكى ئوقۇش-ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى كۆرسىتىدۇ.

5-ماددا مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىر تۇتاش پىلانلايدىغان، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىلەر ماسلاشتۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ناھىيىلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاساسلىق باشقۇرىدىغان، يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە كوچا باشقارمىلىرى ھەمكارلىشىپ يولغا قويىدىغان تۈزۈلمە يولغا قويۇلىدۇ.

6-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويىدىغان جاۋابكار سۇبيېكىتتۇر، ئۇ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشى شەرت.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرغۇچى تارماقلار مەجبۇرىيەت مائارىپىدا نىشان جاۋابكارلىق تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويۇشنى ئاساسلىق رەھبەرلەر ۋە ئالاقىدار مەسئۇللارنى باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.

مۇشۇ چارىگە خىلاپ چوڭ ۋەقە يۈز بېرىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا توسالغۇ بولۇپ، زور ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا بولغان بولسا، رەھبەرلىك جاۋابكارلىقى بار خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ياكى خەلق ھۆكۈمىتى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىنىڭ مەسئۇلى ئىستېپا بېرىشى كېرەك.

7– ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ تەرەققىيات-ئىسلاھات، مالىيە، كادىرلار، شتات، جامائەت خەۋپسىزلىكى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، باج، مەدەنىيەت، سەھىيە، مىللەت، دىن، قۇرۇلۇش، زېمىن بايلىقى، خەلق ئىشلىرى تارمىقى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىيىتىنى ئالاقىدار قانۇن-نىزاملار ۋە مۇشۇ چارە بويىچە ئادا قىلىدۇ.

8-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائارىپ بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ ۋە ياخشىلاپ، شەھەر، يېزىلار ئارا، رايونلار ئارا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە مالىيە كۈچى ئاجىز جايلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

9-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىي تاپقان جايلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى ئىشلىرىنى قوللىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىقتىسادىي شارائىتى ياخشىراق جايلار ۋە ئورۇنلارنىڭ چەت-ياقا، نامرات جايلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى ئىشلىرىنى قوللىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

10-ماددا دىننىڭ مائارىپقا ئارىلىشىۋېلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىغا توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، مەكتەپلەردە دىنىي تۈس ئالغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

11-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مۇپەتتىشلىك ئاپپاراتى مەجبۇرىيەت مائارىپىدا قانۇن-نىزاملارنىڭ ئىجراسى، ئوقۇش-ئوقۇتۇش سۈپىتى، شۇنىڭدەك مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى مۇپەتتىش قىلىدۇ. مۇپەتتىشلىك ئەھۋالىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا دوكلات قىلىدۇ ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.

12-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى ئۇچۇرىنى جەمئىيەتكە قەرەللىك ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

2-باب ئوقۇغۇچى

13-ماددا ئالتە ياشقا توشقان بالىنى ئاتا-ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرى ئۇنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئېلىشى ھەمدە ئۇنى تۈگىتىشى ئۈچۈن مەكتەپكە بېرىشى كېرەك؛ شارائىت يار بەرمەيدىغان جايلاردىكى بالىلار يەتتە ياشتا مەكتەپكە بېرىلسىمۇ بولىدۇ.

ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەردىن ئوقۇش ئىقتىدارىدىن قېلىپ ياكى كۆزى ئاجىز، قۇلىقى ئېغىر، تىلى كەمتۈك، ئەقلى ئاجىز بولۇپ قېلىش سەۋەبىدىن ۋە باشقا جىسمانىي سەۋەبلەردىن مەكتەپكە كىرەلمەيدىغان ياكى كېچىكىپ كىرىدىغان، ئوقۇشتىن توختاپ قالىدىغانلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەسىيلىرى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ ئىسپاتىنى ئېلىپ ئىلتىماس قىلىپ، يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ناھىيىلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.

14-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ نوپۇسقا ئېلىنغان جايدا يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە كىرىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى ۋە جايلىشىش ئەھۋالىغا قاراپ، شۇ مەمۇرىي رايوندىكى مەكتەپكە يېقىن جايدىكى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش دائىرىسى ۋە سانىنى مۇۋاپىق بېكىتىشى ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك. مەكتەپلەر مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشى ھەمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار يېقىن جايدىكى خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتىدىغان مەكتەپلەردە ئوقۇسا بولىدۇ.

