يېڭىئۆستەڭ يېزىسى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. يېڭىئۆستەڭ يېزىسى (چەرچەن ناھىيەسى )
  2. يېڭىئۆستەڭ يېزىسى (كونا شەھەر ناھىيەسى)
  3. يېڭىئۆستەڭ يېزىسى ( مارالبېشى ناھىيەسى)
  4. يېڭىئۆستەڭ يېزىسى (يەكەن ناھىيەسى )
  5. يېڭىئۆستەڭ يېزىسى (قەشقەر شەھىرى )
چەرچەن ناھىيەسى

يېڭىئۆستەڭ يېزىسى

يېڭىئۆستەڭ يېزىسى

يېڭىئۆستەڭ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى (كورلا) چەرچەن ناھىيەسى شەھەر غەربىگە 10 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، "315-" دۆلەت يولى يېزىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. شەرقتە توغراقلىق يېزىسى، جەنۇبتا قاراقۇرۇم تېغى باغرى، غەربىي نىيە ناھىيەسى ساۋۇزەك يېزىسى، شىمالىي تەرىپى باغئېرىق يېزىسى بىلەن قوشنا. 

ئۇيغۇرچە نامى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 10634 كۋادرات كىلومېتىر
جۇغراپىيەلىك ئورنى چەرچەن ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىگە 10 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا
خەنزۇچە ئاتىلىشى 英吾斯塘乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون شىنجاڭ كورلا چەرچەن ناھىيەسى
نوپۇسى 5760 ئادەم
تېلېفون رايون نومۇرى 0996

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يېڭىئۆستەڭ يېزىسىيېڭىئۆستەڭ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى (كورلا) چەرچەن ناھىيەسى شەھەر غەربىگە 10 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، "315-" دۆلەت يولى يېزىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. شەرقتە توغراقلىق يېزىسى، جەنۇبتا قاراقۇرۇم تېغى باغرى، غەربىي نىيە ناھىيەسى ساۋۇزەك يېزىسى، شىمالىي تەرىپى باغئېرىق يېزىسى بىلەن قوشنا. شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 20 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 531.7 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 10634 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

 پۈتۈن يېزىدا يېزا 1402 ئائىلە، 5760 بۇپۇسى ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 5096 ئادەم، خەنزۇ مىللىتى 664 ئادەم بار. يېزا تەۋەسىدە بىر ئوتتۇرا مەكتەپ، 5 باشلانغۇچ مەكتەپ (4 مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپ، بىر خەنزۇ مەكتەپ)، ئوقۇغۇچىلار سانى 1420 نەپەر (خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار 170 نەپەر)، ھەر خىل مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 112 ئادەم. بىر يېزىلىق شىپاخانا، كەسپىي تېببىي خادىملاردىن 27 ئادەم بار.

يېڭىئۆستەڭ يېزىسىيېڭىئۆستەڭ يېزىسىغا قاراشلىق يەتتە كەنت بار بۇلۇپ، ئۇلار: تاغئېرىق كەنتى، يېڭىئۆستەڭ كەنتى، تېرىقلىق كۆل كەنتى، ئاۋات كەنتى، كۆتەمە ئېرىق كەنتى، تۆپە ئۆستەڭ كەنتى، ئەكەشتېرىم كەنتى قاتارلىق يەتتە مەمۇرىي كەنت، 28 كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسى بار.

يېڭىئۆستەڭ يېزىسىيېڭىئۆستەڭ يېزىسىنىڭ ئاساسەن ئىنقىلابىي چوڭ ئۆستەڭ سۈيى بىلەن سۇغىرىشتا ئىشلىتىدىغان يېزا بويىچە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 29780 مو، ئوتلاق كۆلىمى 157 مىڭ مو، تەبىئىي ئورمان كۆلىمى 11700 مو. 2003-يىلى زىرائەت تېرىلغۇ كۆلىمى 28271 مو، بۇنىڭ ئىچىدە : 15743 مو يەر ئاشلىق زىرائىتى، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 5918 توننا؛ كېۋەز تېرىش كۆلىمى 11206 مو، ئومۇمىي پاختا مەھسۇلاتى 1141.1 توننا؛ ياغلىق دان زىرائىتى تېرىلغۇ كۆلىمى 66 مو، مەھسۇلات مىقدارى 9 مىڭ توننا؛ بېدە تېرىلغۇ كۆلىمى 1256 مو، ئومۇمىي مەھسۇلاتى مىڭ 942 توننا؛ پۈتۈن يېزىنىڭ ئاشلىق، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ئارقىلىق ئاشلىق باشقۇرۇش، ئوت-چۆپ ئۈچ ئاساسلىق تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسى ئىككى مەنبەلىك. يېزا بويىچە يىل ئاخىرىدىكى تۇياق چارۋا 33 مىڭ 500 تۇياق، يېزىلاردىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 3488 يۈەن.

يېزا بويىچە يېتەكچى كەسىپ يەنىلا كېۋەز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېزا كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پەيدىنپەي تەكشۈرۈپ، قۇرۇق مېۋە ۋە چارۋىچىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش. ئەلا سۈپەتلىك چىلان تېرىش 3800 مو، ئەلا سۈپەتلىك چوڭ يوپۇرماقلىق بېدە تېرىش 1256 مو، پۈتۈن يېزىسىدا باقمىچىلىق سەمرىتىش قوتىنى 44 گە، كالا، قوي 50 تۇياقتىن ئارتۇق ئائىلەدىن 35؛ تىرىك چوشقا باقمىچىلىقىدىن سەككىز چوڭ ئائىلە بار، ھەممە باقمىچىلىقى 100 تۇياقتىن ئارتۇق. ئۆزگىچە كەسىپلەرنى پائال راۋاجلاندۇرۇش ____ ئالاھىدە ھايۋانات باقمىچىلىقى (ئىت بېقىش، ئېشەك بېقىش)، ھازىر ئالاھىدە ياسالغان يۈ لوڭ باقمىچىلىق رايونىدىن بىر، جەمئىي 10 ئائىلىلىك، ھازىر ھەر خىل ئىت بېقىش تۈرى 260، ھەر خىل كانتو ئېشەك 57.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#