توخۇ سوقۇشتۇرۇش ئويۇنى

توخۇ سوقۇشتۇرۇش

توخۇ سوقۇشتۇرۇش-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمدىن تا ھازىرغىچە ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان، مەنىۋى تۇرمۇشنى جانلاندۇرىدىغان، قىزىقارلىق كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىنىڭ بىرى.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

توخۇ سوقۇشتۇرۇش توخۇ سوقۇشتۇرۇش ئادەتتە يېزىلاردىكى بازار كۈنلىرى، ھېيت-بايراملاردا مەھەللىلەردىكى كىشىلەر توپلاشقان سورۇنلاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ. سوقۇشتۇرۇلىدىغان توخۇلار تاللىنىدۇ. ھەتتا، بەزى توخۇ سوقۇشتۇرۇش ھەۋەسكارلىرى ۋىلايەت ئاتلاپ توخۇ تاللايدۇ. شىنجاڭدا تۇرپان توخۇسىنىڭ بويى ئېگىز، سوقۇشۇشقا ئامراق بولغاچقا، قەشقەر خوتەنلەردىن ئاتايىن تۇرپانغا كېلىپ توخۇ ئېلىپ كېتىدۇ. 

توخۇلار ئادەتتە يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاقراق ۋاقىت سوقۇشىدۇ. بىر-بىرىنى چوقۇپ تاجىلىرىنى قانغا بوياپ، پەيلىرىنى يۇلۇۋېتىدۇ. مۇشۇنداق بىر-بىرىنى چوقۇپ، بارماقلىرى بىلەن قامىشىپ سوقۇشۇش جەريانىدا قاچقىنى، بېشىنى ئىچىگە تىقىپ جىم تۇرۇۋالغىنى يېڭىلگەن ھېسابلىنىدۇ. توخۇ، قوشقار، كەكلىكلەرگە ئوخشاش مەرد سوقۇشمايدۇ. توخۇ سوقۇشتۇرۇش سورۇنىدا تاماشىنىنلارمۇ كۆپ بولىدۇ.

توخۇ سوقۇشتۇرۇش ئويۇنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قىزىلسۇ، خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىدە، شىمالىي شىنجاڭدا ئىلى ۋىلايەتلىرىدە كۆپرەك ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

توخۇ سوقۇشتۇرۇش ئويۇنى

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#