15-ماددا ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەردىن نوپۇسقا ئېلىنغان جايدا ۋە نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىن باشقا جايدا مەكتەپكە كىرىدىغانلىرى، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ناھىيىلىك، شەھەرلىك مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى بېكىتكەن مەكتەپكە بېرىپ، مەكتەپكە كىرىش رەسمىيىتى ئۆتەيدۇ.

16-ماددا يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى، كوچا باشقارمىلىرى ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش، ئوقۇشتىن قېلىش ئەھۋالىنى شۇ يىلى 6-ئايدىن بۇرۇن ناھىيىلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا يوللىشى لازىم. شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە كوچا باشقارمىلىرىغا ھەمكارلىشىپ ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.

ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر ئوقۇشقا ۋاقتىدا كىرمىگەن ياكى ئوقۇشتىن توختاپ قالغان بولسا، ناھىيىلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى، يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە كوچا باشقارمىلىرى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرىنىڭ ئۇلارنى مەكتەپكە بېرىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى لازىم.

17-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەردىن يېتىم، مېيىپ، سەرگەردان، ئاسراندى ۋە نامراتلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىشىغا غەمخورلۇق قىلىشىغا ۋە ياردەم بېرىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.

18-ماددا مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى كەمسىتىشى، ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىشى مەنئى قىلىنىدۇ، مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن يۆتكىلىشكە ۋە چېكىنىشكە مەجبۇرلىشى ۋە دەۋەت قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. مەكتەپلەر باشقۇرۇش تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا تەنقىد-تەربىيە بېرىشى، ئۇلارنى مەكتەپتىن چىقىرىۋەتمەسلىكى كېرەك.

3-باب مەكتەپ

19-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر، يېزا ئومۇمىي پىلانى، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىنى، شۇ مەمۇرىي رايوندا ئولتۇرۇشلۇق ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى، جايلىشىش ئەھۋالى، جۇغراپىيىلىك شارائىت، قاتناش مۇھىتى قاتارلىق ئامىللارنى كۆزدە تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە بىنائەن مەكتەپ تەسىس قىلىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ ۋە تەڭشەپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن يولغا قويۇلغان مەكتەپ قۇرۇش يىرىك پىلانىنى ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

شەھەرلەردىكى تەرەققىيات رايونلىرىنى، ئولتۇراق رايونلىرىنى قۇرۇشتا، شۇ رايوندىكى نوپۇسنىڭ تەرەققىيات كۆلىمىگە قاراپ، مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى تەرەققىيات رايونى، ئولتۇراق رايونىغا يەر ئىشلىتىش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، تەڭ قۇرۇلۇش قىلىش، تەڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈش شەرت.

20-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى مائارىپ بايلىقىنى ياخشى تەقسىملەپ، مەكتەپلەرنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتى پەرقىنى كىچىكلىتىشى كېرەك. مەكتەپلەرنى نۇقتىلىق ۋە ئادەتتىكى دەپ ئايرىشقا بولمايدۇ.

مەكتەپلەر ئىچكى قىسىمدا سىنىپلارنى نۇقتىلىق ۋە ئادەتتىكى دەپ ئايرىسا ياكى تۈرلۈك ناملاردىكى تەجرىبە سىنىپى ۋە ئالاھىدە سىنىپ تەسىس قىلسا بولمايدۇ.

21-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېھتىياجىغا قاراپ، ئىقتىسادىي نىسبەتەن تەرەققىي تاپقان جايلاردا ئاپتونوم رايون تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىنى ئاچىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، مىللىي، خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپ، ئارىلاش سىنىپلارنى ئېچىپ، ئوقۇغۇچى مەنبەسىنىڭ جايلىشىشىغا قاراپ، مائارىپ بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، ياتاقلىق مەكتەپ ياكى ئوقۇتۇش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، تارقاق ئولتۇراقلاشقان، چەت-ياقا جايدا ئولتۇراقلاشقان ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

22-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېھتىياجىغا قاراپ، ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرى (سىنىپلىرى)نى ئېچىپ ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇش يېشىدىكى مېيىپ بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئېلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم.

