پاختا دەرىخى

پاختا دەرىخى ئاۋۋال چېچەكلەپ، كېيىن يوپۇرماق چىقىرىدىغان ئۆسۈملۈك. ھەر يىلى مارت-ئاپرېل ئايلىرىدا، ئۇنىڭ شاخلىرىدا چىنە ئېغىزىدەك چوڭ گۈللەر توپلىشىپ ئېچىلىدۇ. ھەربىر گۈلدە بەش تال گۆشلەشكەن چوڭ گۈل تاج ياپراقچىسى بولىدۇ، ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن ئاتىلىق-ئانىلىقلار چۆرىدەپ تۇرىدۇ، تاج ياپراقچىسىنىڭ سىرتى ئاق رەڭلىك، ئىچى تەرىپى سارغۇچ قىزىل ياكى ئوچۇق قىزىل رەڭلىك.

ئۇيغۇرچە ئىسمى پاختا دەرىخى
تەۋەلىكى ئۈسۈملۈكلەر دنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى پاختا دەرىخى ئائىلىسى
خەنزۇچە ئىسمى 木棉
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى لەيلىگۈل تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى پاختا دەرىخى ئۇرۇقدېشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پاختا دەرىخى يوپۇرماق تاشلايدىغان چوڭ دەرەخ، پاختا دەرىخى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ياش كۆچىتىنىڭ غولى ۋە شاخلىرىدا ياپىلاق كونۇسسىمان قوۋزاق تىكەنلىرى بولىدۇ، قېرى دەرەخلەرنىڭ غولى توم، يوغان، سىلىق، يان شاخلىرى ئايلانما بولۇپ ئۆسۈپ، ئەتراپقا تەكشى يېيىلىپ، كەڭ دەرەخ باراقسىنىنى شەكىللەندۈرىدۇ، يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ئالىقانسىمان مۇرەككەپ يوپۇرمىقى 5 ~7 تال ئۇزۇن ئېللىپس شەكىللىك كىچىك يوپۇرماقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. ئاق رەڭلىك ئۇزۇن ئېللىپس شەكىللىك غوزەك مېۋىسىنىڭ ئىچكى دىۋارىدا يىپەكسىمان تالالىرى بولىدۇ. پىشقاندىن كېيىن پارتلاپ يېرىلىپ ئىچىدىكى قارا رەڭلىك ئۇرۇقلىرى پاختىسى بىلەن بىللە ئۇچۇپ تارقىلىدۇ. پاختا دەرىخىنىڭ گەۋدىسى چوڭ، ئېگىز بولغاچقا، غوزا مېۋىسىنى يېرىلىشتىن ئىلگىرى دەرەخقە يامىشىپ چىقىپ يىغىۋالمىغاندا، پاختىسى مېۋە يېرىلىشى بىلەنلا تارقىلىپ يوقىلىدۇ، شۇڭا يۈننەنلىكلەر ئۇنى» يامىشىپ يىغىدىغان پاختا «دەپمۇ ئاتايدۇ.

پاختا دەرىخى ئاۋۋال چېچەكلەپ، كېيىن يوپۇرماق چىقىرىدىغان ئۆسۈملۈك. ھەر يىلى مارت-ئاپرېل ئايلىرىدا، ئۇنىڭ شاخلىرىدا چىنە ئېغىزىدەك چوڭ گۈللەر توپلىشىپ ئېچىلىدۇ. ھەربىر گۈلدە بەش تال گۆشلەشكەن چوڭ گۈل تاج ياپراقچىسى بولىدۇ، ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن ئاتىلىق-ئانىلىقلار چۆرىدەپ تۇرىدۇ، تاج ياپراقچىسىنىڭ سىرتى ئاق رەڭلىك، ئىچى تەرىپى سارغۇچ قىزىل ياكى ئوچۇق قىزىل رەڭلىك. يوپۇرماقلىرى كۆرۈنمىگەچكە، يىراقتىن قارىغاندا پۈتۈن دەرەخ قىپقىزىل، ئوتقاشتەك كۆركەم كۆرۈنىدۇ؛ ئاساسىي غولى تۈپتۈز، ئېگىزلىكى 30 نەچچە مېتىر بولۇپ، خۇددى گىگانت ئادەم كىمخاب يېپىنغاندەك ئۇلۇغۋار، ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ. شۇڭا، گۇاڭدۇڭلۇقلار ئۇنى «قەھرىمان دەرەخ» دېيىشىدۇ ھەمدە ئۇنى گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ شەھەر گۈلى قىلىپ تاللىغان. 

پاختا دەرىخى مەملىكىتىمىزنىڭ يۈننەن، گۇيجۇ، گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭ ۋە جىنشاجياڭ دەرياسى ۋادىلىرىغا تارالغان بولۇپ، ئورمانلىقلار ياكى پاكار تاغلىق رايونلاردا ئۆسىدۇ. مەيلى ئۇرۇقىنى ئېكىش، تۈپ ئايرىش بولسۇن، ياكى قەلەمچە قىلىپ تىكىش بولسۇن، ھەممسىدىلا ئاسان ئەي بولىدۇ. يەنە كېلىپ ئۆسۈشىمۇ ناھايىتى تېز ئۆسىدۇ. 

پاختا دەرىخىنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى بىرقەدەر يۇقىرى، پاختىسىنىڭ تالالىرى تۈز، گەرچە ئىنچىكە يىپلارنى ئېگىرىشكە بولمىسىمۇ، لېكىن يۇمشاق، ئىنچىكە، ئېلاستىكلىقى ياخشى، بېسىلىشقا چىداشلىق بولۇپ، سېلىنچا(ماتراس) ۋە ياستۇقلارنىڭ ئىچىگە سېلىشقا باب كېلىدۇ. تىۋىتى يېنىك، ئاسان نەملەشمەيدۇ، شۇڭا لەيلەش كۈچى بىرقەدەر زور. تەجرىبە قىلىشلارغا ئاساسلانغاندا، ھەر كىلوگرام دەرەخ پاختىسى سۇدا 15 كىلوگرام ئەتراپىدىكى ئادەم تېنىنى لەيلىتىپ تۇرالايدۇ، شۇڭا ئۇ قۇتقۇزۇش چەمبىرىكىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك تولدۇرما ماتېرىيالى قىلىنىدۇ. پاختا دەرىخىنىڭ ياغىچى يۇمشاق بولۇپ، ساندۇق شېلى(تاختىيى) ، سەرەڭگە تېلى، ياغاچ قولۋاق، سوغا، ياغاچ داس قاتارلىقلارنى ياساشقا بولىدۇ، قەغەز ئىشلەشتىمۇ ياخشى ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    100%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#