ئايۇۋ ساي تەبئىي مەنزىرىگاھى
ئايۇۋ ساي تەبئىي مەنزىرىگاھى مىچۇەن ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن 43 كىلومېتىر كېلدىغان جايغا جايلاشقان. بوغدا چوققىسىنىڭ شىمالىي ئېتكىگە تەۋە، «شىياشۇڭگۇ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىلگىرى جىلغىدا قۇڭۇر ئېيىق كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئايۇۋ ساي تەبئىي مەنزىرىگاھى مىچۇەن ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن 43 كىلومېتىر كېلدىغان جايغا جايلاشقان. بوغدا چوققىسىنىڭ شىمالىي ئېتكىگە تەۋە، «شىياشۇڭگۇ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىلگىرى جىلغىدا قۇڭۇر ئېيىق كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. ئەتراپىدا ئېيىق ئۆڭكۈرى، قىستاش جىلغىسى (شىشاڭگۇ)، ئوت-چۆپ تەكچە، ئاسمانتەكچە، شۇيموگۇ شارقىراتمىسى قاتارلىق تەبئىي لاندىشافتلار بار.
ئايۇۋ ساي تەبئىي مەنزىرىگاھى قازاق چارۋىچىلارنىڭ تەبئىي فىرمىسى بۇلۇپ، قۇيۇق مىللىي ئۆرپ-ئادەتكە ئىگە. مىچۇن، ئۈرۈمچىلەردىن ئايۇۋ سايغا بارغۇچە ئاددىي تاشيول بار. مەنزىرىگاھنىڭ ئۆزىدە مېھمانخانا بار بۇلۇپ، ساياھەتچىلەرنى تاماق ۋە ياتاقتا تەمىنلەيدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.