23-ماددا ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ھۆكۈمەت مەكتىپىنىڭ خاراكتېرىنى ھەرقانداق نام ياكى باشقىچە شەكىل بىلەن ئۆزگەرتىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويغان ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىنىڭ پۇقراۋى مەكتەپ ئېچىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

24-ماددا مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھان، سىناق، يۈزتۇرا ئىمتىھان قاتارلىق شەكىللەر بىلەن تاللىۋالسا، ھەرخىل مۇسابىقە نەتىجىسى، مۇكاپات ۋە گۇۋاھنامىنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ ئاساسى قىلسا، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى قوبۇل قىلىشتا شەرت قويسا ياكى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلسا بولمايدۇ.

25-ماددا مەكتەپلەر دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەندىن باشقا خىراجەتنى ئالسا بولمايدۇ؛ ئوقۇغۇچىلارغا تاۋار، مۇلازىمەتنى تونۇشتۇرۇش ياكى باشقا شەكىل ئارقىلىق تونۇشتۇرۇش يوللىرى بىلەن نەپ ئالسا بولمايدۇ.

26-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مەكتەپ ئەتراپىنىڭ تەرتىپىنى قانۇن بويىچە ساقلاپ، مەكتەپلەرنى بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى لازىم.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەكتەپ بىخەتەرلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرۈشى، يوشۇرۇن خەۋپنى ۋاقتىدا تۈگىتىشى، خەتەرلىك ئۆيلەرنى ۋاقتىدا رېمونت قىلىپ، ئوڭشاپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈشى كېرەك.

مەكتەپلەر ئۆي، ئوت مۇداپىئە، تازىلىق، تەبىئىي ئاپەت بىخەتەرلىكى قاتارلىق بىخەتەرلىك تۈزۈمى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنى جىددىي تاقابىل تۇرۇش بىلىملىرى جەھەتتە تەربىيىلەپ ۋە مەشىق قىلدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭى ۋە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، ئۆزئارا قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى لازىم.

27-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەكتەپلەرنىڭ يەر ئىشلىتىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى، يەر ئىشلىتىش ھوقۇق تەۋەلىكىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

مەكتەپنىڭ ھويلىسى، ئۆيى، مەيدانى، ئەسلىھەسىنى ئوقۇتۇش ۋە ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش پائالىيىتىگە ئىشلىتىش كېرەك.

28-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

(1) مەكتەپنىڭ مال-مۈلكىنى ئىگىلىۋېلىش، بۇزۇۋېتىش، مەكتەپ يېرىنى ئىگىلىۋېلىش ياكى مەكتەپ يېرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋېتىش؛

(2) مەكتەپ مۇھىتىنى بۇلغاش، مەكتەپ قىياپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈش، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش؛

(3) مەكتەپ ئەتراپىدا سىنىپلارغا چۈشىدىغان كۈن نۇرىنى توسۇۋالىدىغان ئىمارەت، قۇرۇلمىلارنى سېلىش ياكى تىجارەتلىك كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى، تورخانا قاتارلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ماس كەلمەيدىغان سورۇنلارنى ئېچىش؛

(4) ئوقۇغۇچىلارنى سودا خاراكتېرلىك تەبرىكلەش، ئويۇن قويۇش پائالىيىتىگە تەشكىللەش؛

(5) مەكتەپنىڭ نورمال ئوقۇتۇش تەرتىپىگە كاشىلا قىلىدىغان، تەسىر يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلار.

4-باب ئوقۇتقۇچى

29-ماددا ئوقۇتقۇچىلار دۆلەت بەلگىلىگەن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە قانۇن بويىچە ئېرىشىشى، بەلگىلەنگەن ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنىغا تەكلىپ بىلەن چىقىش شەرتىنى ھازىرلىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئوقۇتقۇچىلارنى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تەكلىپ قىلىشى ۋە يۆتكىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇش-ئوقۇتۇشقا مۇناسىۋەتسىز خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ.

30-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى، مائاش-پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلىشى، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاش خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

31-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش يىرىك پىلانى تۈزۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەشنى كۈچەيتىشى؛ قوش تىلدا دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا مەخسۇس تەربىيىلەش پىلانى تۈزۈپ، ئۇلارنىڭ قوش تىلدا ئوقۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

5-باب ئوقۇش-ئوقۇتۇش

32-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن ئوقۇش-ئوقۇتۇش تۈزۈمى، ئوقۇش-ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە دەرس ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك.

مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇشتا يېڭىلىق يارىتىشىغا، ئوقۇش-ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا، ئوقۇش-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.

