ئەينۇلا دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. ئەينۇلا (خام دورا)
  2. ئەينۇلا (مېۋىنىڭ تۈرى)
خام دورا

ئەينۇلا

ئەينۇلا
ئەينۇلا ئاچچىق – چۈچۈك تەمگە ئىگە مېۋە بولۇپ  چوڭ تەرەتنى راۋان قىلىش، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش،قۇرۇق ھۆنى پەسەيتىش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.

دورا نامى ئەينۇلا
ئەرەبچە نامى ئەجاس
ئۇردۇچە نامى ئالۇبۇخارا
ئېنگىلىزچە نامى Smokedplum, Dark Plum
تونۇش ئەينۇلانىڭ پىشاي دەپ قالغاندىكى ئۈزۈپ قۇرۇتۇلغان مېۋىسىدىن ئىبارەت.
تونۇش نامى ئەينۇلا
پارىسچە نامى ئالۇبۇخارا
لاتىنچە نامى Fructus Mume
خەنزۇچە نامى 乌梅wu mei
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدىن چىقىدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 غەيرى تەبىئىي سەپرا خىلىتنى پۇشۇرۇش، سۈرۈش، قان سەپرا خىلىتنىڭ ئۆتكۈرلىكىنى پەسەيتىش، ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىش، قىزىتما قايتۇرۇش، چوڭ تەرەتنى راۋان قىلىش، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش،قۇرۇق ھۆنى پەسەيتىش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.

1. ئەينۇلا 4 دانە، تەمىرى ھىندى7 گرام، قارا ئۆرۈك 5 دانە ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە سەپرادىن بولغان قىزىتما، يۇقىرى قان بېسىمغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. ئەينۇلا4 دانە، چىلان10 گرام، بىنەپشە10 گرام، نىلۇپەر10 گرام پىرسياۋشان10 گرام، ئەنجۈر مونىكى10 گرام دورىلارنى قائىدە بويىچە دەملەپ ياكى قايناتما تەييارلاپ ئىچسە ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل، زۇكام نەزلە قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

3. ئەينۇلا مۇراببارسى تەيارلاپ بەرسەقان، سەپرانىڭ ئۆتكۈرلىكىنى پەسەيتىدۇ. قۇرۇق ھۆنى پەسەيتىدۇ.

مىقدارى:3- 5 دانچە

تۈزەتتكۈچىسى:چىلان، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى

ئورۇنباسارى :باراۋەر مىقداردا تەمىرى ھىندى

ئەينۇلا مۇرابباسى.[0]

ھەر خىل قىزىتما، يۇقىرى قان بېسىم ئىسسىقتىن بولغان زۇكام، نەزلە، يۆتەل، سەپرادىن بولغان تەپ ھەزىم ئاجىزلىقى، قەۋزىيەت قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=122

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#