ھاشارات ئۆلتۈرىدىغان ئۆسۈملۈكلەر

ھاشارات ئۆلتۈرىدىغان ئۆسۈملۈكلەر— تەركىبىدە زىيانداش ھاشاراتلارنى ئۆلتۈرىدىغان زەھەرلىك ماددىسى ۋە كېسەللىك باكتېرىيىلىرىگە قارشى ماددىسى بار ئۆسۈملۈكلەرنى كۆرسىتىدۇ .

ئۇيغۇرچە نامى ھاشارات ئۆلتۈرىدىغان ئۆسۈملۈكلەر
خەنزۇچە نامى 杀虫剂的植物

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھاشارات ئۆلتۈرىدىغان ئۆسۈملۈكلەر— تەركىبىدە زىيانداش ھاشاراتلارنى ئۆلتۈرىدىغان زەھەرلىك ماددىسى ۋە كېسەللىك باكتېرىيىلىرىگە قارشى ماددىسى بار ئۆسۈملۈكلەرنى كۆرسىتىدۇ . ئۇ ماددىلارنىڭ تەركىبىدە كۆپىنچە ئۆسۈملۈك ئىشقارى ، ساپونىن ، ئۇچۇشچان مايلار ، تاننىنلىق ماددىلار ، گلۇكوزىلىق سمولىلار ، روتېنون قاتارلىقلار بار .

 ئۆسۈملۈك خاراكتېرلىق دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن ھاشارات ئۆلتۈرگۈچى زەھەر ماددىسى بار ئۆسۈملۈكلەردىن ياڭاق ، سۇ قامچىئوتى ، قۇشقاچتىل ، ئات قۇلاق ، يوپۇرماقسىز يالغان قىرىق بوغۇم ، ئېيىقتاپان ، بوۋانە ، ياۋا زاغۇن ، سېسىق چۈلۈك ، فىشىر سۈتلۈكئوتى ، ئابدىمىلىك ، بۆرە ئوغىسى(سۈتلۈكئوت) ، بۇيا ، ئىت ئۈزۈمى ، سۆگەت ، قامغاق ، ئاقباش ئوت ، يېكەن ، خارا يوسۇنى قاتارلىقلار بار ؛ يەنە بىر تۈردىكى ئۆسۈملۈك خاراكتېرلىك دېھقانچىلىق دورىلىرى تەركىبىدە ھاشارات گورمۇنلىرى بار ئۆسۈملۈكلەردۇر ، مەسىلەن : تۆلەتكۈچى گورمون( ئېكدىسون) ، قېرىتماسلىق گورمونى ، بۇلار ھاشاراتلارنىڭ تۈلەش ، ھالەت ئۆزگەرتىش ، قورچاقتىن يېتىلىش ھالەتلىرىنى ، ھەتتا يېتىلگەن ھاشاراتنىڭ ھالەت ئۆزگەرتىشىنى كونترول قىلىپ ، غەيرىيلىككە ئېلىپ بېرىپ ئۆلتۈرىدۇ ، مەسىلەن ، چىلپايە ئۇرۇقدىشى ، سەربىز ئۇرۇقدىشى ، ياۋا كۈنجۈت ، ئاق گۈللۈك ئۈچقۇلاق ، جۇلاغ قاتارلىقلار .[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#