33-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ساپا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساپا مائارىپىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەر تەرەپلىمە باھالاش سىستېمىسىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

مەكتەپلەر ئەخلاق تەربىيىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئۇنى ئوقۇتۇش جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېسىل ئىدىيىۋى پەزىلەت ۋە ھەرىكەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەنتەربىيە، گۈزەللىك تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى تەنتەربىيە، گۈزەللىك تەربىيىسى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت قاتارلىق پائالىيەتلەرگە تەشكىللىشى كېرەك.

مەكتەپلەر مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، پسىخىك ساغلاملىق تەربىيىسى بېرىشى كېرەك. شارائىتى بارلىرى ئوقۇغۇچىلارغا پسىخىك جەھەتتىن مەسلىھەت بەرسىمۇ بولىدۇ.

34-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى قوش تىلدا ئوقۇتۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى قوش تىلدا ئوقۇتۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش، رايونلار بويىچە پىلانلاش، قەدەممۇ قەدەم يولغا قويۇش پرىنسىپىغا بىنائەن، قوش تىلدا ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، قوش تىلدا ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

35-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى قوش تىلدا ئوقۇتۇش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى قوش تىلدا ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلىنى قېلىپلاشتۇرۇشى، مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى مائارىپ ۋە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى قوش تىلدا ئوقۇتۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇپ، ئوقۇش باسقۇچى، پەنلەر ئۆزئارا جىپسىلاشقان قوش تىلدا ئوقۇتۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

36-ماددا مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇش-ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى بەلگىلەنگەن ئوقۇش-ئوقۇتۇش پىلانى، دەرس ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە دەرس سائىتى بويىچە قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇش-ئوقۇتۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەكتەپلەر ياكى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى ھەقلىق ئوقۇتۇش ۋە ھەقلىق مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىشقا تەشكىللىسە بولمايدۇ؛ ئوقۇتقۇچىلار ئىش ۋاقتىدا مەكتەپ سىرتىدىكى ئىجتىمائىي ئوقۇتۇش ئاپپاراتلىرىدا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىسە ۋە قوشۇمچە دەرس ئۆتسە بولمايدۇ.

37-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، دەرسلىك تاللاپ ئىشلىتىشكە بولغان نازارەتچىلىك ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. يەرلىك دەرسلىكنى ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى بېكىتىشى شەرت.

ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ مەكتەپلەر، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنى كونسۇلتاتسىيە ماتېرىيالى ۋە گېزىت-ژۇرنال سېتىۋېلىشقا ھەر قانداق شەكىل بىلەن مەجبۇرلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

مەكتەپلەر دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، دەرسلىكنى تەكرار ئىشلىتىش چارىسىنى يولغا قويىدۇ.

6-باب خىراجەت كاپالىتى

38-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈپ ۋە ۋاقتىدا، تولۇق ئاجرىتىپ، مەكتەپلەرنىڭ نورمال ھەرىكىتى ۋە مەكتەپ ئۆيلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەشكە، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى بەلگىلىمە بويىچە بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مالىيىدىن ئاجرىتىدىغان مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ دائىملىق مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتى، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئوپچە خىراجىتىنى پەيدىنپەي ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا باج-ھەق ئىسلاھاتىدىكى يۆتكىمە چىقىمدىن يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىغا ئىشلىتىلىدىغان مەبلەغنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، مەجبۇرىيەت مائارىپىغا ۋاقتىدا، تولۇق ئىشلىتىشى كېرەك.

39-ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە تارمىقى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى بىلەن بىرلىكتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئوپچە خىراجەت ئۆلچىمىنى چىقىرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىشى ھەمدە ئۇنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق پەيتتە تەڭشىشى كېرەك.

40-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە مالىيىسى ئاجىز رايونلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى مەخسۇس يۆتكىمە چىقىم مەبلەغ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى سېلىنمىسىنى كۆپەيتىشىگە مەدەت بېرىشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى خام چوت تۈزگەندە، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە مالىيىسى ئاجىز مەكتەپلەرگە مايىل بولۇشى كېرەك.

41-ماددا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى خام چوتتا بەلگىلەنگىنى بويىچە ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى ئىگىلىۋېلىش، ئىشلىتىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

مەمۇرىي تەپتىش، مالىيە، ئىقتىسادىي تەپتىش تارماقلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

42-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرغۇچى تارماقلىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

(1) مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتى كاپالەتلەندۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار؛

(2) دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىنى قايرىپ قويۇپ، مەكتەپ قۇرۇش يىرىك پىلانىنى تۈزگەن، تەڭشىگەنلەر؛

(3) شەھەردىكى تەرەققىيات رايونى، ئولتۇراق رايونىدا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى بەلگىلىمە بويىچە يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرماي، شۇ تەۋەلىكتىكى كۆپلىگەن ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشىغا ياكى باشقا تەۋەلىكتە ئوقۇشىغا سەۋەبچى بولغانلار؛

(4) مەكتەپ بىخەتەرلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرمىگەن، يوشۇرۇن خەۋپنى ۋاقتىدا تۈگەتمىگەن ياكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى رېمونت قىلمىغان، ئوڭشىمىغانلار؛

(5) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى نېسى قىلغان، قىسىپ قالغان ۋە ئىشلىتىۋالغانلار؛

(6) مەكتەپ يېرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋەتكەنلەر.

43-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

(1) شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىگە يېقىن ئەتراپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش دائىرىسى ۋە قوبۇل قىلىدىغانلار ئوقۇغۇچىلار سانىنى بېكىتمىگەن ياكى جەمئىيەتكە ئېلان قىلمىغانلار؛

(2) مەجبۇرىيەت مائارىپى ئۇچۇرىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلمىغانلار؛

(3) ماقۇللاتماي تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇش-ئوقۇتۇشقا مۇناسىۋەتسىز خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرغانلار؛

(4) دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بېكىتكەن ئوقۇتۇش تۈزۈمى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئىجرا قىلمىغانلار؛

(5) مەكتەپلەر، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنى كونسۇلتاتسىيە ماتېرىيالى ۋە گېزىت-ژۇرنال سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلىغانلار.

44-ماددا مەكتەپلەر ياكى ئوقۇتقۇچىلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھەق ئالغانلىرىنى ھەقنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ:

(1) ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن يۆتكىلىش ياكى چېكىنىشكە مەجبۇرلىغان ۋە دەۋەت قىلغانلار؛

(2) تۈرلۈك نامدا تەجرىبە سىنىپى ۋە ئالاھىدە سىنىپ ئاچقانلار؛

(3) مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويغان ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىدە پۇقراۋى مەكتەپ ئاچقانلار؛

(4) ئىمتىھان، سىناق، يۈز تۇرانە ئىمتىھان قاتارلىق شەكىل ۋە باشقا شەكىللەر بىلەن، ئوقۇغۇچى تاللىۋالغانلار، مۇسابىقە نەتىجىسى، مۇكاپات ۋە گۇۋاھنامىنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاساسى قىلىپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى قوبۇل قىلىشقا شەرت قويغان ياكى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغانلار؛

(5) دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەندىن باشقا ھەق ئالغانلار؛

(6) ئوقۇغۇچىلارنى سودا خاراكتېرلىك تەبرىكلەش، ئويۇن قويۇش پائالىيەتلىرىگە تەشكىللىگەنلەر؛

(7) ئوقۇش-ئوقۇتۇشتا بەلگىلەنگەن ئوقۇش-ئوقۇتۇش پىلانى، دەرس ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە دەرس سائىتى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئەمەل قىلمىغانلار؛

(8) ئوقۇغۇچىلارنى ھەقلىق ئوقۇتۇش ۋە ھەقلىق مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىشقا ياكى ئوقۇتقۇچىلارنى ئىش ۋاقتىدا مەكتەپ سىرتىدىكى ئىجتىمائىي ئوقۇتۇش ئاپپاراتلىرىدا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش، قوشۇمچە دەرس ئۆتۈشكە تەشكىللىگەنلەر؛

(9) مەكتەپتىكى دىنىي تۈس ئالغان پائالىيەتلەرنى توسىمىغان ۋە ئىنكاس قىلمىغانلار.

45-ماددا ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرىدىن يوللۇق ئاساسى يوق تۇرۇپ، مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماي، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئېلىشقا بەرمىگەنلىرىگە شۇ جايدىكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى تەنقىد-تەربىيە بېرىدۇ، سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ.

46-ماددا بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جازا كېلىدىغان باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلارغا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

8-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

47-ماددا بۇ چارە 2008-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.



(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن-نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتكەن).[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#